پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىرىق كۈنلۈك توشمىغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

 ئايالىم ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا، بىزنىڭ يەنە ئىككى ئوغلىمىز بولۇپ، بىرى بىر يېرىم ياش، ئىككىنچىسى يەتتە ئايلىق بولدى، ئىككى پەرزەنتىمىز بىر ئاز چوڭ بولۇپ بولغىچە تۇغۇتنى تەرتىپلەش ئۈچۈن ئايالىم ئايغا توشمىغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     قىرىق كۈنگە توشمىغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشتى، ھەنەفى، شافىئى مەزھىپىدىن بىر جامائەت ۋە بەزى ھەنبەلى ئالىملىرى قىرىق كۈنگە توشمىغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى. ئىبنى ھۇمام "پەتھۇل قەدىر" 3-توم 401-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھامىلدار بولۇپ بولغاندىن كىيىن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە توغرا بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە؛ تۆرەلمە ئىنسان شەكلىگە كەلمىگەن بولسا بولىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئورۇندا: ئىنسان شەكلىگە كىلىشى بىر يۈز يىگىرمە كۈندىن كېيىن بولىدۇ دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسان شەكلىگە كىلىشى دېمەكتىن جان كىرگەندىن كىيىن دېگەننى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، لىكىن بۇ قاراش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئىنسان شەكلىگە كېلىش دېگەن بىر يۈز يىگىرمە كۈندىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىدۇ".

رەملى "نىھايەتۇل مۇھتاج"  8 -توم 443-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كۈچلۈك قاراشتا، جان كىرگەندىن كىيىن چۈشۈرۈۋېتىش مۇتلەق ھارام بولىدۇ، جان كىرىشتىن بۇرۇن دۇرۇس بولىدۇ".

    ھاشىيەتۇ قەليۇبى 4 -توم 160-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "غەزالىدىن باشقا ئالىملار تۆرەلمىنى جان كىرىشتىن بۇرۇن گەرچە دورا بىلەن چۈشۈرۋەتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ دېگەن.

    مىرداۋىي"ئەل ئىنساپ" 1 -توم 386-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ئىسپىرمىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن دورا ئىچسە بولىدۇ"، ئبنى جەۋزى ئاياللار ئەھكامىدا ھارام دېگەن

"   ئەل پۇرۇئدا" مۇنداق دېگەن: "ئە پۇنۇندا"  ئىبنى ئەقىلنىڭ سۆزىنىڭ سىياقىدا: جان كىرىشتىن بۇرۇن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە توغرا بولىدۇ دېگەن".

     مالىكى مەزھەب ئالىملىرى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش مۇتلەق توغرا بولمايدۇ دېگەن قاراشتا بولغان،  ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزى، شافىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسىمۇ شۇنداق دېگەن، دەردىر "شەرھىل كەبىر" 2 -توم 266-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بالىياتقۇدا ئورۇنلاشقان ئىسپىرمىنى گەرچە قىرىق كۈندىن ئىلگىرى بولسىمۇ چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر جان كىرىپ بولغاندىن كىيىن بولسا  بۇنى چۈشۈرۋېتىشنى ھەممەيلەن ھارام دەپ قارايدۇ.

    بەزى پىقھى ئالىملىرى ئۈزۈرلۈك بولسا دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارىغان. "كۈۋەيت پىقھى توپلاملىرى" 2 -توم 57-بەتكە قارالسۇن.

    يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتى كېڭەش قارارىدا مۇنداق كەلگەن:

1 -ئەڭ تار دائىرىدە شەرئى سەۋەپسىز ھەر قانداق باسقۇچتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ.

2 -تۆرەلمە بىرىنچى باسقۇچتا بولسا، ئۇ بولسىمۇ دەسلەپكى قىرىق كۈنلۈك ئىسپىرما ھالىتىدە بولسا، ئۈنى چۈشۈرۈۋېتىش شەرئى كۆرسەتمە ياكى زىياندىن ساقلىنىش بىلەن بولسا ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولىدۇ، ئەمما مۇشۇ مۇددەتتە بالا تەربىيلەشنىڭ قىيىنچىلىقىدىن ئەنسىرەپ ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى، ئوقۇش خىراجىتى ياكى كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىپ ياكى بار بولغان پەرزەنتلىرى بىلەن كۇپايىلىنىپ چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ.  [" پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 3 - توم 1055-بەت].

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 21 -توم 450-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەسلى قائىدىدە، ھامىلدار بولغان ئايالنىڭ شەرئى سەۋەپسىز ھەر قانداق باسقۇچتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تۆرەلمە دەسلەپكى ئىسپىرمىلىق مۇددەتتە يەنە دەسلەپكى قىرىق كۈنلۈك ياكى ئۇنىڭدىن ئاز مۇددەتتە بولسا، شەرئى سەۋەپ ياكى بۇ سەۋەپتىن ئانىغا يېتىدىغان زەرەرنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن بۇ ھالەتتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە بولىدۇ، بۇ بالا تەربىيلەشتىكى قىيىنچىلىق ياكى ئۇلارغا كېتەرلىك ئىقتىسادتىن ئەنسىرەپ ياكى بار بولغان پەرزەنتلىرى بىلەن كۇپايىلىنىش قاتارلىق شەرئى سەۋەپ بولمىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ.

    ئەمما ھامىلدارلىق مۇددىتى قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى قىرىق كۈندىن كىيىن تۆرەلمە ئىسپىرما ھالىتىدىن قان ھالىتىگە ئۆتىدۇ، بۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ باشلىنىشى، مۇشۇ باسقۇچقا يەتكەندىن كىيىن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئىشەنچىلىك دوختۇرلار ھەيئىتىنىڭ ھامىلدارلىقى داۋاملاشسا، ئانىنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرايدۇ دېگەنگە تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولىدۇ.

    ئەگەر ھاجەت بولسا، قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن بۇرۇن تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە دېگەن قاراش توغرىدۇر، چۈنكى ئانىغا نىسبەتەن قىسقا مۇددەتتە ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ قېتىم ھامىلدار بولۇش قىيىن بولىدۇ، جىسمىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭ تۆرەلمىگىمۇ تەسىرى بولىدۇ، ئانا مۇشۇ ياشتىكى كېچىك ئۈچ پەرزەنتنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى