پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

جۈمە كېچىسى تاق كېچىگە توغرا كەلسە، ئۇ قەدىر كېچىسى بولامدۇ؟

سۇئال

بۇ يىل رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: جۈمە كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەردىن بىرىگە توغرا كەلسە، ئۇ كېچە قەدىر كېچىسى بولۇشى مۇمكىن دېگەن، بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

بىز شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ سۆزنى ئۇچرامىدۇق. ئەمما بۇ سۆزنى ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ھۈبەيرەدىن نەقل قىلغان، ئىبنى ھۈبەيرە رەھىمەھۇللاھ: "جۈمە كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەردىن بىرىگە توغرا كەلسە، ئۇ كېچىنىڭ قەدىر كېچىسى بولۇشى باشقا كېچىلەردىن بەكرەك ئۈمىت قىلىنىدۇ دېگەن". ["ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھنىڭ "لەتائىپۇل مائارىپ" ناملىق ئەسىرى 203-بەت"].

بۇ سۆزنىڭ ساھىبى بەلكىم جۈمە كېچىسى ھەپتىلىك كېچىلەرنىڭ ئەۋزىلى بولغانلىقى ئۈچۈن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرى جۈمە كېچىسىگە توغرا كەلسە، ئۇ كېچىنىڭ قەدىر كېچىسى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن ياكى ساھابىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرىدىغان بىرەر دەلىل تاپالمىدۇق. ئەمما پەيغەمبەرئەلەيىھسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، قەدىر كېچىسىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىدە بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تاق كېچىلەردە بولىشىنىڭ، يىگىرمە يەتتىنچى كېچىنىڭ قەدىر كېچىسى ئىكەنلىكىنى قەتئىي جەزىملەشتۈرمەستىن قەدىر كېچىسى بولىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئاخىرىقى ئون كۈننىڭ كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە كۆپ تېرىشىشى لازىم.

شەيخ سۇلايمان ئەلماجىد (ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىسلام شەرىئىتىدە، جۈمە كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرگە توغرا كەلسە، ئۇ كېچە قەدىر كېچىسى بولىدۇ دېگەنگە دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمىز، بۇنى كەسكىن بېكىتمەسلىك ۋە توغرا دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق كېرەك. ئون كۈننىڭ كېچىسىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە تىرىشچانلىق قىلىش يولغا قويۇلغان بولۇپ، شۇنداق قىلغان كىشى چوقۇم قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىنى تاپالايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. (تۈگىدى).

http://www.salmajed.com/fatwa/findfatawa.php?arno=9880

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قەدىر كېچىسى رامزاندا بولىدۇ، ئاندىن رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە، ئۇ ئون كۈننىڭ تاق كېچىلىرىدە بولىدۇ، مەلۇم بىر كېچىدە بولىدىغانلىقى بېكىتىلمىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئومۇمى خەۋەرلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ". [پەتھۇل بارى 4-توم 260-بەت].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى قەدىر كېچىسىنى يىگىرمە يەتتىنچى كېچە دەپ قەسەم قىلغان بولۇپ، بۇ قەدىر كېچىسى توغرىسىدىكى قاراشلارنىڭ بىرىدۇر، كۆپچىلىك ئالىملارقەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىكى مەلۇم بىر كېچە، ئۇ كېچىنىڭ تاق كېچە بولىشى كۈچلۈك، ئۇ كېچىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى، يىگىرمە ئۈچىنچى ۋە يىگىرمە بىرىنچى كېچە بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار قەدىر كېچىسى تاق كېچىلەردىن مۇئەييەن بىر كېچىدە بولىدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايدۇ، تەتقىقاتچى ئالىملار: قەدىر كېچىسى ھەر يىلى يۆتكىلىدۇ، بىر يىلى يىگىرمە يەتتىنچى كېچىدە يەنە بىر يىلىيىگىرمە ئۈچىنچى كېچىدە، يەنە بىر يىلى يىگىرمە بىرىنچى كېچىدە ، يەنە بىر يىلى باشقا كېچىلەردە بولىدۇ دەپ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۇرۇپ ئىزاھلايدۇ. ["ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 6-توم 43-بەت].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 50693- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى