سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىماننىڭ تەقەززاسىغا ئەمەل قىلغاندا نېمە نەتىجىلەر كىلىپ چىقىدۇ؟

سۇئال

ئىماننىڭ تەقەززاسىغا ئەمەل قىلغاندا نېمە نەتىجىلەر كىلىپ چىقىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ  تەرجىمىسى: ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز. [سۈرە نەھل 97-ئايەت].

    ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئەمەل قىلغان كىشى ئۈچۈن قىلغان ۋەدىسى، ئادەم ئەۋلادلىرىدىن ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ئەمەل قىلىدىكەن، قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۇنيادا گۈزەل ھاياتتا ياشىتىدۇ، ئاخىرەت دىيارىدا قىلغان ئەمەلىي بويىچە گۈزەل مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، گۈزەل ھايات دېگەن ھەر تەرەپتىن بولغان راھەت يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە باشقا جامائەتلەردىن قىلىنغان رىۋايەتلەردە ئۇلار پاكىزە ھالال رىزىقنى گۈزەل ھايات دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ گۈزەل ھاياتنى قانائەت دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىبنى ئابباس، ئىكرەمە، ۋەھبۇ ئىبنى مۇنەببىھ قاتارلىقلارمۇ شۇنداق چۈشەندۈرگەن. ئەلى ئىبنى ئەبى تەلھە ئىبنى ئابباستىن گۈزەل ھاياتنى بەخت-سائادەت دەپ چۈشەندۈرگەن. زەھھاكمۇ: ئۇ تائەت بىلەن ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇش دەيدۇ، توغرىسى گۈزەل ھايات دېگەن بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ". ["تەپسىرى ئىبنى كەسىر"4-توم 516-بەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ  تەرجىمىسى: كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ. [سۈرە غاپىر 40-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَمَنْ أَرَادَ الْآخِرَةَ وَسَعَى لَهَا سَعْيَهَا وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَئِكَ كَانَ سَعْيُهُمْ مَشْكُورًا   تەرجىمىسى:كىمكى ئاخىرەتنى كۆزلەيدىكەن ۋە مۆمىن بولۇپ ئاخىرەتكە لايىق ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، مۇنداق ئادەملەرنىڭ قىلغان ئەمەلىي (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) قوبۇل بولىدۇ. [سۈرە ئىسرا 19-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا يَخَافُ ظُلْمًا وَلَا هَضْمًا  تەرجىمىسى: مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ [سۈرە تاھا 112-ئايەت].

    بۇ ئايەت كەرىمىلەر شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئىنسان ئاللاھغا ئىشەنسە، پەرۋەردىگارى ئۈچۈن ئەمەلنى خالىس قىلسا، ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمىسا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە راۋۇرۇس تۇرسا، ئۇنىڭدىن چەتنەپ چېقىپ كەتمىسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت بولىدۇ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىدۇ، دۇنيادا ئېرىشىدىغان نېمەتنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئۇ كىشىگە ئارامدىللىق ۋە كۆڭۈلنىڭ ئوچۇقلىقى، قەلبىنىڭ ساغلاملىقى، تەشۋىشلەنمەستىن ئىمان-ئىشەنچ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگە يۈزلىنىشنى رىزىق قىلىپ بېرىلىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىگە قەلبىنىڭ، سۆزىنىڭ ۋە ئەمىلىنىڭ توغرىلىقى نېمەت قىلىپ بېرىلىدۇ، ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىنىدۇ.

    شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە قەبىرنىڭ پىتنىسىدىن قۇتۇلىدۇ، تېرگۈزۈلگەندە ئۇ كىشىگە ھېساب ئاسان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھەسسىلەپ تولۇقلىنىدۇ، يامانلىقلىرى ياخشىلىققا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كېرىدۇ، جەننەتتە بەختلىك بولىدۇ، ئەبەدىي بەختسىز بولمايدۇ، ئەبەدىي ئۆلمەيدۇ دائىم ھايات بولىدۇ، جەننەتتە كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان ۋە ئىنسان قەلبىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەر بار.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ * نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ *نُزُلًا مِنْ غَفُورٍرَحِيمٍ  تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر دەيدۇ.» [سۈرە پۇسسىلەت 30- 31- 32-ئايەتلەر].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى