پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەر ئايالىغا مېنى يالغۇز قوي، يوقال، سەن ئۆيدە بولساڭ بىر ۋەقە چېقىپ قالغۇدەك! دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا، ئايالى تالاق بولامدۇ؟

201702

تارقاتقان ۋاقىت : 26-11-2013

كۆرگۈچىلەر : 3598

سۇئال

مەن بىلەن يولدىشىم ئارىسىدا ماجرا يۈز بەردى، يولدىشىم ئاچچىقىدا، مېنىڭ كېتىشىمنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشۇمنى، ئەگەر كەتمىسەم بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ سۆز تالاق ھېسابلىنامدۇ؟. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا تىلىفۇن قېلىپ مېنىڭ تالاق مەسىلەم توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇردى. ئۇنىڭدىن سىز ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا نېمىنى نىيەت قىلغان دەپ سورالغاندا، ئاتا-ئانىسى بىلەن سۆزلەشكەندە مېنى تالاق قېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نىيىتى ۋە سۆزلىرى ئارقىلىق تالاق چۈشەمدۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

تالاق دېگەن سۆز؛ لەۋزىدىن ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغان ۋە كىنايە يەنى تالاقنى ۋە باشقا مەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان بولىدۇ.

ئوچۇق ئىپادىلىنىدىغان لەۋزى بىلەن بولغاندا ئايالىغا: "سەن تالاق قىلىندىڭ" دىسە، بۇ سۆزدىن تالاقتىن باشقا مەقسەتئىپادىلەنمەيدۇ.

كىنايە شەكلى بىلەن بولغاندا، بۇنىڭدىن تالاق ۋە تالاقتىن باشقا مەقسەتلەرمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: ئەر كىشى ئايالىغا: "سەن بويتاق ياكى سەن بىلەن مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ياكى ئىختىيار ئۆزۈڭدە ياكى ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىگە كەت ياكى مېنىڭ ساڭا ھاجىتىم يوق دېگەندەك سۆزلەردىن ئىبارەت.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، كىنايە شەكىلدە ئېيتىلغان لەۋزىلەردە پەقەت شۇ سۆزنى تالاقنى مەقسەت قىلىپ دېگەندە تالاق ھاسىل بولىدۇ. ئەمما تالاقنى مەقسەت قىلماستىن ئۇرۇشۇپ، ماجرا قىلىپ، ئاچچىقىدا دېگەن بولسىمۇ بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.

بۇ توغرىدىكى پەتىۋانى بىلمەكچى بولسىڭىز (120947) نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتقان سۆزىگە كەلسەك: سىزنىڭ كېتىشىڭىزنى، ئۆزىنى يالغۇز قويۇشىڭىزنى، ئەگەر كەتمىسىڭىز بىرەر ئىش چىقىپ قالىدىغانلىقى، بۇ كىنايە تالاق بولۇپ، ئەگەر سىز كەتمىسىڭىز چوقۇم بىرەر ۋەقە يۈز بېرىدىغان بولسا ۋە بۇ سۆزدىن ھەم تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ سۆز بىلەن تالاق ھاسىل بولىدۇ.

سىز كەتمىسىڭىز بىرەر ۋەقە يۈز بەرمىسە ياكى يۈز بېرىپ قالسىمۇ يولدىشىڭىز بۇ سۆزدىن تالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، بۇ سۆز بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.

يولدىشىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سىزنىڭ تالاق مەسىلىڭىز توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقان شۇ ۋاقىتتا سىزنى تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئەمما تالاقنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلمىغانلا بولسا، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ.

يولدىشىڭىز ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قېلىش جەريانىدا تالاقنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلغان بولسا ياكى تالاقنى مەقسەت قىلىپ ئوچۇق سۆزلىمەستىن كىنايە شەكىلدە تالاقنى ئىپادىلەيدىغان لەۋزىلەرنى سۆزلىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا تالاق ھاسىل بولىدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئىش بار:

بىرىنچى: ئاتا-ئانىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، سىزنى تالاق قېلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇرۇن ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا كەتكىن دېگەندە تالاقنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، دەسلەپتە نېمىنى مەقسەت قىلغان بولسا شۇنىڭغا ھۆكۈم قېلىنىدۇ، كېيىن قېتىلغان نىيەتنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمگە ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

ئىككىنچى: ئەر كىشى كۆڭلىدە تالاقنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ئەممابۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ۋە مەقسەتلىك كىنايە سۆزلەرنىمۇ قىلمىغان بولسا، بۇ مەسىلە 81726- نومۇرلۇق پەتىۋادا بايان قىلغىنىمىزدەك، بۇنىڭ بىلەن تالاق ھاسىل بولمايدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى