سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالىنىڭ كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھەجنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟

سۇئال

يولدىشىم شىركەت مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشى كۆپ ۋاقتى ناھايىتى قىس، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر شېرىكى بولۇپ، ئۇنى ئورنىدا تۇرغۇزۇپ ھەج قىلىپ كەلسە كېلەلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر قىيىنچىلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مەن ھامىلدار، تەخمىنەن ھەجدىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن بوشىنىمەن، ئاساسلىق مەسىلە، مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، بەدىنىمنىڭ پەي-مۇسكۇللىرى ئاغرىيدۇ، ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايمەن، بۇ قىيىنچىلىق بالىنى تۇغقاندىن كېيىن تىخىمۇ زىيادە بولىشى مۇمكىن. ئائىلەمدە مېنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان يولدىشىمدىن باشقا ھېچ قانداق يېقىنلىرىم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشىم ھەجنى بۇ يىلدىن كېلەر يىلغا كېچىكتۈرسە، بۇ شەرىئەت رۇخسەت قىلغان ئۆزۈر ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

1-مۇسۇلمان كىشى قاچان ھەج قېلىشقا قادىر بولسا كېچىكتۈرمەستىن دەرھال پەرزھەجنى ئادا قىلىشى زۆرۈر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: پەرز ھەجنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار. ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىمام ئەھمەد (2721). بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ئىرۋائۇل غەلىلدە سەھىھ دەپ قارىغان(990).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەج قېلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئالدىرىسۇندېگەن بۇ ھەدىسنى ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇ داۋۇتتا كەلتۈرگەن(1524).

2- ئەگەر ئايال كىشى يولدىشى پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلسا، ئۆيدە قارىغۇچىسى يوق سەۋەبلىك ھەقىقى شەكىلدە زىيانغا ئۇچراپ قالىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە يولدىشىنىڭ پەرز ھەجنى يەنە بىر يىلغا كېچىكتۈرۈشى دۇرۇس بولىدۇ.ئائىلە-بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ قالغان كىشى ھەج قېلىشقا قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلِلَّـهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًاقادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى.[ئال-ئىمران 97-ئايەت].

لېكىن ئايالىنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى خىزمەتچى ئاياللاردىن بىرىنى تۇرغۇزۇپ قويۇشئىمكانىيىتى بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا يولدىشى ھەجگە بېرىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن،مەككە شەھىرىدە كۆپ تۇرماستىن دەرھال قايتىپ كەلسە بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، يەنى ئايالى يولدىشىنىڭ ئۆز يېنىدا تۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇنداق ھالەتتە ھەجنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ، مانا بۇنىڭدەك ئەھۋاللاردا مەزكۇر كىشى ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى