دۇشەنبە 15 رەجەب 1444 - 6 پىۋرال 2023
Uygur

تەۋبە قىلغاندىن كىيىن ھارام مالدىن قۇتۇلۇشنىڭ ھۆكۈملىرى توغرىسىدا

219679

تارقاتقان ۋاقىت : 28-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 216

سۇئال

   تەۋبە قىلغاندىن كىيىن ھارام مالدىن قۇتۇلۇش توغرىسىدىكى نۇرغۇن پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، لېكىن بۇ مەسىلىدە ماڭا توغرىسى ئېنىق بولمىدى، بەزىسىدە: سەدىقە قىلىش كېرەك دەيدۇ، بەزىسىدە: ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك دىسە، بەزىسىدە: ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ دەيدۇ، بۇ مەسىلىدە ھارام مال بىلەن باشقا مالنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟، بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش قايسى؟ چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھارام مالنىڭ ئۈچ تۈرلۈك شەكلى ۋە بىر قانچە خىل ھالىتى بولىدۇ، بەزى نەرسىنىڭ ئۆزى ھارام بولىدۇ، ياكى ئۇنى كەسىپ قىلىش ھارام بولىدۇ، بەزى نەرسىنى كەسىپ قىلىش ھارام بولىدۇ، ئۇنى ئىگىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ياكى رازىلىقىسىز ئالغان بولىدۇ، بەزى نەرسىنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلمەي تۇرۇپ ياكى ئىزاھلاپ تۇرۇپ كەسىپ قىلىدۇ، مۇشۇنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىم ھۆكۈم بولىدۇ.

    بىرىنچى: كىمكى ئۆزى ھارام بولغان مالنى كەسىپ قىلسا ياكى شەرىئەت سېتىشتىن، سېتىۋىلىشتىن ۋە ئىشلىتىشتىن چەكلىگەن نەرسىگە قايسى يول بىلەن ئىگە بولسۇن، ئۇ نەرسە ئىگىسىگە قايتۇرۇلمايدۇ، ئۆزىمۇ تۇتۇپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنى يوق قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنى سېتىش بىلەن، سېتىۋېلىش بىلەن، ھەدىيە-سوغات قىلىش بىلەن ياكى ئىگە بولۇش بىلەن ياكى باشقا يوللار بىلەن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى توغرا بولمايدۇ، ئۆزى ھارام بولغان مالدىن: چوشقا، ھاراق، بۇت قاتارلىق نەرسىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: كىمكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ھەقسىز، ئىگىسىنىڭ رازىلىقىسىز، ئىزنىسىز ئالىدىكەن، خۇددى باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان، ئىزنىسىز ئېلىۋالغان، ئومۇمنىڭ مېلىدىن تۇيدۇرماي ئالغان، ئالدامچىلىق. ساختىپەزلىك بىلەن ئالغان، باشقىلارغا جازانە بېرىپ مەجبۇرى شەكىلدە بەرگەن پۇلدىن ئارتۇق ئېلىش، ئۆز ھەققىنى ئىلىشقا مەجبۇر بولۇپ پارا بەرگەندەك ھارام ئالغان بولىدۇ، مۇشۇ مالنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ چۈنكى مەسئۇلىيەت پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەن ئادا بولىدۇ.

     ئەگەر ئۇنى ئۆزى ئىشلەتكەن ياكى پايدىلانغان بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرغانغا قەدەر زىممىسىدە قەرىز بولۇپ تۇرىدۇ.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىلىنغان نەرسە ئىگىسىنىڭ رازىلىقىسىز بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىلىنى تولۇق ئۆتىمىگەن بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، ئەگەر قايتۇرۇش مۇمكىن بولمىسا، ئىگىسىنىڭ قەرزى بارلىقىنى بىلسە ئۇ كىشى نامىدىن قەرزنى ئۆتەيدۇ، بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا، ئۇنى ۋارىسلىرىغا قايتۇرىدۇ، بۇمۇ مۇمكىن بولمىسا ئىگىسىنىڭ نامىدىن سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

    ئەگەر قىيامەت كۈنى ھەق ئىگىسىنى ئۇنىڭ ساۋابىنى تاللىسا ئۇنىڭغا ساۋابى بولىدۇ، ساۋابىنى تاللىمىسا، دۇنيادا مېلىنى ئېلىۋالغان كىشىنىڭ ياخشىلىقىدىن مېلىنىڭ ئوخشىشى ئىلىپ بېرىلىدۇ، دۇنيادا قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى بولسا سەدىقە قىلغۇچىغا بولىدۇ.

     بۇ قاراش ساھابىلاردىن ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- مۇشۇنداق ئىسپاتلانغان". ["زادىل مىئاد" 5-توم 690-بەت]. 

     ئۈچىنچى: ھارام مۇئامىلىلەر بىلەن كەسىپ قىلغان ۋە بۇ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەسىپ قىلغان مال ياكى ئۆزى ئىشەنچ قىلىدىغان بىرەر ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسلىنىپ توغرا دەپ قاراش بىلەن ئېرىشكەن مال بولسا، ئۇ مالنىڭ ئىگىسىگە بىر نەرسە كېرەك بولمايدۇ، لېكىن بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن بۇنىڭدىن قول ئۈزۈشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ ‏  تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ.»  [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ قارىشىمىزدا شەكسىز بولغان ئىش: ھالال دەپ چۈشۈنۈپ ياكى ھاراملىقىنى بىلمەي ئالغان نەرسە بولسا، شەكسىز ئىلگىرى ئالغىنى ئۇ كىشىگە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىشى كېرەك، قۇرئان ، ھەدىس ۋە قىياسلار بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ". ["كۆپچىلىك ئۆلىمالارغا مۇشكىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى" 2-توم 592-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى مۇجتەھىد ئىماملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ بولغان مۇئامىلە بىلەن مال كەسىپ قىلغان بولسا، بۇنى ئىماملارنىڭ تىرىشچانلىقى ياكى ئۇلارغا ئەگىشىش بىلەن ياكى ئۇنى بەزى ئالىملارغا ئوخشىتىپ ياكى ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۇ توغرىدا پەتىۋا بەرگەنلىكىگە ياكى باشقا دەلىللەرگە تايىنىپ ھالال دەپ چۈشەنگەن بولسا، بۇ يول بىلەن كەسىپ قىلغان ياكى تاپشۇرۇپ ئالغان ماللارنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك بولمايدۇ. ئەمما مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ كىشىگە بۇ ئىشتا خاتا قىلغانلىقى ۋە پەتىۋا بەرگەن كىشىنىڭ خاتالاشقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ بۇنى قايتۇرمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن بەزى ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىغا ئاساسەن توغرا دەپ ئىتىقاد قىلىپ سودا-سېتىق قىلغان، ئىجارە قىلغان ۋە مۇئامىلە قىلىپ مال كەسىپ قىلغان بولسا،  كىيىن بۇ توغرىدىكى پەتىۋانىڭ توغرا بولمىغانلىقى ۋە ئۇ ئىشنىڭ ھارام بولغانلىقى ئاشكارا بولغان بولسا، ئۇلارغا ئىلگىرىكى چۈشەنچە بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان ماللار ھارام بولمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 443-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىلىپ، كىيىن ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، ئۇ كىشى ئىلگىرىكى ئىشى سەۋەبىدىن جازالانمايدۇ، بىلمەستىن توغرا دەپ جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلىپ بىر نەرسىلەرگە ئېرىشكەن بولسا، كىيىن ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن يانغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئىلگىرى ئالغان نەرسىسى ھالال بولىدۇ". ["كۆپچىلىك ئۆلىمالارغا مۇشكىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى" 2-توم 578-بەت].

   "دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ پەتىۋاسىدا "بانكىدا خىزمەت قىلغان مۇددەتتىكى خاتالىقلىرىڭىزنى ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، بانكىدا ئىشلەش جەريانىدا ئالغان ۋە توپلىغان پۇللىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى سىز بۇ يەردە خىزمەت قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭىز". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"15-توم 46-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولسا، ئالغان نەرسىلىرىدە ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ياكى بىرەر ئالىمنىڭ ھارام ئەمەس دېگەن پەتىۋاسىغا تايانغان بولسا، ئالغان نەرسىسىدىن ھېچ نەرسىنى چىقارمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ ‏ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].  "ئايلىق ئۈچرىشىش" 67/19.

    تۆتىنچى: بىر كىشى ھاراملىقنى بىلىپ تۇرۇپ ھارام مال كەسىپ قىلغان بولسا، ھارام مالنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى ئالغان بولسا، خۇددى پاسىد ئەقدە بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ھارام خىزمەتنى قىلىپ ھەق ئالغان ياكى ھارام تىجارەتتىن پايدا ئالغان، ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، جازانە توختامى يېزىپ ئىش ھەققى ئالغان، ياكى باشقىلاردىن ھەقسىز پارا ئالغان ياكى تۈرلۈك شەكىلدىكى قىمار ئويۇنلىرىدىن تاپقان مال بولسۇن، رەمماللىق، باخشىلىق، چىمكىشچىلىك قاتارلىق ئىشلاردىن تاپقان مال بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى ھارام كەسىپتىن كەلگەن مال بولۇپ، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئۇنى ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تاپشۇرۇپ ئالغۇچى بەرگۈچىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئالغان بولسا، بەرگۈچى ھارام بەدەلنى تولۇق ئالغان، بۇ خۇددى ھاراق ۋە چوشقىغا ياكى زىنا-پاھىشىگە بەدەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر، بۇنداق يول بىلەن ئىلىنغان مالنى بەرگۈچىگە قايتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مالنى ئۇ كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىقارغان، ئۇنىڭ ئورنىغا ھارام بەدەلنى تولۇقلاپ ئالغان، ھارام بىلەن ئۇنىڭغا بېرىلگەن بەدەلنى بىرلەشتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش گۇناھ-مەسىيەت، دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلىك ۋە يامان ئىش قىلغۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

    زىنا قىلغۇچى ۋە پاھىشە قىلغۇچى ئۆز مەقسىتىگە يىتىپ بولغاندىن كىيىن بەرگەن پۇلىنىڭ قايتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟!، بۇ شەرىئەت كىشىلەرنى  چەكلىگەن ئىشلاردىندۇر".   ["زادىل مىئاد" 5-توم 691-بەت].

    كۆپچىلىك ئالىملار، ھارام مالغا ئېرىشكەن كىشى بۇ ھارام ماللارنى پەقىر-مىسكىنلەر ياكى ئومۇمى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ، ئۇ مالدىن قۇتۇلۇپ كىتىشى كېرەك، ئۇنداق قىلماي باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسە ئاشۇ مىقداردىكى مالنى سەدىقە قىلىۋەتكەنكە قەدەر بۇ مال ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە قەرىز بولۇپ قالىدۇ دەيدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھاراق يۆتكەپ بېرىپ ئىش ھەققى ئالغان، كرېست بەلگىسى ياساپ ئىش ھەققى ئالغان، ياكى پاھىشە قىلىپ ئىش ھەققى ئالغان دېگەندەك ھارام مالدىن بەدەل ئالغان ياكى ھارام مالدىن مەنپەئەت ئالغان كىشى ئۇنى سەدىقە قىلىۋېتىشى كېرەك، قىلغان ھارام ئەمەللىرىگە تەۋبە قىلىشى لازىم، سەدىقىسى قىلغان ھارام ئىشىنىڭ بەدىلى بولىدۇ، بۇ بەدەلدىن پايدىلىنىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىگىسىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان نىجىس مالدۇر، چۈنكى مالنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ بەدىلىدىن تولۇق پايدىلاندى، بۇ مال سەدىقە قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا نۇرغۇن ئالىملار دەلىل بايان قىلىنغان. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ ھاراق يۆتكەپ ئىش ھەققى ئالغان كىشى توغرىسىدا كەسكىن قاراشلار  كەلگەن، ئىمام مالىك ۋە باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق قارىغان".  [ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22 -توم142 -بەت].

   " ئەل ئىختىيار لىتەلىلىل مۇختار"  3 -توم 61-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " نىجىس نەرسىگە ئىگە بولغاندا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى سەدىقە قىلىۋېتىشتۇر".

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 14 -توم 32 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھارام مالغا ئىگە بولغاندا ئۇنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىۋېتىشى بىلەن ئۇ مال ئۇ كىشىگە ھالال بولمايدۇ، بەلكى ئۇ مالنى خەيرىيەت ئىشلىرى ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن قۇتۇلۇش زۆرۈر بولىدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئالغان مالنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلسە، جازانە قاتارلىق ھارام ماللاردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۇنى سەدىقە قىلىۋېتىش ياكى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىش ياكى يول ياساش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ". "ئايلىق ئۇچرىشىش" 67/19.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ:  ئەگەر ھارام مالنى ئالغان كىشى كەمبەغەل بولسا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى يەتكۈدەك مىقداردا پايدىلانسا بولىدۇ دېگەن قاراشنى تاللىدى.

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئۇ مالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى تولۇق تەۋبە قىلىش ۋە ئۇنى سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن بولىدۇ، ئەگەر كەمبەغەل بولسا، ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يەتكۈدەك مىقداردا ئىلىپ قالىدۇ، قالغانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ، بۇ ھۆكۈم بەدىلى نىجىس بولغان ھەر قانداق نىجىس كەسىپ بىلەن ئېرىشكەن مال ياكى مەنپەئەتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ".  ["زادىل مىئاد"5-توم 691-بەت].

   شىيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى قارىشىدا، ئەگەر ئۇ كىشى ھەقىقى تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ، سەدىقە قىلىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ دېگەن پىكىرگە مايىل بولدى.

   ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن بولسا، بۇنىڭغا قاراپ چىقىش كېرەك بولىدۇ، ھەقىقەتەن بەز ۋاقىتتا بىر كىشى ھاراقنىڭ پۇلىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن مال كەسىپ قىلغان بولسا ئۇنىڭ ئىلگىرى ئالغىنى ئۆزىگە بولىدۇ دېگەن سۆز چۆرۈپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭدەك، ھەر قانداق كىشى ھارامدىن مال تاپقان بولساپاھىشە قىلىپ تاپقان ۋە رەمماللىق قىلىپ تاپقانغا ئوخشاش، ئۇ ئىگىسى رازى بولۇپ بەرگەن مال بولۇپ، ئالغان كىشى كىيىن تەۋبە قىلغان بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمگە ئوخشاش بولىدۇ. بۇ شەرىئەت ئاساسىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىك ئەمەس، ھەقىقەتەن شەرىئەت ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك تەۋبە قىلغۇچى بىلەن تەۋبە قىلمىغان كىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ ‏ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قُلْ لِلَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَنْتَهُوا يُغْفَرْ لَهُمْ مَا قَدْ سَلَفَ  تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. [سۈرە ئەنپال 38-ئايەت]. بۇنى كۇچلاندۇرىدىغان دەلىللەردىن: بۇ مال بۇزۇپ چېچىۋىتىلمەيدۇ، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق، بۇ مالنى ياكى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ ياكى ئەسلىدە ئالغان زىناخورغا ياكى ھاراق ئىچكۈچىگە بېرىۋېتىدۇ، ياكى دەسلەپتە ئالغان كىشى تەۋبە قىلغاندىن كىيىن مەنپەئەتلەنسە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ مالنى زىناخۇر بىلەن ھاراق ئىچكۈچىگە بەرگەن ۋاقتىدا پىقھى ئالىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىنى دېگىلى بولمايدۇ، بولمىغاندا ھەسسىلەپ پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ، سەدىقە قىلىشمۇ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولىدۇر.

    لېكىن مالنى كەسىپ قىلغاندىن كىيىن تەۋبە قىلغان كىشى كەمبەغەل بولسا مالغا ئۇ كىشى ھەممىدىن بەك لايىق، باشقا كەمبەغەللەردىن بەك ھەقلىق، بۇ توغرىدا بىر قانچە قېتىم پەتىۋا بەردىم، تەۋبە قىلغۇچى كەمبەغەل بولسا ئېھتىياجىغا كۆرە ئالىدۇ ۋە بۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ياردىمى بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇلسا، ماددى زىياننىڭ تەسىرىدىن تەۋبە قىلماسلىقى مۇمكىن. ئىسلام پرىنسىپلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلغان، ئويلانغان كىشى شەرىئەتنىڭ تەۋبە قىلغان كىشىگە ھەر تەرەپ كۆيۈنىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ كىشىنىڭ ئېلىشىدا بۇزۇقچىلىق بولمايدۇ، چۈنكى مالنى ئۇ كىشى ئالدى، ئەسلى ئىگىسىنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مالنىڭ ئۆزى ھارام بولمىدى، بەلكى ھاممامغا تايىنىپ ئالغانلىقى ئۈچۈن ھارام بولدى، بۇ تەۋبە قىلىش بىلەن كەچۈرۈم قىلىندى، ئۇ كىشىنىڭ كەمبەغەل بولماقلىقى بىلەن شەكسىز ھالال بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ باي بولماقلىقى بىلەن ئۇنى ئېلىشىدا قاراش بار، بۇنىڭدا يەنە مۇشۇ شەكىلدە مال كەسىپ قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبە قىلىشىغا ئاسانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالامۇنداق دېگەن:  فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ  تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ». ئاللاھ تائالا: مۇسۇلمان بولسا ۋە ھاراملىقى ئاشكارا بولمىسا دېمىدى، بەلكى «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن يانسا» دېدى، ۋەز-نەسىھەت دېگەن ھاراملىقى بىلمىگەن كىشىدىن بىلگەن كىشىگە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَعِظُكُمُ اللَّهُ أَنْ تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِين  تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار». [سۈرە نۇر 17-ئايەت].

"كۆپچىلىك ئۆلىمالارغا مۇشكىل بولغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى" 2-توم 593-596-بەت.

   "مۇسەننىپ ئىبنى ئەبۇ شەيبە"7-توم 285-بەتتە: ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير بىزگە رىبئى  ئىبنى سەئەدتىن ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى ئەبۇ جەئپەردىن يەنە بىر كىشى توغرۇلۇق سوراپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ ئۇ ھاممامغا ئىگە بولاپتۇ، ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە باشقا ماللىرىغا ئارىلاشتۇرىۋېتىپتۇ، كىيىن ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىپتۇ، ئەمدى ھەج قىلغىلى كەبىگە كەپتۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەندە، ئەبۇ جەپەر: مەنچە ئۇ كىشى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق ئىش قىلمىسۇن دېدى".

    شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئىنساننى تەۋبە قىلغاندىن كىيىن جازانە  كېلىشم بىلەن ئالغان مالنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇمىدى، پەقەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان جازانىنى قايتۇرۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ مالنى ئىگىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن ئالدى بۇ ئىزنىسىز ئالغان مالغا ئوخشىمايدۇ. بۇ مەسىلىدە ئۇ كىشىنى تەۋبە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى ئاسانلاشتۇرۇش بار، ھەرگىزمۇ تەۋبە قىلىشى ئۆتكەن زاماندىكى تەسەررۇپاتلىرى كۆپ بولسىمۇ ۋە قىيىن بولسىمۇ ئۇنى چوقۇم ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا توختىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس". ["پەتىۋا سەئدىيە" 303-بەت].

    ئىلگىرىكى سۆزلەرنىڭ خۇلاسىسى:

    شەرىئەت مالىيە ھەقلىرىنى بىكار قىلىۋەتكەن ھارام نەرسىلەردىن پايدىلىنىش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ بەلكى ئۇنى يوق قىلىش بىلەن قۇتۇلۇش زۆرۈر بولىدۇ.

   -ئىگىسىنىڭ رازىلىقىسىز، رۇخسىتىسىز توغرا بولمىغان يول بىلەن ئىلىنغان مالنى ئىگىسىگە ياكى ۋارىسلىرىغا قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەت ئادا بولىدۇ، ئۇلارغىمۇ يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇ كىشىنىڭ نامىدىن سەدىقە قىلىۋېتىدۇ.

    - ھارام مالنى ھاراملىقىنى بىلمەستىن كەسىپ قىلغان بولسا ياكى بۇ ھارام ئەمەس دەپ پەتىۋا بەرگەن كىشىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن ئىگە بولغان بولسا، بۇنىڭ ھاراملىقىنى بىلگەندىن كىيىن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك بولمايدۇ، تەۋبە قىلغانلىقى بۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ، بەلكى ئۆزى مەنپەئەتلىنىدۇ.

    -بىر كىشى مالنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىگە بولغان ۋە ئۇنى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقى بىلەن ئىلىپ كىيىن تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇ مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.

    ئۆلىمالار: بۇ كىشى ئۇ مالنى سەدىقە قىلىۋېتەمدۇ ياكى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىختىيار قىلىغىنىدەك ئۆزى مەنپەئەتلىنەمدۇ؟ دەپ ئىختىلاپ قىلىشتى.

    بىزنىڭ قىلىدىغان نەسىھىتىمىز:

   -خاتالىقتىن تەۋبە قىلغان كىشى باي بولسا، بۇ مالدىن قۇتۇلۇشقا قادىر بولسا، شۇنداق قىلىش بىلەن كۆڭلى ئارام تاپسا، دىندىكى ئېھتىيات يولىنى تۇتۇپ، زىممىسىنى پاكلاپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە ئۇنى پەقىر-مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىۋېتىشى كېرەك بولىدۇ.

    -ئەمما ئۇ مالنى سەدىقە قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمىسا، ياكى ئۇنداق قىلىش تەۋبە قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، ياكى قىيىن بولسا ياكى مالغا ئېھتىياجلىق كەمبەغەل بولسا، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىختىيار قىلغىنىدەك ئۇ كىشى ئۆزى مەنپەئەتلىنىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى