جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تۈرمىدىكى مەھبۇسلار نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

سۇئال

مېنىڭ ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تىنچلىق شەكىلدە ئىلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتنىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. تۈرمە بىلەن بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئارىسى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلار تۈرمىدە نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇلار جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلىنىدۇ، ئۇلار ئون نەچچە ئايدىن بىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىدى؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەگەر مەھبۇس قامالغان تۈرمە ئۆزى تۇرىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا بولۇپ، نامازنى قەسىر قىلىدىغان مۇساپىگە يېتىدىكەن، ئۇ تۈرمىدە بولسىمۇ مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قاچان چىقىشىنى بىلمىسە، تۇرمىدىن چىققىچە قەدەر نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ، زۆرۈر بولغاندا جەملەپ ئادا قىلىدۇ. مەھبۇس تۈرمىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشىنى بىلسىمۇ (قاچان چىقىپ كېتىشىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن) نامازنى قەسىر ئوقۇيدۇ.

ئەمما ئۆزىنىڭ تۈرمىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشىنى ياكى بىر قانچە ئاي ياكى يىل تۇرۇشىنى بىلىدىكەن، ئۇ كىشى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ، يەنى نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامازنى قەسىر ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان سەپەر مۇساپىسى 80 (سەكسەن) كىلومېتىر ئەتراپىدا دەپ بېكىتىلگەن. كىمكى سەكسەن كىلومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يىراق بولغان جايغا سەپەر قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ نامازنى قەسىر قىلىدۇ ۋە جەملەپ ئوقۇشقا رۇخسەتتۇر. ھوشۇقىنى باسىدىغان ئاياغ بولسا ئۈچ-كېچە كۈندۈز ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىدۇ، رامىزان بولسا روزا تۇتماي ئېغىز ئاچىدۇ.

باشقا بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپ ئۆزىنىڭ قاچان قايتىشىنى بىلمەيدىغان كىشىمۇ شۇ يۇرتتا تۇرغان مۇددەت جەريانىدا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنى ناملىق ئەسىرى 2-توم 215-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر جايدا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان كىشى گەرچە بىر قانچە يىل تۇرۇپ كەتسىمۇ نامازنى قەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىمەن دەپ تۈگىتەلمىگەن ياكى جىھادقا چىقىپ قايتىپ كېلىپ بولالمىغان، ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۈرمىگە سولانغان ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر يەردە تۇرۇپ قالغان، ئۆز قارىشىدا قىسقا مۇددەتتە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئىشىم پۈتىدۇ دەپ قارىغان كىشىلەر، يۇقىرىقى ھالەتلەرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئادا قىلىدۇ".

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار، مۇساپىر بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشنى مەقسەت قىلماي گەرچە بىر قانچە يىل تۇرۇپ قالسىمۇ نامازنى قەسىر قىلىدۇ دېگەن كۆزقاراشتا بىرلىككە كەلگەن". بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 105844- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز ئەمەس، ئەمما مۇمكىن بولسا ئۇلار تۈرمىنىڭ مەسچىتىدە توپلىشىپ جۈمە ئوقۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا ھەر كىم ئۆز كامېرىسىدا بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ كېڭىشى بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكىدەك پەتىۋا بەرگەن: "تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كامىرلىرىدا تۇرۇپ جۈمە نامىزى ۋە بەش ۋاقىت نامازنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇشقا قادىر بولالمايدۇ، پەقەت مىكرىپۇن ئارقىلىق ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا جۈمە نامىزى پەرز بولمايدۇ. ئەگەر تۈرمە مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى مۇمكىن بولسا، جامائەت بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ، مۇمكىن بولمىسا جۈمەنىڭ ئورنىغا پېشىن ئوقۇيدۇ.

تۈرمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا مۇمكىن بولمىسا، ھەر بىر كامىردىكىلەر ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز كامېرىلىرىدا ئوقۇيدۇ". [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى 12-توم155-156-بەتلەر].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "تۈرمىنىڭ ئىچىدە ياكى باشقا ئورۇندا جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان بولسا، تۈرمىدىكىلەر بېرىپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالىسا ئۇلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز بولىدۇ. ئەگەر جۈمە نامىزىغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ." [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 8/184].

ئەگەر تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا سوت ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، بۇ ھۆكۈم ئۇلارغا مەزكۇر تۈرمىدە ئىجرا قىلىنسا، ئۇ تۈرمىدە مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نامازنى قەسىر قىلىشى، جۇغلاپ ئوقۇشى ۋە رامزاندا ئىپتار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ئۆزىنىڭ كامېرىلىرىدا نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز ئەمەس لېكىن تۈرمە باشلىقلىرى ئۇلار ئۈچۈن تۈرمە مەسچىتىدە توپلىشپ جۈمە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا جۈمە ئوقۇسا بولىدۇ.

ئەمما مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتە قايسى تۈرمىدە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن يەنى ئۇلارنى سوت قىلمىغان بولسا، تۈرمىدە مەھبۇسلارنى بىر تۈرمىدىن يەنە بىر تۈرمىگە يۆتكەيدىغان ئىش بولسا، ئۇلار مۇساپىرنىڭ ھۆكۈمىدە بولۇپ، نامازنى قەسىر قىلىپ جۇغلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئەسىرلەرنى تۈرمىدىن ئازات قىلىشىنى، قىيىنچىلىقتا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىشنى سورايمىز.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 81421- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى