شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

قورسىقى ئاچ ياكى يەل قىستاپ قالغان كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرىسىدا

سۇئال

    ناماز جەريانىدا ياكى نامازدىن سەل بۇرۇن تاھارەتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يەلنى قېسىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «تائام ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرىتى قىستاپ قالغاندا ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 560-ھەدىس].

  شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا تاماق ھازىر بولغان بولسا، ئىنساننىڭ كۆڭلى تاماقنى ئىشتىھا قىلسا، ئۇ كىشى تاماقنى يەۋېلىپ گەرچە نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئادا قىلامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: "بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بار، بەزى ئۆلىمالار: ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى ھازىر بولغان يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا نامازنى كېچىكتۈرۈپ يېمەكنى يەيدۇ گەرچە نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتسىمۇ.

    لېكىن كۆپچىلىك ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: "كەچلىك تاماق ھازىر بولغاندا ئۇنى دەپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۈزۈر بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئۈزۈر بولىدىغان ئىش جامائەتكە ئۈلگۈرەلمەسلىك، يەنى ئىنسان كەچلىك يېمەك ھازىر بولغان كۆڭلى يېمەككە باغلىنىپ قالسا، يېمەكنى يەپ ئاندىن نامازغا ماڭىدۇ، ئەگەر نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا ئۈلگۈرسە، جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىدۇ، ئەگەر جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا يالغۇز ئوقۇيدۇ، گۇناھ بولمايدۇ.

    ئەمما كەچلىك تاماقنى دائىم خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا ھازىر قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنى تەرك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، لېكىن تاسادىپىي بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا جامائەتنى تەرك قىلىپ قالسا ئۈزۈر بولىدۇ، تويغۇدەك يەيدۇ، چۈنكى بىر-ئىككى لوقما يېگەندە يېمەككە بولغان ئىشتىھاسى ئاشىدۇ.

    يېمەككە قاتتىق ئىنتىزار بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ كىشى ئۆزى ئۆلۈپ قالغانغا ئوخشاش ھارام نەرسىنى تاپقان بولسا، بىز ئۇ كىشىگە ھارام نەرسىدىن باشقىنى تاپالمىغان بولسىڭىز، ھالاك بولۇپ كەتمەسلىك ياكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۇنىڭدىن تويغۇدەك يەپ ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇڭ دەيمىزمۇ؟، ياكى زۆرۈرەت مىقدارىدا يەڭ دەيمىزمۇ؟، ئۇ كىشىگە: زەرۈرەت مىقدارى يەڭ دېسەك، سىزگە يېمەكتىن ئىككى لوقما كۇپايە قىلسا، ئۈچىنچى لوقمىنى يېمەيسىز.

    كەچلىك يېمەك مەسىلىسىگە ئىنساننى تەشۋىشكە سالىدىغان كېچىك تەرەت، چوڭ  تەرەت، يەل قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قېتىلامدۇ؟.

    بۇنىڭ جاۋابى: شۇنداق، ئۇنىڭغا قېتىلىدۇ، بەلكى سەھى مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاماق ھازىر بولغاندا، چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ»، يەلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ.

   قائىدە: ئىنسان نامازدا دىل ھۇزۇرىنى مەشغۇل قىلىدىغان، تەلەپ قىلىنىدىغان نەرسە بولسا قەلبى ئۇنىڭغا باغلىنىدىغان، ياقتۇرمايدىغان بولسا كۆڭلى بىئارام بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن نامازنى باشلاشتىن بۇرۇن خالاس بولىشى كېرەك.  بۇنىڭدىن بىر قانچە پايدىلارنى چىقىرىمىز: ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ مېغىزى ۋە روھى دىلنىڭ ھۇزۇرىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى نامازغا كېرىشتىن ئىلگىرى دىل ھوزۇرىغا توسالغۇ بولىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن خالاس بولۇشقا بۇيرىغان. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 13/ سۇئال"588"].

    شەيختىن يەنە: ئىنساننىڭ كېچىك تەرىتى قىستاپ قالغان بولۇپ، تەرەت ئالماشتۇرۇپ بولغىچە جامائەت نامازنى ئوقۇپ بولىدىغان بولسا، جامائەتتىن قالماسلىق ئۈچۈن چىداپ تۇرۇپ نامىزىنى ئادا قىلامدۇ ياكى جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىسىمۇ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشى گەرچە جامائەتكە ئۈلگۈرەلمىسىمۇ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ ئاندىن تاھارەت ئېلىپ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۈزۈردۇر. ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاماق ھازىر بولغاندا، چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ». ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 13/ سۇئال"588"].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى