دۇشەنبە 6 شەۋۋال 1445 - 15 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەقىقىنىڭ ھۆكمى، كەمبەغەلدىن ئەقىقە ساقىت بولامدۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالا ماڭا بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى، ئېرىمدىن ئەقىقە ئۈچۈن ئىككى قوي ئۆلتۈرۈش كېرەك بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئىنساننىڭ ئەھۋالى ياخشى بولمىسا ئادا قىلىدىغان قەرىزلىرى بولسا ئۇنىڭدىن ئەقىقە ساقىت بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەقىقىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك قارىشى بار: بەزىلەر ۋاجىپ دەيدۇ، بەزىلەر: مۇستەھەپ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: تەكىتلەنگەن سۈننەت دەيدۇ، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى كۆزقاراش كۈچلۈك قاراشتۇر.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى: "ئەقىقە تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر، يەتتىنچى كۈنى ئوغۇل ئۈچۈن (قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولىدىغان) ئىككى قوي، قىز ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرىدۇ، ئەگەر يەتتىنچى كۈنىدىن كېچىكتۈرسە قاچان ئۆلتۈرسە بولىدۇ، كېچىكتۈرگەنلىككە گۇناھ بولمايدۇ، مۇمكىن بولسا يەتتىنچى كۈنى قىلغان ياخشىدۇر، دەيدۇ". "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 11-توم 439-بەت.

    لېكىن ئۇلار ئەقىقىنىڭ قەرزى بار كىشىگە ئەمەس ھەتتا كەمبەغەلگىمۇ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ، ئۇلار ئەقىقىدىن كاتتىراق بولغان ھەج ئىبادىتىنىمۇ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشىڭىزنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بولسا ئۇنىڭغا ئەقىقە قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    بىر كىشى دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: مەن بىر قانچە پەرزەنتلىك بولدۇم، مەن ئايلىق ئىشلەيدىغان خىزمەتچى، ئالىدىغان ئىش ھەققىم چەكلىك، ئائىلىنىڭ خىراجىتىگە ئاران يېتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلالمىدىم، ئىسلامدا ماڭا پەرزەنتلىرىم ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئىش سىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بولسا، ئايلىق ئىش ھەققىڭىز ئائىلە خىراجىتىگە ئاران يېتىدىغان بولسا، پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن ئەقىقە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى: «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).» [سۈرە ھەج 78-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

   سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئادا قىلىڭلار، بىر ئىشتىن چەكلىسەم، ئۇنىڭدىن يىراق بولۇڭلار».

    سىز ئەقىقىنى تۇرمۇشىڭىز ياخشىلانغاندا قىلسىڭىز بولىدۇ. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 11-توم 436-437-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: بىر كىشىنىڭ بىر قانچە پەرزەنتى بولۇپ، كەمبەغەللىك ھالىتىدە ھېچ بىر پەرزەنتىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلمىغان، كېيىن ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن باي قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:" ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ كىشى ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن ئىككىدىن قوي، ھەر بىر قىزى ئۈچۈن بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ ئەقىقە قىلىشى كېرەك بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 11-توم 441-442-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشىنىڭ بىر قانچە قىز-ئوغۇللىرى بولۇپ، بىلمەسلىكتىن ياكى سەل قاراپ ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلمىغان، بالىلارنىڭ بەزىسى ھازىر چوڭ بولۇپ كەتتى، ئۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: «بىلمەي قىلمىغان بولسا ياكى ئەتە-ئۆگۈن قىلىمەن دەپ ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئەھۋالدا ھازىر قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ، ئەمما پەرزەنتى تۇغۇلۇپ ئەقىقە قىلىدىغان ۋاقىتتا كەمبەغەل بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھازىر قىلىش كېرەك بولمايدۇ». ["ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 2-توم 17-18-بەت].

    شۇنىڭدەك ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئۇ كىشىگە ۋەكالىتەن ئەقىقە قىلىپ قويۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، ئەگەر قىلىپ قويسا دۇرۇس بولىدۇ، خۇددى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننىڭ ئەقىقىسىنى قىلىپ قويغاندەك. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2841-ھەدس. نىسائىي رىۋايىتى 4219-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2466-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: ئەقىقە قىلىش بىلەن ھەج قىلىش ئىككىسى تەڭ بولۇپ قالسا ئەلۋەتتە ئىقتىسادنى ھەج قىلىشقا سەرپ قىلىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ، ئەگەر پەرزەنتىڭلار چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەقىقە قىلماقچى بولساڭلار، يېقىن-يورۇقلارنى ئەقىقە قىلىمىز دەپ چاقىرىپ، گۆشلەرنى پىشۇرۇپ زىياپەت قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى سىلەر توغرا ئىشنى قىلغان بولساڭلارمۇ چاقىرىلغۇچىلار سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋەپ بولاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەقىقە قىلىدىغان قوينى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ گۆشىنى كەمبەغەل كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرسەڭلار دۇرۇس بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىقە دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ پەرزەنت تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى مال بوغۇزلاشتىن ئىبارەت بولغان سۈننەت ئەمەلدۇر، بۇ توغرىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، ئەقىقە قىلغان كىشى كىشىلەرنى ئۆيگە ياكى مەلۇم بىر ئورۇنغا ئەقىقە زىياپىتىگە چاقىرىشى، كەمبەغەللەرگە، يېقىن-يۇرۇقلىرىغا، خولۇم-خوشنىلىرىغا ۋە دوستلىرىغا ئەقىقە قىلغان قوينىڭ گۆشىدىن تارقىتىپ بېرىشى ياخشى كۆرۈلىدۇ. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 11-توم 442-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى