پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاندا ئەر-ئايالنىڭ چاقچاقلىشىشى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن روزىدار تۇرۇپ ئېرىمگە: سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېسەم توغرا بولامدۇ؟. ئېرىم مەندىن رامىزاندىمۇ شۇنداق دېيىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭغا: رازىدار تۇرۇپ بۇنداق دېسە بولمايدۇ، دېسەم، ئېرىم: بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار ھالەتتە ئەرنىڭ ئايالى بىلەن ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ئاغزاكى چاقچاقلىشىشى توغرا بولىدۇ، لېكىن ھەر ئىككەيلەن ئۆزىگە ئىگە بولىشى كېرەك، شەھۋىتى كۈچلۈك بولۇپ ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان، مەنىي چېقىپ كېتىدىغان ھالەت بولۇپ قالماسلىق شەرت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزىگە ئىگە بولالماي مەنىي چېقىپ كېتىپ روزا بۇزۇلىدىغان ھالەت بولۇپ قالسا، بۇنداق ھالەتتە روزىنى بۇزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاغزاكى چاقچاقلىشىشمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك مەزى چېقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. [شەرھى مۇمتىئ 6-توم 390-بەت].

    ئۆزىگە ئىگە بولالايدىغان كىشى ئايالى بىلەن چاقچاق قىلىشسا ۋە ئۇنى سۆيۈپ قويسا توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  روزىدار ھالەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى سۆيۈپ قوياتتى، قۇچاقلاپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ھەممىڭلاردىن بەكرەك ئۆزىگە ئىگە بولالايتتى». [بۇخارى رىۋايىتى 1927-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1106-ھەدىس].

   ئەمىر ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: روزىدار كىشى ئايالىنى سۆيەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بۇنى ئۇممۇ سەلەمەدىن سورىغىن» دېدى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى». [سەھىھ مۇسلىم 1108-ھەدىس].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئايالىنى سۆيۈشتىن باشقا قۇچاقلاش قاتارلىق جىنسى مۇناسىۋەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكمى سۆيۈشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ، ئۇ ئىشلارنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق". ["شەرھى مۇمتى" 6-توم 434-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد