سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ھالقىسىدۇر

216483

تارقاتقان ۋاقىت : 21-11-2018

كۆرگۈچىلەر : 2792

سۇئال

ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ ھەققىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىبادەت قىلىش ئاللاھغا يېقىنلىشىش بولامدۇ؟ بۇ ھەسەن بەسەرىنىڭ قارىشى بويىچە نەپلە ئىبادەت ياكى ھەجنىڭ ئورنىدا بولامدۇ؟ ھەسەن بەسەرى يېقىنلىرىدىن بىرىغا: "ئەي ئەئمەش! سىنىڭ قېرىندىشڭىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تۇرۇشۇڭ، ھەجدىن كېيىن ھەج قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ" دېگەن. ئۇ كىشىگە بۇ سۆزنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن دېگەنمۇ ياكى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ساۋابى شۇنداق بولامدۇ؟ ئىنسان قانداق قىلغاندا يەنە بىر ئىنساننى ئاللاھ يولىدا ياخشى كۆرۈپ، ئەرىشنىڭ سايىسىدا تۇرۇشقا مۇيەسسەر بولىدىغان دەرىجىگە ئېرىشەلەيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئىمانىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ھالقىسىدۇر، ئىسلام جەمئىيىتى ئۇنىڭغا تۇرغۇزىلىدىغان مۇھىم ئاساستۇر، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا يېقىنلىق ۋە دوستلۇق ھاسىل بولىدۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، يوقلايدۇ، زىيارەت قىلىدۇ، نەسىھەت قىلىشىدۇ، ياردەملىشىدۇ، ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن چەكلەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى ئىسلامى قېرىنداشلىقنىڭ مەنىسى روياپقا چىقىدۇ، ئۇلار بىلەن بولغان مۇئامىلە، ھەمراھلىق ۋە بىرگە ياشاشتا ئىماننىڭ لەززىتىنى تاپىدۇ.

   بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش بولسا ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ھالقىسىدۇر. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى18524-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ "تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە" كەلتۈرگەن.

    ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش بولسا ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە كاتتا ئەمەللەردىندۇر.

   ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ياخشىلىقتىن ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە ھەقىقى مۆمىن بولالمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى13- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى45-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى5017-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كەرمانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان يامانلىقتىن ئۆزىگە ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈن ياقتۇرماسلىقىمۇ ئىمانىنىڭ جۈملىسىدىندۇر". ["پەتھۇلبارى 1-توم 58-بەت].

   زۆرۈر بولغان ئىمان مۇسۇلمان ئۈچۈن ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈش بىلەن مۇكەممەل بولىدىكەن، مۇسۇلماننى ياخشى كۆرۈش ۋە دوست تۇتۇشنىڭ ئورنى يۇقىرى ۋە دەرىجىسى ئۈستۈندۇر.

   ئىككىنچى: ئىبنى ئەبۇد دۇنيا "ھاجەتلەرنى ئادا قىلىش" ناملىق ئەسەر 103-بەتتە، "ياخشىلىق قىلىش" ناملىق ئەسەر 163-بەتتە، ھەكىم ئىبنى سىنان تەرىپىدىن كەلگەن يول بىلەن رىۋايەت قىلىپ، مالىك ئىبنى دىنار ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەسەن بەسەرى مۇھەممەد ئىبنى نۇھ بىلەن ھۇمەيد تەۋىيلنى بىر قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتىپ: سابىت ئەلبۇنانىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇنىمۇ بىرگە ئېلىۋېلىڭلار دەيدۇ، سابىت ئۇلارغا: مەن ئېتىكاپ قىلىۋاتىمەن دەپ بىرگە بارمايدۇ، ھۇمەيد ھەسەن بەسەرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سابىتنىڭ دېگەن سۆزىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەسەن بەسەرى ئۇنىڭغا: سابىتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ئەي ئىنسان! سېنىڭ قېرىندىشىڭنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشىڭ سەن ئۈچۈن ھەجدىن كېيىن يەنە ھەج قىلغاندىن ياخشى بولىدىغانلىقىڭنى بىلمەمسەن؟ دېگىن دەيدۇ". بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى ئاجىز، ھەكىم ئىبنى سىنان ھەدىستە ئاجىز، ئۇنى ئىبنى مەئىين، نەسائى، ئىبنى سەئەد، ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ئالىملار زەئىپ دېگەن، ئىبنى ھىببان مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى ئىشەنچىلىك راۋىيلاردىن توقۇلما ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسى مەشغۇل قىلمىسۇن".  ["تەھزىبۇتتەھزىيب" ناملىق ئەسەر 2-توم 367-بەت].

    بۇ ئەسەرنى سەھىھ دەپ قارىغاندىمۇ، بۇ ئەسەر مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە قىزىقتۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.

   بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ئەڭ سەھىھ ھەدىس: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ قېرىندىشىم بىلەن ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىرگە مېڭىشىم مەن ئۈچۈن مۇشۇ مەسچىتتە بىر ئاي ئېتىكاپ قىلغاندىن ياخشىراقتۇر، كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغىچە بىرگە ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان كۈندە ئۇنىڭ قەدىمىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. [تەبەرانى رىۋايىتى 13646-ھەدىس. ئىبنى بەشىر"ئارزۇلىرىم" ناملىق ئەسەردە كەلتۈرگەن، باشقا ئالىملارمۇ رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر"توپلىمىدا كەلتۈرگەن 906-نومۇرلۇق ھەدىس].

    ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ "زۇھد" ناملىق ئەسەر 746-ھەدىستە، ئەبۇ جەپەردىن قىلىنغان رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ كىشى ئېتىكاپ قىلىۋاتقان بولۇپ: مەن ئېتىكاپتا بولمىغان بولسام، ئەلۋەتتە سەن بىلەن بىرگە چىقىپ ھاجىتىڭنى ئادا قىلىشىپ بېرەتتىم دەيدۇ، ھاجەتمەن كىشى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئېيتىدۇ، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن بىرگە چىقىدۇ، ھاجەتمەن كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىگە: مەن ھاجىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سىزدىن ياردەم سوراشنى ياقتۇرماي ھۈسەين ئىبنى ئەلىدىن ياردەم سورىغان ئىدىم، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئېتىكاپتا بولمىغان بولسام سىز بىلەن بىرگە چىقاتتىم دېگەن ئىدى، دەيدۇ، ھەسەن ئىبنى ئەلى: ماڭا ئاللاھ يولىدا بىر قېرىندىشىمنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش بىر ئاي ئېتىكاپتا تۇرغاندىنمۇ ئەۋزەل كۆرۈلىدۇ، دەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش دېگەن ئېتىكاپ قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ باشقىلارغا پايدىسى يېتىدۇ، باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىش دېگەن پەقەت ئۆزىگە پايدىسى يېتىدىغان ئىشتىن ياخشىدۇر، ئەمما پايدا-مەنپەئەت ئۆزىگىلا يېتىدىغان ئىش ئىسلامنىڭ مۇھىم ۋاجىباتلىرى بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پايدىسى زور بولىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى ۋە ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى 20-توم 180-بەت].

    ئۈچىنچى: قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان كۈندە ئۆز سايىسىگە ئالىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھسىسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ يولىدا دوست بولۇپ ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن ۋە ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان ئىككى كىشى [بۇخارى ۋە مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىستىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان].

   ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ مۇھەببىتىم: مەن ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن، بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقان، مېنىڭ يولۇمدا بىرنەرسە چىقىم قىلىشقان ۋە سەمىمىيلىك بىلەن بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقانلارغا ھەقلىق بولدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 4321- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   ئىنساننىڭ مۇشۇنداق ئالى ئورۇن ۋە يۇقىرى مەرتىۋېلەرگە ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئۈچۈن بولغان سەمىمى مۇھەببىتى، ئاللاھغا بولغان ئىخلاسى، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق يوللىرىدا ھەمكارلىشىشى، ياخشىلىققا تەۋسىيە قىلىشى، تائەت-ئىبادەتكە توپلىنىشى، سۆز-ھەرىكەتلەردىن بولغان مۇنكەر ئىشلارنى يوق قىلىشى، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرىدىغان بولىشى، ئۆزىگە ياقتۇرمىغاننى قېرىندىشىغىمۇ ياقتۇرمايدىغان بولىشى، قېرىندىشىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىغا ئورتاق بولىشى، ئاللاھقا قىلىدىغان تائەتلىرىگە ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك مۇھىم ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشى، يوق ۋاقتىدا ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭ خانىدانىدىن بولغان بىرەر كىشىگە قىلىدىغان ياردەمنى بولسىمۇ كېچىكتۈرمەسلىكى،  قېرىندىشىنى گۈزەل مەدھىيىلەر بىلەن زىكىر قىلىشى، ئەۋرىتىنى يېپىشى، غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، بۆھتان قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا قان-قېرىندىشىدەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن يېتەلەيدۇ.

   ئومۇمەن: قېرىندىشىغا ھەر قانداق ۋاقىتتا مەيلى يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى