سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بامدات ۋاقتى بىلەن كۈن چېقىش ۋاختىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىت پەرق قىلىدىغان دۆلەتتە ياشايدىغان كىشىلەر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ ۋە روزىنى قانداق تۇتىدۇ؟.

سۇئال

بىز ئەنگىلىيىدە بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا كۆپ قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، تەخمىنەن كېچە سائەت بىردە بامداتنىڭ ۋاقتى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەتراپ قاراڭغۇ يورۇق چۈشمەيدۇ، ئەتتىگەن سائەت تۆت يېرىمدا كۈن چىقىدۇ، كۈن چېقىشتىن بىر يىرىم سائەت بۇرۇن ئاسماندا نۇر پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇ ۋاقىتتا سوھۇرلۇقنى توختاتساق توغرا بولامدۇ؟ بىلىشىمچە بوامداتنىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت بىردىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە بولىدۇ، نامازغا سائەت تۆتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن توختاش زۆرۈر بولىدىغان ۋاقىت تۇنجى تاڭنىڭ يورىغان ۋاقتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن بىلال كېچىدە ئەزان ئوقۇيدۇ، ھەتتا ئابدۇللاھ ئىبنى مەكتۇم ئەزان ئوقۇغۇچە يېمەك-ئىچمەكنى داۋاملاشتۇرۇڭلار چۈنكى ئابدۇللاھ ئىبنى مەكتۇم ئەما كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار تاڭ يورىدى دېگەندىن كىيىن ئاندىن ئەزان ئوقۇيتتى. بۇخارى رىۋايىتى617-ھەدىس].

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" بىرىنچى بۆلۈم 10-توم 283-بەتتە مۇنداق كەلگەن: روزا تۇتقۇچىنىڭ يېمەكتىن توختىشى ۋە ئىپتار قىلىشىدىكى ئەسلى ھۆكۈم ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدە بايان قىلىنغان: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت]. تاڭ يورۇغىچە يېمەك-ئىچمەك دۇرۇس بولىدۇ، تاڭنىڭ يورۇشى بولسا ئاللاھ تائالا يېمەك-ئىچمەكنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۈچۈن ئاخىرقى چەك قىلغان سۈبھىنىڭ ئاقلىقىدۇر، تاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يورۇقلۇقى ئاشكارا بولغان ۋاقىتتا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ، ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ بىر نەرسە يېسە ياكى ئېچسە، ئەزان تاڭنىڭ كىيىنكى يورۇقلىقىدىن كىيىن ئېيتىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئەزان كىيىنكى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئېيتىلغان بولسا ئۇ كىشىگە شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ".

شۇنىڭغا ئاساسەن: ئىنسان كېچە-كۈندۈز تولۇق ئايرىلىدىغان شەھەرلەردە ياشىغان بولسا، روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن چەكلىنىش تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقىچە بولىدۇ، بۇنىڭدا كېچە ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن، تاڭنىڭ يورۇش ۋاقتى بىلەن كۈننىڭ چېقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن ئوخشاش بولىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 106527- ۋە 2196 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: بامداتنىڭ ۋاقتىنى كۈن چېقىشقا ئەللىك مىنۇت قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرسە ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى بامداتنىڭ ۋاقتى سۈبھى يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىتتا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن چېقىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى612-ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى