جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بىمار تەيەممۇم قىلىپ ئىككىدىن ئارتۇق نامازنى بىرگە جۇغلاپ ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟ياكى تاھارەتنى ساقلاش ئۈچۈن قوللانغان زاكى بىلەن ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ؟

سۇئال

ئولتۇرۇپ قالغان ھېچ ھەرىكەتلىنەلمەيدىغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەمشىرىسىدىن باشقا ھېچ نېمىسى يوق، ھەمشىرىسى ئۇ كىشىنىڭ تەرەتلىرىنى پاكىزلايدۇ، ئىمكان قەدەر ئەۋرەتلىرىگە نەزەر سېلىشتىن يىراق بولىدۇ، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن ئۇ كىشى نامازنى تەرك قىلمايدۇ، ھەمشىرىسى ئۇ كىشىنىڭ بىزىنى ئەڭ ئاز كۈندە ئۈچ قېتىم ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇ كىشىگە ۋە ھەمشىرىسىگە قېيىن بولىدۇ، ئۇ كىشى سۈيدۈك توختىتالمايدۇ، ئەتتىگەندە بامدات نامىزى ئوقۇيدۇ، پېشىننى ئەسىر بىلەن، شامنى خۇپتەن بىلەن بىرگە جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، لېكىن ھەمشىرىسى: ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يۇيۇپ ۋە پاكىزلاپ قويۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورايدۇ؟چۈنكى ئىستىنجا قىلدۇرۇش ۋە تەرەت ئالدۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككەيلەن بەك ئوڭايسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ تەيەممۇم قىلىشى توغرا بولامدۇ؟يەنە نىجاسەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللانغان بەزنى ئېلىۋەتمەي ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەسلىدە ئەر كىشىنىڭ ئەۋرىتىگە ئانىسى ياكى ھەمشىرىلىرىنىڭمۇ قارىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەۋرىتىڭنى پەقەت ئايالىڭ ۋە دېدەك-چۆرىلىرىڭدىن باشقىلاردىن ساقلىغىن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4017-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 2794-ھەدىستە ھەسەن دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلتۈرگەن].

    لېكىن قېرىندىشى ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ قويىدىغان ئايالى بولمىسا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدىغان باشقا ئەر كىشىلەرمۇ بولمىسا، ھەمشىرىسىنىڭ ئۇنى پاكىزلاپ قويۇشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى زۆرۈر بولغاندا ۋە قاتتىق ھاجەت بولغان ئەۋرىتىنى ئېچىش توغرا بولىدۇ، ئىمكان قەدەر ئەۋرىتىگە قارىماسلىققا تېرىشىشى لازىم، شۇنىڭدەك قولى بىلەن بىۋاستە تۇتۇشتىنمۇ يىراق بولۇش كېرەك، ياخشىسى تازىلىغاندا، پەلەي كېيىۋىلىشى ياكى بىرەر پارچە لاتادەك بىر نەرسە ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 50805-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىككىنچى: ئەسلىدە نامازنى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَوْقُوتًا  تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

    كېسەل ياكى مۇساپىر ئۈچۈن پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى ئىلگىرى-كېيىن قىلىپ جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"22-توم 293-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنىڭ سەۋەبى ھاجەت ۋە ئۈزۈر بولىدۇ، سەپەردە، ئۇزۇن سەپەر بولسۇن ياكى قىسقا سەپەر بولسۇن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشقا ئېھتىياجلىق بولسا جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك قاتتىق يامغۇر ياغقاندا، سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاندا ۋە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەردىن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولىدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت ئۈممەتتىن قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋېتىشتۇر". بۇ ھەقتە 97844- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    شەرىئەتتە ئىككىدىن ئارتۇق نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرۇلۇق دەلىل بايان قىلىنمىدى، بىمارنىڭ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش ئۈچۈن شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىدىن ئارتۇق نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا شەرىئەتتە دەلىل بايان قىلىنمىغان.

    دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرىدىن: كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر قانچە دوختۇرخانىلارنىڭ ئارىسىدا يۆتكىلىپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كىچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، سىز كۈچىڭىزنىڭ يېتىشچە نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا تېرىشىڭ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، يېنىچە ناماز ئوقۇغىن، ئەگەر بۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئوڭدا يېتىپ ناماز ئوقۇغىن. بىمار كىشى پېشىن بىلەن ئەسىرنى ئىككى ۋاقىتنىڭ بىرىدە ۋە شام بىلەن خۇپتەننى ئىككى ۋاقىتنىڭ بىرىدە جۇغلاپ ئوقۇيدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم 83-بەت].

    ئۈچىنچى: سۇ بولىدىكەن ۋە سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولىدىكەن بۇ ۋاقىتتا تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن بىمار سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىسا ياكى سۇ ئىشلىتىش بىلەن سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە ياكى سۇ ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش توغرا بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا  تەرجىمىسى: ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەت قىلساڭلار ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار،(مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا)سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر). [سۈرە نىسا 43-ئايەت].

    قازى ئىبنى ئەرەبىي: "ئەھكامۇل قۇرئان"1-توم 560-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كېسەللىك دېگەن بەدەننىڭ نورمال ھالەتتىن چىقىپ غەيرى بىر ھالەتكە ئادەتلىنىشىدۇر، بۇ ئاز ۋە كۆپ دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىمار سۇ ئىشلىتىشتىن ئەنسىرىسە ۋە ئۇنىڭغا سۇنى سۇنۇپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا، ئۆزى سۇنى ئېلىشقا قادىر بولالمىسا ئۇ ۋاقىتتا تەيەممۇم قىلسا توغرا بولىدۇ، ئومۇمەن سۇ ئىشلىتىشتىن ئەنسىرىگەن ۋە سۇ ئىشلىتىش بىلەن ئەزىيەتكە ئۇچرايدىغان ھەرقانداق بىمارنىڭ تەيەممۇم قىلىشى توغرا بولىدۇ".

   دائىمىي كومىتېتى پەتىۋا ھەيئەتلىرىدىن: مەن بىر كېسەل كۆرپىسى، ھەرىكەتلىنەلمەيمەن، مەن قانداق تاھارەت ئىلىپ ۋە قايسى شەكىلدە ناماز ئوقۇيمەن؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بىرىنچى: تاھارەت مەسىلىسىگە كەلسەك، مۇسۇلمان سۇ بىلەن تاھارەت ئىلىشى كېرەك، ئەگەر كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبلەردىن سۇ ئىشلىتىشتىن ئاجىز كەلسە، پاك تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىدۇ، ئەگەر تەيەممۇم قىلىشتىنمۇ ئاجىز كەلسە، ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىن ئىبادەت ئۈچۈن تاھارەت ئىلىش ساقىت بولىدۇ، ئۆز ھالى بويىچە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ  تەرجىمىسى: كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ  تەرجىمىسى: سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى). [سۈرە ھەج 78-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

    ئەمما سىرتقا چىققاندا چوڭ-كىچىك تەرەتلەرنى تاش-چالما ياكى تازىلىق قەغىزى بىلەن پاكىزلاش كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەرەت چىققان ئورۇننى ئۈچ قېتىم ياكى شۇ ئورۇن پاكىزە بولغۇچى سۈرتىدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى"5-توم 346-بەت].

    تۆتىنچى: بىمارنىڭ پاكىزە بولمىغان يەنى نىجاسەت يۇققان بەز بىلەن ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، مۇمكىن بولسا ئۇنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ، يېقىن جايغا بىر قاچا ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر نەرسىنى قويۇپ ئۇنىڭغا ھاجىتىنى ئادا قىلىدۇ، ئىستىنجا قىلىدۇ ياكى تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن پاكىزلايدۇ.

    ئەمما ئۇ كىشىگە نىسبەتەن بەز ئىشلىتىش ئوڭاي بولسا، ئۇ كىشى نامازدىن بۇرۇن پاكىزە بولمىغان بەزنى يېڭىغا ئالماشتۇرىدۇ، ۋە نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر سۈيدۈك توختىتالمايدىغان بولسا، نىجاسەتنىڭ ئورنىنى يۇيىدۇ، ئاندىن سۈيدۈكنىڭ تارىلىشىنى توسىدىغان بىر نەرسە قويىدۇ، ئەگەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن تاھارەت ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر نەرسە چىققان بولسا، ئۇ ئورۇننى يېڭىدىن يۇيۇش ۋە قويغان نەرسىنىمۇ ھەر ناماز ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ، پەقەت پاكىزلىققا سەل قاراپ تولۇق مۇھاپىزەت قىلىنمىغاندا ئالماشتۇرۇش كېرەك بولىدۇ.

بۇ توغرىدا 147025-106751- ۋە 126293- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن ياخشى  بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى