جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھاراقكەشنىڭ جازاسى، ئۇنىڭ ئوقۇغان ناماز ۋە روزىسى توغرا بولامدۇ؟

20037

تارقاتقان ۋاقىت : 30-04-2018

كۆرگۈچىلەر : 2422

سۇئال

ھاراقكەشنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئوقۇغان ناماز ۋە رامىزاندا تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنْصَابُ وَالأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. [سۈرە مائىدە 90-ئايەت].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە ئوغرىلىق قىلمايدۇ، ھەقىقى مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالىمايدۇ، يەنى مۇشۇنداق ناچار-چەكلەنگەن ئەمەللەرنى ئىمانى كامىل ھالەتتە قىلمايدۇ، بەلكى بۇنداق ئىشلارنى ئىمانى زەئىپ-ناقىس ھالەتتە قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى2295- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى86-ھەدىس].

   ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دۇنيادا ھاراق ئېچىپ تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى5147-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى3736-ھەدىس].

    ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئاللاھ تائالا ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە،قۇيۇپ بەرگۈچىگە،ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا، ساتقۇچىغا ،سىقىپ بەرگۈچىگە،كۆتۈرگۈچىگە ۋە ئاپىرىپ بېرىلگۈچىگە لەنەت قىلدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3189-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 2-توم 700-بەتتە كەلتۈردى. ئىبنى دەيلىمى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: سىلە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاراق توغرىسىدا بىر نەرسە دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: ھەئە ئاڭلىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر كىشى ھاراق ئېچىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ. [نەسائى رىۋايىتى5570-ھەدىس. شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 709- ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھاراق ئىچكەن كىشىگە ناماز ئوقۇش كېرەك ئەمەس دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەر نامازنى ۋاقىتىدا ئوقۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا نامازنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشى چوڭ خاتالىقتىن بىرنى سادىر قىلغان بولىدۇ، ھەتتا بەزى ئۆلىمالار نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ھاراقنىڭ كەسكىن چەكلەنگەن-ھارام ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ھاراق بولسا بارلىق ئەركىنلىكنىڭ مەنبەسىدۇر، ھاراقتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىشنى قىلغان كىشى ئەلۋەتتە ھاراقتىن باشقا چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

    پىقھى ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھاراق ئىچكۈچىنىڭ دۇنيادىكى جازاسى بولسا قامچا بىلەن ئەدەپلەشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھاراق ئىچكەن كىشى خورمىنىڭ شاخلىرى ۋە ئاياغ بىلەن ئۇرغان. [مۇسلىم رىۋايىتى3281-ھەدىس].

    ئۇلارنى قانچىلىق ئۇرۇش توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھاراق ئىچكۈچى ھۆر-ئەركىن ئادەم بولسا سەكسەن قامچا، قۇل بولسا قىرىق قامچا ئۇرۇش دېگەن قاراشنى كۇچلاندۇرغان.

     ئۇلار بۇ قاراشنى يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن ئىسپاتلىغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھاراق ئىچكەن بىر كىشى كەلتۈرۈلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى خورمىنىڭ شاخلىرى بىلەن قىرىققا يېقىن ئۇرغان، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ خىلاپەت دەۋرىدە شۇنداق قىلغان، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ساھابىلار مەسلىھەت قىلىشقاندا، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋىپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ جازانىڭ ئەڭ يەڭگىلى سەكسەن قامچا بولىدۇ دېگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاراقكەشنى سەكسەن قامچا ئۇرۇشقا بۇيرىغان.

    ساھابىلار ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ بۇ قارىشىغا مۇۋاپىق كەلدى، ھېچ بىرى بۇ توغرىدا ئىختىلاپ قىلمىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار ھەيئىتىمۇ ھاراق ئىچكۈچىنىڭ جازاسىنى سەكسەن قامچا بولىدۇ دەپ بېكىتتى.

    ئىبنى قۇدامە ۋە ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملار "ئەلئىختىيارات" ناملىق ئەسەردە: قىرىقتىن ئارتۇق بولغىنى ئىمامنىڭ قارىشى بويىچە بولىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە يۈزبەرگەندەك قىرىقتىن ئارتۇق ئۇرۇشقا ھاجەت بولسا ئۇ ۋاقىتتا سەكسەننى ئۇرىدۇ دەپ قارىغان.    توغرىسىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. [تەۋزىھۇل ئەھكام 5-توم 330-بەت].

ئەمما ھاراقكەشنىڭ ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ھەقىقەتتە ئۇ كىشىگىمۇ نامازنى ئۆز ۋاقىتىدا ئادا قىلىش ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇش پەرھىز بولىدۇ، ئەگەر نامازنى ياكى روزىنى تەرك قىلسا ئۇ ۋاقىتتا چوڭ خاتالىق سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ جىنايىتى ھاراق ئىچكەننىڭ جىنايىتىدىنمۇ زور بولىدۇ، ئەگەر رامزاننىڭ كۈندۈزدە ھاراق ئىچكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا زور ئاسىيلىقىدىن ئىككىنى قىلغان بولىدۇ، بىرى رامزاننىڭ كۈندۈزدە روزىنى بۇزۇش. ئىككىنچىسى ھاراق ئېچىشتىن ئىبارەت.

    شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇسۇلماننىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىشى ۋە تەۋبە قىلىشتىن ئاجىز كېلىشى ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ تائەت-ئىبادەتنى تەرك قىلىپ ياكى سەل قاراپ، گۇناھ-مەسىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشى تائەت-ئىبادەتنى ئادا قىلىشى، گۇناھ-مەسىيەتلەرنى تەرك قىلىشقا تىرىشچانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننى چوڭ-كىچىك گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىغۇچىدۇر ۋە يېقىندۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى