پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى

21523

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 17821

سۇئال

ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى كىم ، ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىدا ئاجىز ھەدىيسلەر بارمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئىمام مۇسلىم
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
4- ئىمام تىرمىزىي
5- ئىمام نەسائىي
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ
ئۇلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى تۆۋەندىكىچە :
1- ئىمام بۇخارىي
2- ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەت بىن ئىسمائىيل بىن ئىبراھىيم بىن مۇغىيرەھ بىن بەردىزبەھ جەئىفىي بۇخارىي . ئۇنىڭ بوۋىسى مۇغىيرەھ - بۇخارانىڭ ۋالىسى يەمان جەئىفىينىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا ، مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۆزىنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىپ جەئىفىينى تەخەللۇس قىلغان . ئىمام بۇخارىي ھ 194-يىلى بۇخارادا تۇغۇلغان . ئۇ يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان ھەمدە ئون يېشىدىن بۇرۇن ھەدىسلەرنى يادقا ئېلىشقا باشلىغان . ئۇ يېگىت بولغاندا مەككىگە سەپەر قىلغان ھەمدە ھەج ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان . ئۇ بىر مەزگىل مەككىدە قىلىپ ، فىقھى، دىن ئاساسلىرى ۋە ھەدىيس ئىماملىرىنىڭ قولىدا ئوقۇغان . ئاندىن ئۇ ساياھەت قىلىشنى ، بىر ئىسلام رايونىدىن يەنە بىر ئىسلام رايونىغا بېرىشنى تولۇق 16 يىل داۋاملاشتۇرغان . ئۇ نۇرغۇن بىلىم مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلغان ، ئۇيەردىن پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەدىيسلىرىنى توپلىغان ، ئاخىرى ئۇ جەمئىي 600،000 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى يېغىپ چىققان . ئۇ بىر مىڭ ھەدىيسشۇناسقا مۇراجىئەت قىلغان ۋە ئۇنى ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە قىلغان . بۇ ئالىملار ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى ، تەقۋالىقى ، ساغلام ئەقىدىسى تونۇلغان كىشىلەردۇر . بۇ زور مىقداردىكى ھەدىيسلەردىن ئۇ ئۆزىنىڭ كىتابى [سەھىيھۇل بۇخارىي] نى تۈزۈپ چىققان،
ھەمدە تەتقىقاتىدا ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشى ۋە توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىز ھەدىيسلەردىن ئايرىشتا ، ھەمدە نەقىل قىلغۇچىلارنى سۈرۈشتە قىلىشتا ئەڭ ئىنچىكە ئىلمىي كۆرسەتمىلەرگە ئەگەشكەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ كىتابىغا توغرا ھەدىيسلەرنىڭ توغرىسىنى خاتىرلىگەن ، لىكىن ئۇ بارلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان . كىتاپنىڭ تولۇق ئاتىلىشى - [الجامع الصحيح المسند من حديث رسول الله صلى الله عليه وسلم وسننه وأيامه ] .
بۇخارانىڭ ۋالىسى بۇخارىينى ئۆيىگە كىلىپ بالىلىرىغا دەرىس ئۆتۈپ بېرىشىنى ۋە ئۇلارغا ھەدىيسلەرنى ئوقۇپ بېرىشىنى ئويلىغان ، بىراق بۇخارىي ئۇنىماي ئۇنىڭغا خەت ئەۋەتكەن : بىلىم ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىزدىلىشى كىرەك . مەنىسى ، بىلىم ئاپىرىپ بېرىلمەيدۇ ، ئەكىتىلىدۇ . ئالىملاردىن بىر نەرسە ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئۇلارنىڭ قېشىغا مەسچىتكە ياكى ئۆيىگە بېرىشى كىرەك . شۇنىڭ بىلەن ۋالىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىكى قوزغۇلۇپ ئۇنى بۇخارادىن چىقىرۋىتىشكە بۇيرىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەمەرقەند كە يېقىن خەرتەنك يېزىسىغا كەتكەن ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ ، ئۇ تاكى ھ 256- يىلى 62 يېشىدا ۋاپات بولغۇچە ئۇ يەردە ياشىغان . ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
2 - ئىمام مۇسلىم
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇسلىم بىن ھەججاج بىن مۇسلىم قۇشەيرىي، نىساپورىي ئەبۇل ھۇسەيىن . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى ھەمدە ئەڭ بىلىملىكلەرنىڭ بىرى . ئۇ ئىمام شافىئىي ۋاپات بولغان كۈندە، ھ 204-يىلى نىساپوردا تۇغۇلغان . ئۇ نىساپوردا ئوقۇغان ، ھەمدە چوڭ بولغاندا ھەدىيس ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېراق ۋە ھىجاز سەپەر قىلغان . ئۇ نۇرغۇن پېشىۋالاردىن ھەدىيسلەر ئاڭلىغان ھەمدە نۇرغۇن ھەدىيشۇناسلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق كىتابى - ئۇنىڭ [سەھىيھۇل مۇسلىم ] كىتابى . بۇ ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ بۇ كىتاپنى تۈزۈشكە 15 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلغان ، ھەمدە ئۇ سەھىيھۇل بۇخارىيغا قارىغاندا ئورۇن ۋە ھەدىيسلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ كىتابىغا شەرھىيلەرنى يازغان .
ئۇنىڭ كىتاپلىرى يەنە[ كتاب الطبقات ]، [كتاب الجامع ] ، [كتاب الأسماء ] ۋە باشقا باسما ۋە قوليازما شەكلىدىكى كىتاپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ نەسەرئاباد شەھرىدە ، ھ 261- يىلى ، 57 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
3- ئىمام ئەبۇ داۋۇت
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - سۇلەيمان بىن ئەشئەس بىن شەدداد بىن ئامىر بىن ئىسھاق بىن بەشىير ئەزدىي ، سەجىستانىي ، سەجىستانلىق . ئەبۇ داۋۇت ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇ [سۈنەنى ئەبۇ داۋۇت]نىڭ ئاپتورى ، ئۇ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ھ 202-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ باغداتقا سەپەر قىلىپ ئۇ يەردە ئىمام ئەھمەت بىن ھەنبەل بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالغان ؛ ئۇ يەنە ئۇنىڭغا ئوخشايىتتى . ئۇ يەنە ھىجاز ، ئېراق ، خۇراسان ، سۈرىيە ، مىسىر، ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ چىگرالىرىغىچە بارغان . نەسائىي ، تىرمىزىي ۋە باشقىلار ئۇنىڭدىن ھەدىيس نەقىل قىلغان . ئۇ تەقۋالىق ۋە توغرا يوللۇق بولۇشتا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگە يەتكەن . ئۇنىڭ كىتابى سۇنەن 5300 دىن ئارتۇق ھەدىيسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .
خەلىفە ئەبۇ ئەھمەت تەلھە ( مۇۋەففەق ئەبباسىي ) ئۇنىڭدىن ئۈچ نەرسىنى سورىغان : بىرىنچىسى ، ئۇ بەسرەگە كۆچىشى ۋە ئۇيەردە ئولتۇراقلىشىشى كىرەك ، شۇنداق بولغاندا بىلىم ئىزدىگۈچىلەر ئۇنىڭ قېشىغا كىلەلەيدۇ ، ھەمدە شۇنداق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ . ئىككىنچىسى ، ئۇ [سۇنەن] نى بالىلىرىغا ئۆگىتىشى كىرەك . ئۈچىنچىسى ، ئۇ بالىلىرىغا مەخسۇس سىنىپ بېرىشى كىرەك ، چۈنكى خەلىفىنىڭ بالىلىرى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرماسلىقى كىرەك . ئەبۇ داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دىگەن : بىرىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئىككىنچىسىگە بولىدۇ ؛ ئەمما ئۈچىنچىسىگە بولمايدۇ ، چۈنكى ھەممە ئادەم بىلىمنىڭ ئالدىدا باراۋەر . شۇنىڭ بىلەن مۇۋەففەق ئەبباسىينىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ دەرىسلىرىگە قاتنىشىدىغان ، ھەمدە ئۇلار بىلەن باشقا كىشىلەر ئوتتۇرسىدا پەردە تارتىلىپ ئولتۇرىدىغان بولدى . ئۇ تاكى ھ 275-يىلى ۋاپات بولغۇچە بەسرە دە تۇرۇپ قالدى . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
4- ئىمام تىرمىزىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - مۇھەممەت بىن ئېيسا بىن سورەھ بىن مۇسا بىن زەھھاك سەلەمىي ، تىرمىزىي ، ئەبۇ مۇسا . ئۇ ماۋەرائۇننەھىر شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان تىرمىزلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تىرمىزىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئاساسلىق ھەدىيشۇناسلار ۋە ھەدىيس يادلىغۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ھ 209-يىلى تۇغۇلغان ھەمدە بۇخارىينىڭ قولىدا ئوقۇغان ؛ ھەمدە ئۇلار بەزى ئۇستازلاردىن بىرلىكتە دەرىس ئالغان . ئۇ خۇراسان ، ئېراق ۋە ھىجازغا سەپەر قىلىپ ھەدىيس ئىزدەشنى باشلىغان . ئۇ ھەدىيسلەرنى يادلىشى ، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە بىلىمى بىلەن داڭق قازانغان .ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئەھمەت بىن ھەنبەل ، ئەبۇ داۋۇت سەجىستانىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئۇ [ جامىئۇت تىرمىزىي] نى تۈزۈپ چىققان بولۇپ ئالتە ئىشەنچىلىك ھەدىيس كىتاپلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . بۇ كىتاپتا ئۇ ، ھەدىيسلەرنى تەپسىلىي سۈرۈشتە قىلغان بولۇپ ،فىقھىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە پايدىلىق ، چۈنكى ئۇ تىغا ئالغان ھەدىيسلەرنىڭ كۆپىنچىسى فىقھىنىڭ ئەھكاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك . ئۇ ئىسنادلارنى تىلغا ئالىدۇ ، ھەدىيسنى نەقىل قىلغۇچى ساھابىلارنى تىزىملاپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا ھەدىيس دەپ ئىشەنگەنلىرىنى توغرا دەپ يازىدۇ ، ئاجىز دەپ ئىشەنگەنلىرىنى ئاجىزدەپ يازىدۇ .ئۇ فىقھىشۇناسلارنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ بۇ ھەدىيسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ،كىمنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ . ئۇنىڭ [جامىئى] سى [سۇنەن] كىتاپلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ دائىرلىك، ھەمدە ھەدىيسشۇناسلار ۋەفىقھىشۇناسلار ئۈچۈن ئەڭ ئىشلىتىلىشچان كىتاپتۇر . ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى[ كتاب الشمائل النبوية ], [العلل في الحديث ] نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .ئۇ شەھەرلەرنى ئايلىنىپ كۆزگە كۆرۈنگەن ، بىلىمى چوڭقۇر ئالىملاردىن توغرا نەقىللەرنى توپلىغاندىن كىيىن ، ھاياتىنىڭ كىيىنكى قىسمىدا ئەما ياشىغان . ئۇ ھ 279- يىلى 70 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
5- ئىمام نەسائىي
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - ئەھمەت بىن شۇئەيىب بىن ئەلىي بىن سىنان بىن بەھر بىن دىنار نەسائىي ، ئەبۇ ئابدۇرراھمان . ئۇ خۇراساننىڭ نەسا شەھرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن نەسائىي دەپ ئاتالغان .
ئۇ ھ 215-يىلى تۇغۇلغان ، ھەمدە ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئاساسلىق ئالىملار ۋە ھەدىيسشۇناسلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ [جرح وتعديل ] ھەققىدىكى شەرھى ئالىملار تەرىپىدىن يۇقۇرى باھاغا ئېرىشكەن .ھاكىم مۇنداق دىگەن : مەن ئەبۇ ھەسەن دارەقۇتنىينىڭ نەچچە قىتىم : ئەبۇ ئابدۇرراھمان - بارلىق ھەدىيسشۇناسلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى ، ھەم ئۆز دەۋرىدە ، نەقىل قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى ،دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .
ئۇ ئىنتايىن تەقۋا ۋە توغرا يوللۇق ئىدى ، ھەمدە ئۇ ئەڭ ياخشى روزىنى(داۋۇدنىڭ روزىسى) تۇتۇشقا داۋاملىق ئادەتلەنگەن بولۇپ كۈن ئالماشتۇرۇپ روزا تۇتاتتى . ئۇ مىسىردا ياشىغان ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ كىتابى نام تاپقان ھەمدە كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن . ئاندىن ئۇ دەمەشىققە كۆچكەن ، ئۇ يەردە ھ 300-يىلى سەپەرنىڭ 13 ، دۈشەنبە كۈنى 85 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
6- ئىمام ئىبنۇ ماجەھ .
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى - مۇھەممەت بىن يەزىد رەبئېىي ، قەزۋەينىي ، ئەبۇ ئابدۇللاھ . ئۇنىڭ دادىسى يەزىد ماجەھ دەپ تونۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇمۇ ئىبنۇ ماجەھ دەپ تونۇلغان . رەبئېىي دىگەن ئىسىم رەبىيئەنى كۆرسىتىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى رەبىيئەنىڭ ئازاتگەردىسى بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان .
ئۇ بىر داڭلىق ھافىز ھەمدە [سۇنەن] دەپ ئاتالغان ھەدىيس كىتابىنىڭ ئاپتورى . ئۇ ھ 209-يىلى قەزۋەيىندە تۇغۇلغاچقا قەزۋەينىي دەپ ئاتالغان . ئۇ ئېراق ، بەسرە، كۇفە ، باغداد ، مەككە ، سۈرىيە ، مىسىر ۋە رەيگە ھەدىيس يېزىش ئۈچۈن بارغان . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەپەرلىرىدە ئۈچ كىتاپنى يازغان : تەپسىر ھەققىدە بىر كىتاپ ؛ تارىخ ھەققىدە بىر كىتاپ ، بۇنىڭدا ساھابىلار دەۋرىدىن ئۆز دەۋرىگىچە بولغان ، سۈننەت ھەققىدىكى نەقىللەرنى خاتىرلىگۈچى كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يازغان ؛ ھەمدە ئۇنىڭ [سۇنەن] ناملىق كىتابى . ئىبنۇ ماجەھ ھ 273- يىلى رامىزاننىڭ 22 ، دۈشەنبە كۈنى 64 يېشىدا ۋاپات بولغان . ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
بۇ كىتاپلاردىكى ھەدىيسلەرنىڭ ھۆكمى :
سەھىيھۇل بۇخارىي ۋە سەھىيھۇل مۇسلىمغا كەلسەك ، ئۇممەت بۇ كىتاپلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىيسلەرنى قوبۇل قىلدى ، ھەمدە ئۇلار بۇ كىتاپلاردىكى ، بۇخارىي ۋە مۇسلىم ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن توغرا ئەمەسلىكىنى ئىنىق ياكى مۇجمەل ھالدا چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن نەقىل قىلغان ئىنتايىن ئاز ئىبارىلەردىن باشقا ھەممىسىنىڭ توغرا(سەھىيھ) ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى ، ئالىملار بۇ ئىككى كىتاپقا ئىلاۋىلەرنى يازدى ، مەسىلەن ، ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە ئۇنى چۈشەندۈرگەن .باشقا سۈنەن كىتاپلىرىغا كەلسەك ، ئۇلار ئاندا-مۇندا ئاجىز ھەدىيسلەردىن خالى ئەمەس . ئۇلارنىڭ بىرقىسمىنى ئاپتورلارنىڭ ئۆزى شۇنداقلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتكەن . قالغانلىرى بولسا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن كۆرسۈتۈپ ئۆتۈلگەن . ئۇلار ئاجىز ھەدىيسلەرنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلمىغان ، چۈنكى ئۇلار ھەدىيسلەرنى ئىسنادلىرى بىلەن نەقىل قىلغان ، شۇڭا ئالىملارغا نەقىل قىلغۇچىلار زەنجىرىنى تەكشۈرۈش ،ھەمدە كىمنىڭ ئىشەنچىلىك ، كىمنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىش ئارقىلىق توغرا ھەدىيسلەرنى ئاجىزلىرىدىن تونۇش ئاسان .
بۇ ساھەدە داڭلىق ئالىملاردىن ، ئەھمەت ، دارەقۇتنىي ، يەھيا بىن مەئېىين ، ئىبنۇ ھەجەر ، زەھەبىي ، ۋاقىي ، ۋە شەۋكانىيلار بار . بۇ ساھەدە ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئەلبانىي ، ئەھمەت شاكىر ۋە باشقىلار بار . ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد