جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

بوۋاقنى تەبىئىي ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنىڭ ھۆكمى ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا

سۇئال

يېمەك يېيەلمەيدىغان بوۋاقلارغا تەبىئىي ئانا سۈتى بېرىش ۋاجىپ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

شۇنداق، بوۋاق ئانىسىنى ئېمىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، بوۋاقنى ئېمىتىش ۋاجىپ بولىدۇ. "پىقھى ئېنسىكلوپىدىيە" ناملىق ئەسەر 22-توم239-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بوۋاق ئېمىدىغان مۇددەت ئىچىدە، ئانىسىنى ئېمىشكە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشى زۆرۈردۇر. (يەنى ۋاجىپ بولىدۇ).

بوۋاقنى ئېمىتىش ئىسلام شەرىئىتى بويىچە بوۋاقلارغا بېكىتىلگەن ھەقتۇر، مەزكۇر ھەق ۋاجىپ بولغان كىشىلەرنىڭ بوۋاقنىڭ ئىمىش مۇددىتىنى تولۇقلىشى كېرەك بولىدۇ. پىقھى ئالىملار: "ئېمىشبوۋاقنىڭ ھەققى" دېگەن سۆزنى روشەن بايان قىلدى. ئۇلار يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ: "چۈنكىبوۋاقنى ئېمىتىش خۇددى چوڭ كىشىلەرگە نەپىقە قىلىش پەرز بولغاندەك پەرزدۇر" دەيدۇ.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقنى ئىسپاتلاپ مۇنداق دەيدۇ: وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. [سۈرە بەقەرە 233-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا ئاتىلارغا بالىسىنى ئېمىتكەن ئايالغا نەپىقە بېرىشنى پەرز قىلدى، چۈنكى بوۋاققا كىلىدىغان ئوزۇقلۇق بالىنى ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنى ئېمىتكۈچى ئايالغا قىلىنغان نەپىقە مەزكۇر ئەمگۈچى بوۋاققا قىلىنغان نەپىقىدۇر.

"مۇنتەھەل ئىرادات" ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: "بوۋاق قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇنىڭغا نەپىقە قىلىش پەرز بولغان كىشى ئۈستىگە، بالىنى ئېمىتكەن ئايالغىمۇ نەپىقە قىلىش پەرز بولىدۇ. چۈنكى، بوۋاق ئۇ ئايالنىڭ سۈتى ئارقىلىق غىزالىنىدۇ. سۈت شۇ ئايالنىڭ ياخشى ئوزۇقلىنىشى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتكۈچى ئايالغا نەپىقە بېرىش پەرز بولۇپ، ماھىيەتتە ئاشۇ بوۋاققا قىلىنغان نەپىقىدۇر". [ئاياللار توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر 9-توم464-بەت].

ئىسلام ئۆلىمالىرى بالىنى ئۆز ئانىسىدىن باشقا بىر ئايالنىڭ ئېمىتىشى ئۇلارنىڭ(يەنى بوۋاق بىلەن ئېمىتكۈچىنىڭ) نېكاھ ۋە مەھرەم ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى. شۇنداقلا، بالا بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىنمۇ ئۇ ئايالغا قارىشى، ئايرىم خالى تۇرۇشى قاتارلىقلارنى دۇرۇس دەپ قارىدى. ئەمما ئۇ ئايالغا (مەزكۇر بالا تەرىپىدىن) نەپىقە بېرىلمەيدۇ، (ئۇنىڭدىن) مىراس بېرىلمەيدۇ ۋە نېكاھلىنىش ئىشلىرىدا بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايدۇ.

يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ چەكلىنىشىدىكى ھېكمەت شۇكى، بوۋاق ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، شۇ سۈت ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، خۇددى ئۇ بوۋاق، شۇ ئايالدىن تۇغۇلغاندەك بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بوۋاقنى كاپىر، پاسىق ۋە ئەخلاقسىز ئاياللارنىڭ ئېمىتىشىنىياكى يۇقۇملۇق كېسەلگەگىرىپتار بولغان، كېسىلى باشقىلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئايالنىڭ ئېمىتىشىنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى بوۋاقنى ئېمىتىش جەريانىدا كېسەلنىڭ بوۋاققا يۇقۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاربوۋاقنى ئېمىتىدىغانغا ياخشى، سالىھە ۋە ئەخلاقلىق ساغلام ئاياللارنى تاللاشنى ياخشى دەپ قارايدۇ، چۈنكى سۈت ئېمىش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ تەبىئىتى ئېمىتكۈچىنىڭ تەبىئىتىگە مايىل بولىدۇ. (يۇقىرىقى ھۆكۈمدە كۆزدە تۇتۇلغىنى؛ بوۋاقنى ئۆز ئانىسىدىن باشقا بىر ئايالنىڭ ئېمىتىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ).

بوۋاقنى تۇغقان ئانىسى ئېمىتسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇ بوۋاق ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە مەنپەئەتلىكتۇر. بوۋاق بەزى ۋاقىتتا باشقا يات ئايالنى ئېمىشنى رەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى تۇغقان ئانىسىنىڭ ئېمىتىشى كېرەك بولىدۇ. دوختۇرلاربوۋاقنى تۇغقان ئانىسىنىڭ ئېمىتىشىنى، بولۇپمۇ دەسلەپكى ئايلاردا ئۆز ئانا سۈتىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ.

دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە تۈرلۈك تەجرىبىلىرى ئارقىلىق، ئاللاھ تائالانىڭ، بوۋاقنىڭ ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى بېكىتىشىدىكى ھېكمەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بوۋاقنى تەبىئىي ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ تىببى جەھەتتىكى پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ تەرجىمىسى: ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. [سۈرە بەقەرە 233-ئايەت]. بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالابوۋاقنىڭ ئېمىش مۇددەت ھەققىنى بېكىتتى.

قۇرئان كەرىم نازىل بولۇپ 14 ئەسىردىن كېيىنخەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ھەيئەت-تەشكىلاتلار،ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىنى ئېمىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدا باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، ئانىلارنى بوۋاقلىرىنى ئېمىتىشكە چاقىردى. ئەمما ئىسلام دىنى بولسا بۇ چاقىرىقنى بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بوۋاقنىڭ تەبىئىي ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىشىنىڭ پايدىلىرى:

1-ئانا سۈتى بولسا تەييار، دېزىنفىكسىيىلەنگەن مىكروبسىز سۈت.

2-ئانا سۈتىگە ھەرقانداق سۈت باراۋەر بولالمايدۇ، مەيلى كالا سۈتى ياكى قوي سۈتى ياكى تۆگە سۈتىدىن تەييارلانغان سۈت بولسۇن، ئانا سۈتىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئانا سۈتى ناھايىتى تازىلانغان ھالەتتە تەڭشىلىدىغان بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئەمچەكتىن ئايرىلغانغا قەدەر، بوۋاقنىڭ ئېمىشىگە ھەرتەرەپتىن كۇپايە قىلىدۇ.

3- ئانا سۈتى بوۋاققا كۇپايە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئاقسىل ۋە شېكەر ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئانا سۈتىدىكى بۇ ماددىلارنىڭ نىسبىتى بوۋاققا تامامەن مۇناسىپ كېلىدۇ. ئەمما كالا، قوي، سۇ كالىسى قاتارلىق ھايۋانلار سۈتىدە بار بولغان ئاقسىللارنى بوۋاقنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىشى قېيىن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈت، شۇ ھايۋانلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۇناسىپ ھالەتتە تەييارلانغاندۇر.

4-ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى باشقا تەييار سۈتلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قارىغاندا تىز ۋە مۇكەممەل بولىدۇ.

5- بوۋاق بىلەن ئانىسى ئارىسىدىكى كۆيۈمچانلىق-مېھرىبانلىق تۇيغۇسىدا چوڭقۇر باغلىنىش بولىدۇ.

6- ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ غىزالىنىشقا زۆرۈر كېرەكلىك بولغان، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېھتىياجىغا مۇناسىپ ۋە يېتەرلىك دەرىجىدىكى تۈرلۈك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماددىلار بوۋاقنىڭ شوراش-سۈمۈرۈش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا مۇناسىپ بولىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا مۇناسىپ شەكىلدە كۈنسىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

7- ئانا سۈتى بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا ئىنتايىن مۇۋاپىق بولۇپ، بوۋاق قايسى ۋاقىتتا خالىسا شۇ ۋاقىتتا ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدىكى ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئاستىدا ساقلىنىدۇ.

8- بوۋاقنى كۆكسىدىن ئېمىتىش بولسا ئانىنى ھامىلدارلىقتىن چەكلەيدىغان تەبىئىي ئامىللارنىڭ بىرىدۇر، بۇ ئارقىلىق ئانا دورا يېيىش ياكى ئۈزۈك سالدۇرۇش ياكى ئوكۇل ئۇرغۇزۇش ئارقىلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋاستىلىرىنى قوللانغاندىن كېلىپ چىقىدىغان سەلبىي تەسىرلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. ["ھۆكۈملەرنى روشەنلەشتۇرۇش" ناملىق ئەسەر 5-توم107-بەتتىن ئىلىندى].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى