جۈمە 12 سەپەر 1446 - 16 ئاۋغۇست 2024
Uygur

كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

شەرىئەتتە كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھەۋىسىگە كۆرە ئوۋ ئوۋلاش توغرا بولامدۇ؟، قۇشلارنى جۈپلىشىش ۋە تۇخۇم تۇغۇش جەريانىدا ئوۋلاشنى توغرا بولمايدۇ دەپ ئاڭلىدىم، ئەگەر بۇ ئاڭلىغىنىم توغرا بولسا، تاش كەپتەر ياكى ياۋا كەپتەر يىل بويى جۇپلىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇلارنى ئوۋلاش چەكلىنەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئوۋ ئوۋلاش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچى: ئوۋلىغان نەرسىنى يېيىش، سېتىش ياكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سەدىقە قىلىش، دوست-بۇرادەر، يېقىن-يوروقلارغا ھەدىيە قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلىپ ئوۋلىغان بولسا ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەكىلدە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ھېچ شەك يوق. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھالال قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن بېكىتىلگەن ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئىتتىپاق كەلگەن ئىشتۇر". ["شەرھىل مۇمتىئ" 15-توم 98-بەت].

   ئىككىنچى: ئوۋ ئوۋلاش مەقسىتى؛ كۆڭۈل ئېچىش، سەيلە قىلىش ۋە ئىچ-پۇشۇقىنى چېقىرىش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنمەي تاشلاپ قويۇلسا، ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە بۇ شەكىلدە ئوۋ ئوۋلاش ياخشى كۆرەلمەيدۇ، ھەتتا بەزى ئالىملار ھارام دېگەن. بۇ شەكىلدە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ مەكروھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر قۇچقاچنى ھەقسىز ئۆلتۈرىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن قىيامەت كۈنىدە ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىدىن سورايدۇ؟». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۆلتۈرۈپ يېگىن، بېشىنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتمىگىن» دېگەن.  [نەسائى رىۋايىتى 4349-ھەدىس. دارىمى رىۋايىتى1978-ھەدىس. ئىمام زەھەبى "ئەل مۇھەززەب" 7-توم 3614-بەتتە بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ياخشى دېگەن. ئىبنى مۇلەققىن "بەدرىل مۇنىر" 9-توم 376-بەتتە سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى "تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى" 1092-نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دېگەن].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەكىلدە ئوۋ ئوۋلاش مەكرۇھدۇر، ئەگەر ھارام دېيىلگەندىمۇ ئۇنىڭ بىر يولى بار، چۈنكى بۇ ئويۇن، مالنى زايە قىلىش، ۋاقىتنى زايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["شەرھىل مۇمتىئ" 15-توم 98-بەت].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئوۋ ئوۋلاش بىلەن مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلمىسا ھارام بولىدۇ. چۈنكى ئۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىشتۇر". ["پەتھۇل بارى" 9-توم 602-بەت]. 

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 22-توم 512-بەتتە مۇنداق كەلگەن: كۆڭۈل ئېچىپ، ئويناپ ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرۈش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا مالنى، ۋاقىتنى زايە قىلىش ۋە ھايۋاننى ئازابلاش بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكلىگەن. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 152261 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: قۇشلارنى جۈپلىشىش ۋە تۇخۇم تۇغۇش جەريانىدا ئوۋلاشنى توغرا بولمايدۇ دەيدىغان شەرئى دەلىلنى بىلمەيمىز، ئوۋ ئوۋلاش بۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئەسلىدىكى دۇرۇس ھالىتىدە قالىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرئىي ھۆكۈمنىڭ كۆرۈنۇشى بۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى قۇشلار چۆجە چىقىرىۋاتقان ۋاقىتلاردا ئوۋلىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ چۆجىلىرىنىڭ ئورنىنى بىلسە، ئۇ ۋاقىتتا ئانىسىنى ئوۋلاپ چۆجىلىرىنىمۇ بىرگە ئىلىپ كەتسە ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ مەنپەئەتلەنسە توغرا بولىدۇ"، ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 75/1.]

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال شەيختىن: ئوۋچىنىڭ ھامىلدار ياكى چۆجىلىرى بار قۇشلارنى ئوۋلىماسلىقى تەلەپ قىلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مەن بۇنى چەكلەيدىغان شەرئى دەلىلنى ئاڭلىمىدىم ۋە بۇ توغرىدا دەلىل بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن چۆجىسى بار قۇشلارنىڭ ئانىسىنى چۆجىلىرى بىلەن بىرگە قويسا ياخشى بولىدۇ، بۇ ئۇنى ئوۋلاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى چۆجۈلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەتتۇر". ["شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى ۋە رىسالىلىرىدىن 12-توم 223-بەت].

    بەزى ئالىملار كېچىك چۆجىلىرى بار قۇشلارنى ئوۋلاشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چۈنكى چۆجىلەر ئانىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسىدا مۇنداق كەلگەن: "كېچىك چۆجىلىرى ئانىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغان قۇشلارنىڭ ئانىسىنى ئوۋلاش، ئۆلتۈرۈش ياكى تېرىك ئىلىپ كېتىش توغرا بولمايدۇ". [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 22-توم 512-بەت].

    شەيخ ئىبنى جىبرىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كېچىك چۆجىلىرى بولغان قۇشلارنى ئوۋلاش مەكرۇھ بولىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن چۆجىلەرگە زىيان يېتىدۇ، شۇنىڭدەك كېچىك چۆجىلەرنى ئېلىپ كېتىشمۇ مەكرۇھ بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىمۇ ئۇلارغا بولغان مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشنى يوقىتىپ زىيان يەتكۈزۈش بولىدۇ. ئەمما ئانىسىنى ئوۋلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چۆجىلىرىنىمۇ ئىلىپ كەتسە بۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ئوۋ ھايۋانلىرىدىكى ئەسلى قائىدە ئۇنىڭ ھالاللىقىدۇر".

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: قۇشلارنى جۈپلىشىش ۋە تۇخۇم تۇغۇش جەريانىدا ئوۋلاش ياكى كېچىك چۆجىلىرى بولغان قۇشلارنى ئوۋلاش دۇرۇس بولسىمۇ لېكىن بۇنداق ھالەتتە (رەھىم-شەپقەت يۈزىسىدىن) ئوۋلىماسلىق ياخشى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى