شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوي سېتىۋالغاندا، ئۆي ئىگىسىگە پۇلنى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بېرىشكە پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۇل قولىدا ۋاقتىدا ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولامدۇ؟

سۇئال

بىر كىشى مەلۇم ئىقتىساد بىلەن ئۆي سېتىۋالدى، ئۆي ئېگىسى ياكى ئۆينى ساتقۇچى مەلۇم سەۋەپلەردىن ئۆينى بوشىتىشنى كېچىكتۈردى، لېكىن ئۆي ساتقۇچى جىددى ئۆينى بوشىتىش ئىرادىسىگە كەلدى، ئۆينى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئۆينىڭ پۇلىنى ئۆينى تولۇق بوشۇتۇپ بەرگەندىن كېيىن بېرىشكە پۈتۈشتى،  پۇل ئۆينى سېتىۋالغۇچىنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىدىغان زاكاتنى ئۆ كىشى بېرەمدۇ ياكى ئۆينى ساتقۇچىنىڭ ھەققى بولغانلىقى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ ئالمىسىمۇ ئۆينى ساتقۇچى بېرەمدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بىر كىشى ئۆي سېتىۋالغان بولسا، ساتقۇچىغا پۇلنى ئۆيدىن تولۇق بوشۇنۇپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن بېرىشنى شەرت قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق.

    ئەمما ئۆي سېتىۋالغۇچى يېنىدا ساقلىغان بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى  ئۆزى بېرىدۇ، چۈنكى مال زاكات ۋاجىپ بولغاندا ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئېكەن، ئۇنداق بولغاندا پۇلغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئۇ پۇلنى خالىغانچە ئېشلىتەلەيدۇ.

    ئۆي ساتقۇچىنىڭ بۇ پۇلنىڭ ئۆزىدە ھەققى بولمايدۇ چۈنكى ئۇ پۇل دېگەن ئۆي سېتىۋالغۇنىڭ يېنىدىكى پۇل. ئۆلىمالار زاكات ۋاجىپ بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ: زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇلنىڭ، شەخسنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىشى لازىم دېگەن.

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پۇل شۇ كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىشى دېگەن سۆزدىن؛ ئۇ كىشىنىڭ شۇ پۇلغا مۇكەممەل ئىگە بولىشى مەقسەت قىلىنىدۇ. ئەگەر مالنىڭ قېممىتى چۈشۈپ كىتىشكە دۇچ كەلسە ئۇ ۋاقىتتا بۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇنىڭ مىسالى: دېيىشكەن ۋاقىت تامام بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئۆينىڭ ئىجارىسىگە ئوخشاش بولۇپ، مۇددەت توشمىغاندىن كېيىن بۇ ئىجارە تولۇق بېكىتىلگەن بولمايدۇ، چۈنكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆينىڭ ئۆرۈلىشى ۋە ئىجارىنىڭ بىكار بولۇش ئېھتىماللىقى بار". ["شەرھىل مۇمتىئ"6-توم 17-بەت].

    سوئالدا بايان قىلىنغان شەكىلدىكى  ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ قولىدىكى مال دېگەن شۇ كىشىنىڭ مۈلكى بولىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئۇ كىشىگە شۇ مالنىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى