جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ دەپ ئوچۇق بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ لەپزىنى ئاساس قىلغىنىمىزدا قەستەن نامازنى تەرك قىلغۇچىنى بارلىق مىراس ھوقۇقىدىن چەكلىشىمىز، ئۇلارغا ئايرىم قەبرىستانلىق تەييارلاپ بېرىشىمىز، ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت-سالام تىلىمەسلىكىمىز زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى كاپىرغا تىنچلىق ۋە سالامەتلىك بولمايدۇ، شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى، ئەگەر بىز مۆمىن بولغان ياكى بولمىغان ئەرلەرنى ھېساب قىلساق ناماز ئوقۇيدىغان ئەرلەر 6% پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ، ئاياللارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ ئاز، يۇقىرىقى مەسىلىگە قارىتا شەرىئەتتە قانداق ھۆكۈم بار؟، نامازنى تەرك قىلغان كىشىگە سالام قىلىش ياكى سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمانلاردىن نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماستىن، قەستەن نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار: نامازنى قەستەن تەرك قىلغان كىشى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كەتكەن كاپىر ۋەمۇرتەد ھېسابلىنىدۇ، تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ ئەگەر تەۋبە قىلسا مۇسۇلمان بولىدۇ، تەۋبە قىلمىسا دىندىن يانغان مۇرتەد دەپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى ئوقۇلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمايدۇ، ھايات بولسۇن ياكى ۋاپات بولغان بولسۇن ئۇنىڭغا سالام بېرىلمەيدۇ ۋە سالىمى ئېلىك ئىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم، رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭغا مىراس بېرىلمەيدۇ، ئۇنىڭ مۈلكىدىنمۇ مىراس ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مىلى مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىگە غەنىمەت قىلىپ بېرىلىدۇ، مەيلى ئۇ كىشى كۆپ نامازنى تەرك قىلغان بولسۇن ياكى ئاز نامازنى تەرك قىلغان بولسۇن ئوخشاش تەرك قىلغان نامازنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن ھۆكۈم ئۆزگەرمەيدۇ دەيدۇ.

بۇ توغرا ۋە كۈچلۈك قاراش بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەھدى نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى توغرا ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ۋە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا مۇشۇ مەزمۇندىكى باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرگە كەلتۈرگەن].

كۆپچىلىك ئۆلىمالار: نامازنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلسا كاپىر، ئىسلام دىنىدىن چىققان مۇرتەد بولىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈمدىن ئىبارەت. ئەمما نامازنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماستىن ھورۇنلۇق-سەل قاراش بىلەن تەرك قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا مۇسۇلمان بولىدۇ، تەۋبە قىلمىسا كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلماستىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، يۇيۇپ، كېپەنلەپ، نامىزىنى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قېلىنىدۇ، مىراس بېرىلىدۇ ۋە مىراس ئېلىنىدۇ. نەتىجىدە؛ ئۇ كىشىگە ھايات بولسۇن ۋاپات بولسۇن ئاسىي مۇسۇلمانلارغا ئجرا قىلىنىدىغان ھۆكۈم ئىجرا قېلىنىدۇ، دەيدۇ.

مەنبە: [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتېتى پەتىۋا مەجمۇئەسى 6-توم 49-بەتتىن ئىلىندى]