يەكشەنبە 26 شەۋۋال 1445 - 5 ماي 2024
Uygur

بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنىنى قانداق بېكىتىمەن؟

سۇئال

   پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت تۆت ئەتراپىدا پەرزەنتىم دۇنياغا كەلدى، ئۇنىڭ ئەقىقىسىنى قاچان قىلىمەن؟، تۇغۇلغان پەيشەنبە كۈنىنى قېتىپ ھېساپلايمەنمۇ؟، مەن پىقھى كىتاپلىرىدا پەرزەنت كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان بولسا، ئۇ كۈن ھېسابلانمايدۇ دەپ ئوقۇغان ئىدىم، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنىدە ئەقىقە قىلىش مۇستەھەپتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئوغۇلنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قېلىنىدۇ، چېچى چۈشۈرلىدۇ، ئىسىم قويىلىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2455-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ يارەنلىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: سۈننەت بويۇنچە يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قېلىنىدۇ... بۇ توغرىدا يەتتىنچى كۈنىدە ئەقىقە قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى دېگەن ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. بۇنىڭدىكى ئەسلى دەلىل: سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئوغۇل ئۆزىنىڭ ئەقىقىسى بىلەن گۆرەگە قويىلىدۇ، يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قېلىنىدۇ..». ["ئەلمۇغنى" 9-توم 364-بەت].

   ئىككىنچى: بوۋاقنىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قېلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، تۇغۇلغان كۈنمۇ شۇنىڭغا قاتارىغا كېرىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تۇغۇلغان كۈنى يەتتىنچى كۈنىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە، ئىككى تۈرلۈك قاراش بار، ئۇنىڭ ئەڭ توغرىسى: تۇغۇلغان كۈنى يەتتىنچى كۈنىدىن ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قىلىنىدۇ.

   ئىككىنچىسى: تۇغۇلغان كۈنى يەتتىنچى كۈنىدىن ھېسابلانمايدۇ، بۇنىڭغا بۇۋەيتى دەلىل بايان قىلغان، لېكىن بىرىنچى قاراش ئۇ ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدۇر، ئەگەر بوۋاق كېچىدە تۇغۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندۈز ھېچ ئىختىلاپسىز ھېساب قېلىنىدۇ. ["ئەلمەجمۇ" 8-توم 411-بەت].

   "پىقھى توپلاملىرى" 30-توم 279-بەتتە: كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى تۇغۇلغان كۈنى يەتتىنچى كۈنىدىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، ئەگەر كېچىدە تۇغۇلغان بولسا كېچە ھېسابلانمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندۈز ھېسابلىنىدۇ".

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يەتتىنچى كۈنى مال بوغۇزلىنىدۇ دېگەن سۆزدىن، يەتتىنچى كۈنى مال بوغۇزلاشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى، شەنبە كۈنىدە تۇغۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى جۈمە كۈنىدە مال بوغۇزلىنىدىغانلىقى بۇ قائىدىدۇر. پەيشەنبە كۈنى تۇغۇلغان بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى مال بوغۇزلىنىدۇ. ئىش شۇ بويۇنچە داۋام قىلىدۇ. ["شەرھىل مۇمتى" 7-توم 493-بەت].

   سۈننەت بولغىنى بالىڭىز ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى مال بوغۇزلىسىڭىز بولىدۇ.

   ئۈچىنچى: ئۆلىمالاردىن بىر قىسىملىرى-ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن-بوۋاق كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان بولسا  بۇ كۈننى ھېسابلىمايمىز دەيدۇ. بەلكى مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى: بوۋاق كۈن ئېگىلگەندىن كېيىن تۇغۇلسۇن ياكى بۇرۇن تۇغۇلسۇن تۇغۇلغان كۈننى ئەسلا ھېسابلىمايمىز دەيدۇ.

    "مۇختەسەر خەلىلدە" مۇنداق كەلگەن: بامداتتىن بۇرۇن تۇغۇلغان بولسا ئۇ كۈننى ئېتىبارغا ئالماي، يەتتىنچى كۈنى كۈندۈزدە مال بوغۇزلاش مۇستەھەپ بولىدۇ".

   مەۋاق رەھىمەھۇللاھ ئىبنى رۇشدتىن نەقىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەلمۇدەۋۋەندە ئىبنى قاسىمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مالىكتىن قىلغان رىۋايىتىدە: بوۋاق بامداتتىن كېيىن تۇغۇلغان بولسا، ئۇ كۈن ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنكى كۈن بىلەن يەتتە كۈن ھېسابلايدۇ، بامداتتىن بۇرۇن كېچىدە تۇغۇلغان بولسا، ئۈ كۈنمۇ تۇغۇلغان كۈندىن ھېسابلىنىدۇ". ["تاج ۋە ئىكلىيل" 4-توم 390-بەت].

   كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، ئەقىقە تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ يەتتىنچى كۈنىدە قېلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يەتتىنچى كۈنى ئەقىقىسى قېلىنىدۇ».

    شەيخ مۇھەممەد ئەرنى مۇھەممەد مۇختار شەنقىتى مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلاش ئۇلانغان نەرسىگە ھۆكۈمنى چېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى: تۇغۇلغان كۈنىگە قېتىلغان بۇ كۈن يەتتىنچى كۈن بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن: تۇغۇلغان كۈنىمۇ يەتتىنچى كۈنى بولىدۇ". ["شەرھى زادىل مۇستەقنى"].

بۇ مۇستەھەپ مەسىلە. تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ يەتتىنچى كۈنى مال بوغۇزشلاش ئاسان بولسا شۇ كۈندە قىلىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولمىسا، يەتتىنچى كۈنىدىن كېيىن قىلسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇ كىشىدىن ئەقىقە كۇپايە قىلىدۇ.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن بوغۇزلىسۇن توغرا بولىدۇ. ئەمما تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى بوغۇزلىغان بولسا، ئىختىلاپسىز ئەقىقە بولمايدۇ، بەلكى ئۇ، يەيدىغان گۆش بولىدۇ". ["ئەلمەجمۇ" 8-توم 411-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى