سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

كېسەللىك سەۋەبىدىن ئورۇقلاپ كەتكەن بولسا، رامىزاندا روزا تۇتمىسمۇ بولامدۇ؟

سۇئال

ئۆتكەن يىلى سالامەتلىكىم ياخشى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن بەدەن تەڭپۇڭلىقىمنى يوقىتىپ، بەدەن ئېغىرلىقىم بەك تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇ سەۋەپتىن دوختۇرنىڭ تەلىماتى بويىچە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتالمىدىم، بۇ يىل ئەھۋالىم بىر ئاز ياخشى، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقىم يەنىلا تۆۋەن مۇۋاپىق ئەمەس، ئاتا-ئانام، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىم ۋە يېقىن دوستلىرىم بۇ يىلمۇ روزا تۇتماسلىقىمنى تەۋسىيە قىلدى، مەن ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىشتىم، چۈنكى مەن بۇ يىل ئۆزۈمنى خىلى ياخشى بولۇپ قالغان، روزا تۇتالايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئانام بىز تۇرىۋاتقان جايدىكى مەسچىتنىڭ ئىمامىغا تىلىپۇن قىلىپ مېنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەندۈردى، ئىمام مېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى رامزاندا روزا تۇتماسلىقىمنى بۇيرىدى. مەن ئۇلارنىڭ تەۋسىيىلىرىنى قوبۇل قىلىپ روزا تۇتماي كېيىن تولۇق ياخشى بولغاندا ئاندىن قازاسىنى تۇتىمەنمۇ ياكى مۇشۇ ئەھۋالىم بىلەن روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك، كېسىلىڭىزگە شىپالىق بېرىشىنى سورايمىز. سىز مەسئۇل دوختۇرىڭىزبىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك. دوختۇر سىزنىڭ روزا تۇتۇشقا بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىڭزنى تەكىتلەپ، روزا تۇتسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ۋە كېسىلىڭىزنىڭ شىپا تېپىشىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا، بۇ سۆز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سىز ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايسىز.

ئەمما دوختۇر سىزگە روزا تۇتسىڭىز مۇشەققەت بولىدۇ، سالامەتلىك جەھەتتە بەزى قىيىنچىلىقلار بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز روزا تۇتماي، ئاللاھ تائالا كېسىلىڭىزگە تولۇق شىپالىق ئاتا قىلىپ، سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگەندە رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز ياخشى بولىدۇ.

مالىكى مەزھىپىدىكى ئالىملاردىن دەردىير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ روزا تۇتسىڭىز كېسىلىڭىز زىيادە بولىدۇ ياكى كېسىلىڭىزنىڭ شىپا تېپىشى كېچىكىپ كېتىدۇ دەپ قارىغان بولسا بىمارنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك روزا تۇتۇش بىلەن مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق ھاسىل بولسا روزا تۇتمايدۇ. ["ئەششەرھۇل كەبىر مەئە ھاشىيەتۇل دۇسۇقىي 1-توم 535-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى زىيادە بولىدىغان ياكى كېسىلىنىڭ ساقىيىشى كېچىكىپ كېتىدىغان ياكى روزا تۇتۇش بىلەن كۆپ مۇشەققەت-قىيىنچىلىق ھاسىل بولىدىغان ھالەتتە بىمارنىڭ روزا تۇتماسلىقى دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمما روزا تۇتسا ھېچ قانداق تەسىر بولمايدىغان چىش ئاغرىقى، بارماق ئاغرىقى قاتارلىق بىمارلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى چىشى ئاغرىپ قالغان كىشى روزا تۇتمىسا، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە ھېچ پايدىسى بولمايدۇ. لېكىن دوختۇر بىمارغا: روزا تۇتماي يېمەكلىكنى ۋاقتىدا يېسىڭىز بۇ چىشىڭىزنىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىللىتىدۇ دېگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتمىسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا يېمەكلىكنىڭ كەمچىل بولىشى سەۋەبىدىن كېسەلنىڭ ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، ئاغرىقى كۈچىيىپ كېتىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. كۆز ئاغرىقىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، كۆزى ئاغرىغان كىشى روزا تۇتسا كۆزىنىڭ ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتسە روزا تۇتمايدۇ، تەسىرى بولمىسا روزا تۇتۇۋېرىدۇ. [ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھنىڭ "تەئلىقات ئەلەلكاپى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 123-بەت].

ئىنساننىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياشتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى روزا تۇتماسلىققا سەۋەپ بولالمايدۇ، ئەمما روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىق بارلىققا كېلىدىغان ئېھتىمالى بولسا، روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن يىمەكلىك كەمچىللىكىنى تولۇقلاش مۇمكىن بولامدۇ، بولمامدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش زۆرۈر بولىدۇ.

بۇ توغرىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 140246- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى