سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېگىز بىنالاردا تۇرىدىغان كىشىلەر قانداق ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدۇ؟

سۇئال

دۇبەيدىكى ئېگىزلىكى 160 قەۋەت كىلىدىغان خەلىپە قەسرىسىدە تۇرىغان كىشىلەر شەھەردە شام نامىزىغا ئەزەن ئوقۇلغاندا ئىپتار قىلامدۇ ياكى قانداق قىلىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

1-ئىسلام شەرىئىتى روزىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئوچۇق ئالامەتنى مۇئەييەنلەشتۇردى. ئۇ بولسىمۇ؛ قۇياشنىڭ ئۇپۇق ئارقىسىغا يوشۇرىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. قۇياش غايىپ بولىدىكەن روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىپتار قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

110407-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كۈننىڭ ئولتۇرۇشى بىلەن كېچىنىڭ ئاۋۋالقى قىسمى باشلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېچە شەرق تەرەپتىن يۈزلەنسە، كۈندۈز غەرب تەرەپكە يۈزلەنسە، كۈن پاتسا، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1954-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1100-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۈن تولۇق ئولتۇرغاندا روزىنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ". ["ئەلمەجمۇ شەرھى مۇھەززەب" ناملىق ئەسەر 6-توم 304-بەت].

كۈن ئولتۇرۇش دېگەندىن: قۇياش دائىرىسىنىڭ تولۇق چۈشۈپ غايىب بولىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئوپۇقتا قالغان قىزىللىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، قۇياش دائىرىسى تولۇق غايىب بولغاندا، ئىپتار قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

ھاپىز ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس، قۇياش دائىرىسىنىڭ غايىب بولۇشى بىلەنلا شام نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرىدىغانلىقى، روزا تۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئىپتار قىلىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. بۇ قاراشنى ئىبنى مۇنزىر ۋە باشقا ئالىملار ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى دەپ بايان قىلغان. ھەنبەلى، شافىئىي ۋە باشقا مەزھەب ئالىملىرى: "قۇياش دائىرىسىنىڭ كۆزدىن غايىپ بولۇشى بىلەن، ئاسماندا قالغان قىزىللىق ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، دەيدۇ". ["پەتھۇل بارى 4-توم 352-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇياش دائىرىسى غايىپ بولغاندا روزا تۇتقۇچىلار ئىپتار قىلىدۇ، چەكلەنگەن ۋاقىت يوق بولىدۇ، ئاسماندا قالغان قىزىللىقنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمگە ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ". [شەرھى ئۇمدەتۇل پىقھى 169-بەت].

2- ھەممەيلەنگە مەلۇم، قۇياشنىڭ غايىپ بولىشى بىر ئورۇن بىلەن يەنە بىر ئورۇندا، بىر شەھەر بىلەن يەنە بىر شەھەردە ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بىر يۇرتتىمۇ ئېگىز ئورۇندا تۇرغان كىشىلەر بىلەن چوڭقۇر ئورۇندا تۇرغانلارغا نىسبەتەن قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىسلام شەرىئىتى ئىپتار قىلىشنى قۇياشنىڭ غايىپ بولىشىغا ئالاقىدار قىلىپ قويدى، كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا ھەر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزى تۇرغان ئورۇن ھېسابى بويىچە ھۆكۈم بېرىلىدۇ، ئۆزى تۇرغان ئورۇندا قۇياش غايىپ بولغاندا ئىپتار قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا باشقا جايدا قۇياش غايىپ بولسۇن ياكى غايىپ بولمىسۇن بۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ.

ئېگىز بىنادا تۇرىۋاتقان كىشىلەرگە، پەستە تۇرىۋاتقان كىشىلەر قۇياش غايىپ بولدى دەپ ئىپتار قىلسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرى قۇياشنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرمىگىچە ئىپتار قىلمايدۇ.

ھەنەفىي ئالىملىرىدىن بولغان پەخرىدىن زەيلەئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" رىۋايەت قىلىنىشچە، "ئەل مۇختەسەر" ناملىق ئەسەرنىڭ مۇسەننىپى پىقھى ئالىم ئەبۇ مۇسا ئەددەرىرى رەھىمەھۇللاھ ئىسكەندىرىيىگە كەلگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭدىن كىشىلەر: ئىسكەندەرىيە مونارىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەر، شەھەردىكىلەر ئۈچۈن قۇياش ئولتۇرۇپ خىلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قۇياشنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارمۇ ئىپتار قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: "ياق شەھەردە تۇرۇۋاتقانلار ئىپتار قىلىدۇ، مۇناردا تۇرۇۋاتقانلار ئىپتار قىلمايدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، دېگەن". ["تەبيىنىل ھەقائىق"1 -توم 321-بەت].

ئىبنى ئابىدىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيزىل قەدىرنىڭ مۇسەننىپى مۇنداق دېگەن: ئىسكەندەرىيە مۇنارىغا ئوخشاش ئېگىز جايدا تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرغان جايدا قۇياش غايىپ بولمىغىچە ئىپتار قىلمايدۇ، ئەمما شەھەردىكى كىشىلەر قۇياشنىڭ غايىب بولغانلىقىنى كۆرسە ئۇلار ئىپتار قىلىدۇ، شۇنىڭدەك بامدات نامىزى ياكى سوھۇرلۇق ئۈچۈن ھەر قايسى جايدا تاڭنىڭ يورىغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ". ["ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين"2 -توم 420-بەت].

مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پىقھى كىتابلىرىدا، بىرلا ۋاقىتتا، ئىككى ئادەمنىڭ بىرى ئېگىز مۇنارنىڭ ئۈستىدە قۇياشنى كۆرگەن بولسا، يەنە بىرى يەردە تۇرۇپ قۇياشنى كۆرمىگەن بولسا، قۇياشنى كۆرمىگەن كىشى ئىپتار قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، قۇياشنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئىپتار قىلىشى توغرا بولمايدۇ، دەپ بايان قىلىنغان". ["پەيزۇل بارى 3-توم 355-بەت].

دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 297-بەتتە: "ھەر بىر روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئۆزى تۇرىۋاتقان ئورۇننىڭ ھېسابى بويىچە ھۆكۈم بېرىلىدۇ، زېمىندا بولسا زېمىننىڭ، ھاۋادا (ئايروپىلاندا) بولسا تۇرغان جايىنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاغ ئۈستىدە ياكى چوڭقۇر ئويمانلاردا ياكى ئېگىز قەلئە-مۇنارلاردا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ھەر بىرىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرغان يېرىدە قۇياش غايىپ بولغان كىشىلەر ئىپتار قىلسا بولىدۇ، غايىپ بولمىغان كىشىلەر ئىپتار قىلسا بولمايدۇ." [شەرھىل مۇمتىئ 6-توم 398-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "مۇئەززىن ئەزەن ئوقۇغان ۋاقىتتا ئېگىز جايدا تۇرۇپ قۇياشنى كۆرگەن ئادەم ئىپتار قىلمايدۇ." ["ئايلىق ئۇچرىشىش"41-سان 22-بەت].

شۇنىڭدەك ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارمۇ قۇياشنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى كۆرگەندە ئاندىن ئىپتار قىلىدۇ.

دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: روزا تۇتقان كىشى ئايرۇپىلاندا بولسا، سائەت ياكى تېلېفۇن ئارقىلىق ئايرۇپىلان يېقىنلاشقان شەھەردە ئىپتار قىلغانلىقىنى بىلسە ئەمما ئۇلار ئېگىز ئۇچۇۋاتقانلىغى ئۈچۈنئايروپىلاندا قۇياشنى كۆرسە، ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:" وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ تەرجىمىسى: تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت]. قۇياشنى كۆرۈپ تۇرغان كىشى ئۈچۈن بۇ غايە ئەمەلىيلەشمىگەن بولىدۇ." [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 10-توم 137-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىز رامىزاندا سەپەر قىلساق، سەپەر جەريانىدا روزا تۇتساق، كەچ كىرگەندە بىز ئۈستىدىن ئۆچۈپ ئۆتكەن يۇرتنىڭ ۋاقتى بويىچە ئىپتار قىلىمىزمۇ ياكى بىز ئۇچۇپ كېتىپ بېرىپ قۇياشنىڭ دائىرىسى كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولغاندىن كېيىن ئىپتار قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قۇياشنىڭ غايىپ بولغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئىپتار قىلىسىلەر. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېچە بۇ تەرەپتىن يۈزلەنگەندە، قۇياش غايىپ بولغاندا روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]. ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 437-بەت. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، 106475- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئېگىز بىنا ۋە قەلئەلەردە تۇرىدىغان كىشىلەر قۇياشنىڭ غايىپ بولىشىدا، ئۆزى تۇرغان جاي بىلەن يەردە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يۈز بېرىدىغان پەرقلەرگە رېئايە قىلىشى كېرەك.

دۈبەي ئىسلام ئىشلىرى پەتىۋا ئىدارىسى بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: " 160 قەۋەتتىن شەكىللەنگەن خەلىپە مونارىدا تۇرىدىغان كىشىلەر رامزاندا يەردە تۇرىدىغان كىشىلەردىن ئىپتارنى كېيىنرەك قىلىشى كېرەك، 80-قەۋەتتىن 150-قەۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا تۇرىدىغانلار ئىپتارنى شام نامىزىغا ئەزەن چىقىپ ئىككى مىنۇتتىن كېيىنقىلىشى كېرەك، 150-قەۋەتنىڭ ئۈستىدىكىلەر شام نامىزىنىڭ ئەزىنىدىن ئۈچ مىنۇت كىيىن ئىپتار قىلىشى كېرەك، خۇپتەننىڭ ۋاقتىمۇ يەر دىكىلەردىن ئۈچ مىنۇت پەرق قىلىدۇ، 80-قەۋەتنىڭ تۆۋىنىدە تۇرىدىغانلار بولسا يەردىكى مەسچىتلەردە ئەزان ئوقۇلغاندا ئىپتار قىلسا بولىدۇ". تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن مەزكۇر جاۋابنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭلار.

http://www.emaratalyoum.com/local-section/other/2011-08-06-1.414355

ياكى http://www.aleqt.com/2011/08/06/article_566738.html

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى