سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەقلىي ۋە جىسمانىي تەرەپتىن ئاجىز كىشى روزا تۇتمىغىنى ئۈچۈن كاپارەت بېرىشى كېرەكمۇ؟

سۇئال

مېنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي تەرەپتىن ئاجىزلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر سىڭلىم بار، يىل بېشىدا بالاغەتكە يەتكەن بولۇپ روزا تۇتالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كاپارەت بېرىمىزمۇ قانداق؟ ئەگەر كاپارەت بېرىدىغان بولساق ئۇنىڭ مىقدارى قانچىلىك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ كېسەللىك كېچىك بالىلارغا يېتىدىغان بىر كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىدۇ. بۇنىڭ سىرتقى ئالامىتى: ئىككى كۆزى يۇمۇلۇش، گەردەنلىرى ۋە قوللىرى قىسقىراش، موسكۇللىرى بوشاشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئىككىنچى: روزىنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ جايىدا بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن، ئەقلىگە بىر نەرسە غالىپ كەلگەن كىشى ئەقلىگە كەلگۈچە، ئۇخلاپ قالغۇچى ئۇيقىدىن ئويغانغۇچە ۋە كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكۈچە. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4399-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

    ئەگەر ھەمشىرىڭىز شەرئى بۇيرۇقنى بىلەلمەيدىغان، بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان دەرىجىدە ئەقلىدىن كېتىپ قالغان بولسا بۇ ھالەتتە ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش پەرز بولمايدۇ، قازاسىنى قىلىشمۇ كېرەك بولمايدۇ، كاپارەت بېرىشمۇ لازىم ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭغا بۇ ھالەتتە پەرىز ئەمەلنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ"شەرھىل مۇمتىئ"ناملىق ئەسەر 6-توم 324-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەقلى جايىدا بولمىغان ھەرقانداق بىر كىشى شەرىئەتتە ئەمەل-ئىبادەتكە بۇيرۇلمايدۇ، ئۇنداق كىشىگە ناماز، روزا قاتارلىق ئىبادەتلەر پەرىز بولمايدۇ، تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ئورنىغا يىمەكلىك بېرىشمۇ كېرەك بولمايدۇ، ئومۇمەن ئىقتىسادقا ئالاقىدار بولمىغان ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ھېچ نەرسە پەرىز بولمايدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى