يەكشەنبە 24 زۇل ھەججە 1445 - 30 ئىيۇن 2024
Uygur

مەسىھ قىلىنىدىغان ئاياغنىڭ ھوشۇقنى يېپىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ئاياغقا مەسىھ قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئىلىپ باردىم، تۆت مەزھەپ ئالىملىرى: مەسىھ قىلىنىدىغان ئاياغ پۇتنىڭ ھوشۇقىنى يۆگەش ۋاجىپ دەيدۇ. شەيخ ئەلبانىينىڭ كىتابىدا: پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى ياپمايدىغان ئاياغقىمۇ مەسىھ قىلسا بولىدۇ دەپتۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا زىت كېلىدۇ، ئىشنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى  ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: تۆت مەزھەپ ئالىملىرى: مەسىھ قىلىنىدىغان ئاياغنىڭ يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇنلاردىن تاپىنى بىلەن  ھوشۇقىنى ياپىدىغان بولىشىنى شەرت قىلدى، ئەگەر پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى ياپمىسا تاھارەتكە ئاساسلانغاندا ھوشۇقنى ياپمايدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پۇتىنىڭ ھوشۇقى ئوچۇق بولسا يۇيۇلىدۇ، يېپىلغان بولسا مەسىھ قىلىنىدۇ، ئورنىنى ئالغۇچى بىلەن ئۇنىڭدىن ئورنىنى ئالغۇچىنى (يەنى: بەدەل بىلەن مۇبەددەل مىنھۇنى) بىر ئەزادا جۇغلاش مۇمكىن بولمايدۇ.

  خەرشىنىڭ:"مۇختەسەر خەلىل" نىڭ ئىزاھاتى 1-توم 179-بەت، "قەليۇپى ۋە ئەمىيرە"نىڭ ئىزاھاتى 1-توم 68-بەت ۋە "پىقھى توپلاملىرى" 37-توم 2634-بەتكە قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى يوق. (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇلار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار. بەزى ئالىملار ھوشۇقنى ياپمايدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، دەيدۇ. بۇ قاراشنى ئىبنى ھەزمى ئەۋزائىيدىن بايان قىلغان. تۆت مەزھەپ ئالىملىرى بۇنىڭدىن چەكلىگەن.  

   "ئەلمۇغنى" 1-توم 180-بەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئىككى ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئۆتۈك ياكى مەيسە قاتارلىق ئاياغلار ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرگە مەسىھ قىلسا بولىدۇ.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   ئۆتۈك ياكى مەيسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە، پۇتىدىن يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ياپىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن مېڭىش مۇمكىن بولىدىغان ۋە تىكلەپ قويسا تۇرىدىغان نەرسىدۇر، قونچلۇق ئاياغ شوينۇلۇق بولسۇن ياكى پۇتىدا ھىم تۇرىدىغان ئاياغ بولسۇن،  پۇتىدىن يۇيۇش پەرز بولغان ئورۇننى ياپىدىغان بولۇپ، ئىككى ھوشۇق كۆرۈنمىسە بۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. ئىمام شاپىئى ۋە ئەبۇ سۈر قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.

    ئۆتۈك ياكى مەيسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە، ھوشۇقنى ياپمايدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىمام مالىكتىن بولغان توغرا قاراشتتۇر. ئىمام مالىكتىن بولغان يەنە بىر قاراشتا ۋە ئەۋزائىيدىن بايان قىلىنىشچە ھوشۇقنى ياپمىغان ئاياغقىمۇ مەسىھ قىلىش دۇرۇس دەپ كەلگەن، چۈنكى ئۇمۇ مېڭىش مۇمكىن بولىدىغان ئاياغ بولغانلىقى ئۈچۈن ھوشۇقنى ياپىدىغان باشقا نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئۇ، پۇتىنى يۇيۇشتىن پەرز بولغان ئورۇننى ياپمايدىغان ساپما كەش ۋە يازلىق ئاياغقا ئوخشايدۇ». 

   ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پۇتىغا كىيىدىغان ئاياغ ھوشۇقنى ياپمايدىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

   بۇ ئەۋزائىينىڭ قارىشى بولۇپ، ئۇ كىشىدىن مۇنداق بايان قىلىنغان: ئېھراملىق كىشى ھوشۇقىنى ياپمايدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلىدۇ، باشقىلار پەقەت پۇتىنىڭ ھوشۇقىنى ياپىدىغان ئاياغقا مەسىھ قىلىدۇ.

    ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆتۈك-مەيسىلەرگە مەسىھ قىلىشقا بۇيرىغان ۋە ئۆزىمۇ پايپاققا مەسىھ قىلغان». ئەگەر بۇ مەسىلىدە بايان قىلىشقا تىگىشلىك بەلگىلىمە ياكى كۆرسەتمە بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى چالا قويمايتتى ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىماي بايان قىلىپ بېرەتتى.  ئۆتۈك، مەيسە، پايپاق قاتارلىق پۇتىغا كىيىدىغان ھەر قانداق نەرسە بولسا ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ». ["ئەل مۇھەللا" 1-توم 336-بەت].

    تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بىر مەسىلىگە ئىتتىپاق كەلگەنلىكىنى بۇنىڭغا ھەممەيلەن بىرلىككە كەلدى دېگەن ئىپادىنى بىلدۈرمەيدۇ، شۇنىڭدەك توغرا يول تۇتقۇچى تۆت خەلىپىنىڭ بىر مەسىلىگە ئىتتىپاق كېلىشمۇ ھەممەيلەننىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنداق بولغاندىن كېيىن كىيىنكىلەرنىڭمۇ بىرەر مەسىلىدە ئىتتىپاققا كېلىشىمۇ بىرلىككە كەلگەنلىك ھېسابلانمايدۇ.

   شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئۇسۇل پىقھىنىڭ مۇزاكىرىسى" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق كەلگەن: "كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر دەۋرىدە ياشىغان نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بىر مەسىلىدە ئىتتىپاققا كېلىشى [ئىجما] بىرلىككە كەلگەن بولمايدۇ. ئىبنى جەرىر تەبەرىي، ئەبۇ بەكىر راۋى قاتارلىقلار بىر ياكى ئىككى كىشىنىڭ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىكىگە قارشى كېلىشى ئۇلارنىڭ بىرلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ بۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ دەلىلى: ئېتىبارغا ئىلىش ئۈممەتنىڭ بارلىق ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى خاتالىق-ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىنىش دېگەن كۆپچىلىكتە بولىدۇ، بەزىلەردە بولمايدۇ. باشقا ئالىملارنىڭ دەلىلى بولسا: ھەر ئىشتا كۆپلۈك ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئازلىق ئەمەلدىن قالىدۇ".  ["ئۇسۇل پىقھىنىڭ مۇزاكىرىسى" 1-توم 156-بەت].

   يەنە مۇنداق كەلگەن: "كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: توغرا يول تۇتقۇچى تۆت خەلىپىنىڭ بىر مەسىلىگە ئىتتىپاق كېلىشىمۇ ھەممەيلەننىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، توغرىسى، ئۇ بىرلىككە كەلگەن (ئىجما) ئەمەس بەلكى دەلىل ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بىرلىككە كەلگەن (ئىجما)دېگەن پەقەت ھەممەيلەننىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بولىدۇ.

   ئاگاھلاندۇرۇش: ئالقاننىڭ تۈگەنجىسىدىكى بوغۇم بولسا قولنىڭ بېغىشى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبنى قۇتەيبەنىڭ "يازغۇچىنىڭ ئەدەپلىرى" 1-توم 31-بەتتىن ئېلىندى.

   ۋائىل ئىبنى ھۈجىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ قانداق ھەيئەتتە ناماز ئادا قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمدە تۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزىغا قارىدىم، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرۇپ ئىككى قولىنى ئىككى قۇلىقىنىڭ باراۋېرىدە كۆتۈرگەچ تەكبىر ئېيتتى، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول ئالقىنى، بېغىشى ۋە بېلىكىنىڭ ئۈستىگە قويدى...». [نەسائى رىۋايىتى 879-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى