شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

جانلىق نەرسىلەرنىڭ ھەيكىلىنى ياساش ۋە سىزىشنىڭ ھارام قىلىنىشتىكى ھېكمەت توغرىسىدا

سۇئال

    نېمە ئۈچۈن تۈرلۈك شەكىلدىكى جانلىقلارنىڭ سۈرىتىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە رەسىمىنى سىزىش ھارام  دەپ قارىلىدۇ؟ بۇنىڭغا قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل بارمۇ؟. مېنىڭ بۇ توغرىدىكى تەتقىقاتىم  مەلۇم چەككە يەتكەن بولسىمۇ روشەن ئەمەس ياكى ئۇنىڭدا ئاساسەن ئىختىلاپ يوق، بۇنداق قىلىشنى ھارام دېگەن كىشىنىڭ دەلىلى: ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىسىگە ئوخشاپ قىلىش بار، بۇ شېرىك ئەمەل، تەۋھىدكە ھاقارەت دەيدۇ، ئويلاپ بىقىڭلار، ئەگەر رەسىم سىزغۇچى رەسسام ياكى سۈرەتچى ئاللاھقا ئىشىنىدىغان مۇسۇلمان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىشنى ياكى شېرىكىنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، بۇ ھۆكۈم ئۇلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، رەسسام ياكى سۈرەتچىنىڭ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىشى ئىلگىرى بولغان نەرسىنىڭ شەكلى ۋە سۈرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت، بىر نەرسىنى يېڭىدىن پەيدا قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق قىلىشقا ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى قادىر بولالمايدۇ، ئۇنداقتا بۇ يەردىكى چەكلەش نېمە ئۈچۈن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر،

     پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رەسىم سىزىش ياكى سۈرەتچىلىك قىلىشنىڭ ھەممىسى ھارام ئەمەس، بۇ يەردە ھارام بولغىنى جانلىق نەرسىلەرنى شەكلىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە سۈرىتىنى سىزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسىملەردۇر، بۇنى قىلىش شېرىك ئەمەس، پەقەت ھارامدۇر يەنى چەكلىنىدۇ، چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش پېئىل بار، بۇ شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىدۇر. بۇ ئىككى ئامىل جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى كەلتۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئوچۇق ئىپادىسىدۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتىلەرنىڭ سۈرەت بار ئۆيگە كىرىشتىن چەكلىنىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئىشنىڭ ئېغىر گۇناھ بولغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىسىگە ئوخشاپ قىلىشنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى"14/84 7222  - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: رەسسامنىڭ ئاللاھنى بىر بىلگۈچى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھالال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇ كىشى ئىسلامنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇناتتى، چەكلەنگەن ئىشنى قىلىشتىن قول يىغاتتى، ئىسلام دىنى شېرىككە ۋە ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى چەكلىدى، ئالىملار ئېيتقاندەك، ۋاستىغىمۇ مەقسەت قىلىنغۇچى ئىشنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ، بىز ھەممەيلەن بەندىنىڭ ئاللاھ ياراتقانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى ئىجاد قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاق، ھەدىستە رەسىم سىزىش ۋە سۈرەت كەلتۈرۈشتىن چەكلىگەنلىك ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىندۇر، بەندىنىڭ قىلغان ئىشى ھەقىقەتتە ئوخشىمىسىمۇ كۆرۈنۈشتە ئوخشاپ قالىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارىغان بۇ ئىش، زېمىندا تۈنجى قېتىم شېرىكنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەنۋۇد، سۇۋا، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسىر- قاتارلىق بىر قىسىم سالىھ كىشىلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئادا ياد ئېتىش ۋە مەدھىيىلەش، شۇئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلىشىغا رىغبەت بولىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى شەكىللەندۈرگەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۇلارغا چوقۇنۇشقا باشلىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا . وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا ‏تەرجىمىسى: « ئۇلار: مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار دېدى، ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن.» [سۈرە نۇھ 24-23-ئايەت].

    شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىدىكى سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇلار ۋاپات بولغان ۋاقىتتا شەيتان كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇشقا ۋە بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغاندا ئۇلارغا ئوخشاش كۆپ ئىبادەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا قىزىقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرى قاتۇرۇلدى، ئۇلار شۇنداق ئۆتتى، كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ دەۋرىدە شەيتان ئۇلارغا: سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلار بۇ ھەيكەلگە چوقۇناتتى، ھەر ئىشتا ئۇلارنى ۋەسىلە قىلاتتى، ئۇلار بىلەن يامغۇر تىلەيتتى دەپ ئۇلارنى ئازدۇردى، ئۇلارمۇ ھەيكەلگە چوقۇنۇشقا باشلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن چوڭلىرى ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا، كېيىنكىلەرگە ھەيكەلگە چوقۇنۇش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلىدىغان بولدى". ["تەپسىر سەئدى" 889-بەت].

   ئۈچىنچى: جانلىق نەرسىلەرنىڭ رەسىمى ۋە سۈرىتىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەر كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

   1-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بۇ سۈرەتلەرنى سىزغان ۋە شەكىللەندۈرگەن كىشىلەر قىيامەتتە ئازابلىنىدۇ ۋە ئۆزۇڭلار پەيدا قىلغان نەرسىگە جان كىرگۈزۈڭلار دېيىلىدۇ»، [بۇخارى رىۋايىتى

5607 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2108 –ھەدىس].

    2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنىدە ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالا ياراتقانغا ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 5610-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2107-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىز ۋە باشقا ئالىملار مۇنداق دېگەن: جانلىق نەرسىنىڭ سۈرىتىنى شەكىللەندۈرۈش چەكلەنگەن ھارام ئىش ۋە چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلارغا ھەدىستە بايان قىلىنغان قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلىنغان، ئۇ سۈرەتنى دەسسەپ خارلاش ئۈچۈن قىلسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن قىلسۇن ئوخشاش، ھەر قانداق ھالەتتە ئۇنى شەكىللەندۈرۈش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىگە ئوخشاپ قىلىش بار، ئۇنى رەخت، كىيىملەرگە، گىلەم-پالاسلارغا، تەڭگە-تىللالارغا، داچەن-تەڭگىلەرگە، قاچا-قۇچا، تاملارغا ياكى باشقا نەرسىلەرگە سىزىش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئوخشاشلا ھارام بولىدۇ، چەكلىنىدۇ، ئەمما جانسىز بولغان دەل-دەرەخ، ئىگىر-توقۇم، دېڭىز-دەريا قاتارلىق نەرسىلەرنى سىزسا ۋە شەكىللەندۈرسە بۇ ھارام ئەمەس، چەكلەنمەيدۇ، [بۇ ئاپىرات بىلەن تارتقان سۈرەتكە ئوخشايدۇ". "شەرھى مۇسلىم"14/82].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھۆكۈملەرنى پەقەت قۇرەيش كاپىرلىرىغا خىتاپ قىلمىغان بەلكى ساھابىلارغىمۇ خىتاپ قىلغان، بۇ ئومۇمى ئۇممەتكە خىتاپتۇر، بۇنى قىلغۇچى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق.

سەئىد ئىبنى ئەبىل ھۈسەين مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىلىپ: مەن مۇشۇنداق سۈرەتلەرنى سىزىدىغان ئادەم يەنى رەسىمچى، ماڭا بۇ ئىشتا پەتىۋا بەرگىن دېدى، ئىبنى ئابباس ئۇ كىشىگە: "ماڭا يېقىن كەل دېدى، ئۇ كىشى يېقىن كەلدى، ئاندىن يەنە ماڭا يېقىن كەل دېدى، ئۇ كىشى يېقىن كەلدى، ئىبنى ئابباس قولىنى ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىر ھەدىسنى ساڭا دەپ بىرەيمۇ؟ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بارلىق سۈرەت سىزغۇچى ۋە شەكىللەندۈرگۈچىلەر دوزاختا بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزغان ھەر بىر سۈرەتلىرىگە جان كىرگۈزۈلۈپ جەھەننەمدە ئازابلىنىدۇ»، ئەگەر سەن رەسىمچىلىك قىلىدىغان بولساڭ جانسىز بولغان دەل-دەرەخ، ئىگىر-توقۇم، دېڭىز-دەريا قاتارلىق نەرسىلەرنى سىزغىن دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 2112-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2110-ھەدىس].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى قولى بىلەن سىزسۇن، ياغاچ-تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە ئويسۇن، لايغا ئوخشاش يۇمشاق نەرسىلەردىن ھەيكەل قاتۇرسۇن ھەممىسى ھارام بولىدۇ، بۇ سۈرەت شەكىللەندۈرگۈچىلەرگە ئازاب بولىدۇ دېگەن ھۆكۈم دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇنىڭ ھارام قىلىنىشى توغرسىدىكى ھېكمەتنى ئىلگىرى بايان قىلدۇق. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى