پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملارنىڭ پىكرىگە ئەگىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ قارىشىدىن چىقماسلىق كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

    بىلىمسىز-نادان كىشىنىڭ ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭ سۆزىنى تۇتقا قىلىپ پەتىۋا بېرىشى توغرا بولامدۇ ياكى ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتىكى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە پەتىۋا بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىنسانلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى تۈر:  مۇجتەھىد ئالىم، ئۇ قۇرئان-ھەدىستىن بىۋاستە ھۆكۈم چىقىرالايدىغان سەۋىيدىكى كىشى بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ باشقا بىر ئالىمغا ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئالغان دەلىلگە ئەگىشىدۇ، زامانداش ئالىملار بۇ دەلىلگە مۇۋاپىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن.

    ئىككىنچى تۈر: بىلىم ئېلىۋاتقان ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتقان دىنى زىيالىي-ئوقۇغۇچى، بۇ ئىجتىھاد قىلىدىغان دەرىجىگە يەتمىسىمۇ، ئۇ ئالىملارنىڭ قارىشىنى كۇچلاندۇرالايدىغان سەۋىيسى بولسا، ئۇنىڭ بىرەر ئالىمنىڭ قارىشىغا ئەگىشىشى كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولغان دەلىلگە ئەگىشىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى تۈر: ئاۋام خەلق، ئۇلاردا يېتەرلىك شەرئى ئىلىم يوق، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۈچلەندۈرىدىغان سەۋىيە يوق كىشىلەر، ئۇلار قۇرئان-ھەدىستىن ھۆكۈم ئالالمايدۇ، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارىسىنى كۇچلاندۇرالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئالىملاردىن سورىشى ۋە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەگىشىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھىي نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق،(ئى قۇرەيش جامائەسى!)بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى(يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر)دىن سوراڭلار» [سۈرە نەھل 43-ئايەت].

    ئومۇمى خەلقنىڭ ئۆز زاماندىشى بەلكى ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئەگىشىشى، ئۆزىدە ئالىملارنىڭ سۆزىنى سېلىشتۇرۇپ كۈچلەندۈرىدىغان سەۋىيە بولمىغاندىن كېيىن خالىغان ئالىملارنىڭ سۆزىنى تاللاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ پىتنىنىڭ ئېشىكىنى ئاچماسلىقى لازىم، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار دائىم ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاسان پەتىۋالارنى تاللايدۇ. بۇ ئىش كىشىلەر ئارىسىدا كۆپ ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئىنسانلار پەيدىن-پەي دىنى ئەھكاملاردىن يىراقلىشىدۇ.

    ئالىملار بۇ ئۈچ تۈرگە شەرئى دەلىللەرنى كەلتۈردى.

    بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تۈر توغرىسىدا "مۇختەسەر رەۋزە" 3-توم 629-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: مۇجتەھىد تىرىشچانلىق قىلىپ بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمى مۇنداق بولىدۇ دەپ يەكۈنلىگەن بولسا، ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا: ئۇ كىشىنىڭ بۇ يەكۈنىنىڭ قارشىسىدىكى باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ.

    ئەمما بىر كىشى مەسىلىگە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلماپتۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىجتىھاد قىلغۇدەك سەۋىيسى بار بولسا، ئۇ كىشىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىن سەۋىيسى يۇقىرىراق بىرەرسىگە ئەگىشىشى توغرا بولمايدۇ".

    ئۈچىنچى تۈردىكى ئومۇمى خەلق بولسا، بۇ توغرىدا "تەنقىيھىل پەتاۋا ھامىدىيە" 7-توم 431-بەتتە مۇنداق كەلگەن:" ئۈنۈملۈك ئىش: ئومۇمى خەلقنىڭ ۋەزىپىسى ئىش-ھەرىكەتلەردە ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە پىقھى ئالىملارغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بولمايدۇ، ئەمما ئىلىم-مەرىپەت، سەمىمىيەت ۋە ئامانەتدارلىقتا ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرىدىغان  باشقا ئالىملار بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭ سۆزىنى تۇتسا بولىدۇ،  بىر كىشىگە يېڭى ۋەقە ئۇچرىغان بولسا، شۇ دەۋرىدىكى ئالىملاردىن بىرى ساھابىلەرنىڭ بۇ توغرىدىكى  قارىشىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسا، بۇ قاراشلارنى ئالىملارنىڭ دەلىلى بىلەن كۆرسىتىپ بەرمىسە نادان كىشىنىڭ خالىغان قاراشنى تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ".

      شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كىشىلەر پەرقلىق بولىدۇ، بەزى كىشىلەر تېرىشىپ بىلىم ئېلىپ مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يېتىدۇ، بەزىلەر ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك دەرىجىگە يېتىدۇ، بەزى كىشىلەر مەلۇم بىر مەسىلە ياكى مەلۇم بىر باپتا مۇتەخەسسىس بولۇپ، تەتقىقات قىلىپ، مۇجتەھىدلىك دەرىجىسىگە يېتىدۇ، باشقا مەسىلىلەرنى بۇ شەكىلدە بىلمەيدۇ. ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، شەرئى بىلىملەرنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملار قايسى مەزھەپ ۋە قايسى قاراشتا بولسا، ئۇلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسى بىزگە: مەن تاماكا چېكىمەن، چۈنكى باشقا مۇسۇلمان رايۇنلىرىدا تاماكا چېكىش ھارام ئەمەسكەن، مېنىڭ خالىغان ئالىمغا ئەگىشىش ئەركىنلىكىم بار دېسە، بىز دەيمىزكى: سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىزگە مۇھىم بولغىنى ئۆز يۇرتىڭىزدىكى ئالىملارغا ئەگىشىش، ئەگەر سىز باشقا يۇرتتىكى ئالىملارغا ئەگەشسىڭىز، شەرئى دەلىل بولمىغان بىر ئىشتا قالايمىقانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر بىرسى: پالانى ساقىلىنى ئالدۈرىدىكەن چۈنكى بەزى يۇرتتىكى ئالىملار ساقالنى ئالدۈرىۋەتسە بولىدۇ دەپتۇ دېسە، بىز ئۇنىڭغا: ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، سىزگە مۇھىم بولغىنى ئۆز يۇرتىڭىزدىكى ئالىملارغا ئەگىشىش، ئۇلارغا خىلاپلىق قىلماڭ دەيمىز. ئەگەر بىرسى: مەن ياخشى-سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىمەن، چۈنكى ئۇ يۇرتتىكى ئالىملارنى بۇنى دۇرۇس دەيدىكەن ياكى ئۇ ياخشى-سالىھ كىشىلەرنى ئاللاھقا ۋەسىلە قىلىمەن  دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، بىز دەيمىزكى: سىزنىڭ بۇنداق قىلىشىڭىز مۇمكىن بولمايدۇ، دىننى بىلمىگەن كىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى ئىشەنچىلىك ئالىملارغا ئەگىشىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ سۆزنى بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھمۇ زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئومۇمى كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ سىرتىدىكى ئالىملارغا ئەگىشىشى مۇمكىن بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە تالاش-تارتىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئەگەر بىرسى: مەن تۆگە گۆشى يېسەم تاھارەت ئالمايمەن ، چۈنكى بەزى يۇرتتىكى ئالىملار تاھارەت ئېلىش كېرەك بولمايدۇ دەيدىكەن دېسە، ئۇنىڭغا :سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، سىزنىڭ تاھارەت ئىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىزنىڭ يۇرتتىكى ئالىملارنىڭ قارىشى، سىز ئۇلارنىڭ قارىشىغا ئەگىشىشىڭىز كېرەك دەيمىز". ["ئايلىق ئوچۇق ئۈچرىشىش" 32/19].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئومۇمى كىشىلەر ئۇلار چوقۇم ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئەگىشىشى كېرەك، بىرلىك بۇزۇلماسلىقى لازىم، چۈنكى بىز شەرئى بىلىمنى بىلمىگەن بىر كىشىگە: قايسى مەزھەپ ۋە قايسى قاراشنى تۇتسىڭىز بولىدۇ دېسەك، ئۇ ۋاقىتتا ئۈممەتتە بىرلىك بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئومۇمى خەلق ئۆز يۇرتىدىكى ئالىملارنىڭ مەزھىبى-قارىشىدا بولىشى كېرەك، مەسىلەن: سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئايالنىڭ يۈزىنى يېپىشى پەرىز بولىدۇ، بىز ئاياللىرىمىزنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىمىز، ھەتتا ئاياللاردىن بىرى: مەن پالانچىنىڭ مەزھىپىگە ئەگىشىمەن چۈنكى ئۇ مەزھەپتە يۈزىنى يېپىش پەرىز ئەمەسكەن دېسە، بىز ئۇ ئايالغا: سىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ چۈنكى سىز ئىجتىھاد قىلىدىغان چوڭ ئالىم ئەمەس، سىز يۈزنى ئورىماسلىققا رۇخسەت قىلغان مەزھەپكە ئەگەشمەكچى، باشقا مەزھەپتىكى رۇخسەتكە ئەگىشىش توغرا بولمايدۇ دەيمىز. ئەگەر بىر مۇجتەھىد ئالىم ئۆز ئىجتىھادىدا ئايال يۈزىنى ئورىمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن قاراشقا كېلىپ، مېنىڭ ئايالىم يۈزىنى ئورىمايدۇ دېسە، بىز ئۇنىڭغا: بۇنداق قىلسا مەيلى، لېكىن ئاياللار يۈزىنى ئورايدىغان يۇرتتا يۈزىنى ئېچىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە يۈزىنى ئورىمىسا، باشقا ئاياللارنى پىتنىگە سالىدۇ، يۈزىنى يېپىش مەسىلىسى بولسا، ئالىملار يۈزىنى يېپىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، بىز بۇ يەردە ئاياللارغا يۈزنى يېپىشنى لازىم تۇتتۇق، باشقا مەزھەپتە ھارام بولغان ئىشنى لازىم تۇتمىدۇق، بەلكى بىز ئۇ مەزھەپتىمۇ ئەۋزەل بولغان ئىشنى لازىم تۇتتۇق، يەنە بىر ئىش ئۇ كىشى ئايالىنى يۈزىنى يېپىشقا بۇيرۇشى بۇ يۇرتتىكى ئالىملارنىڭ مەزھىپىگە ئەگىشىش ئەمەس بەلكى يۇرتنىڭ بىرلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشتۇر، ئۆز يۇرتىغا بارغاندا ئۆز مەزھىبى بويىچە يول تۇتسا بولىدۇ. ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە دەلىللەرنىڭ ئارىسىنى كۇچلاندۇرىدىغان ئىسپاتقا بويسۇنۇش كېرەك بولىدۇ". ["ئايلىق ئوچۇق ئۇچرىشىش" 32/19].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى