شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

بالاغەتكە يەتمىگەن بالىنىڭ مېيىت يۇيۇشى توغرا بولامدۇ؟‍

163190

تارقاتقان ۋاقىت : 31-10-2023

كۆرگۈچىلەر : 285

سۇئال

    مېيىتنى يۇغان بالا بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا، مېيىتنىڭ يۇيۇلىشى توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مېيت يۇيۇش پەرز كۇپايە بولغان ئەمەللەردىن، ئۇنى بەزى كىشىلەر يۇسا قالغانلاردىن بۇنىڭ ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ.

   ئىككىنچى:  مېيىتنىڭ يۇيۇلىشىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن يۇغۇچىنىڭ بالاغەتكە يەتكەن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى بالاغەتكە يەتمىگەن بولسىمۇ، مېيت يۇيۇشقا لايىق بولسا ئۇنىڭ يۇغىنى توغرا بولىدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى" 13 -توم 60 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ھەنەفى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرى: كېچىك بالا ئەقىللىق بولسا ئۇنىڭ مېيىتنى يۇيۇشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئالغان تاھارىتى توغرا بولىدىكەن، باشقىلارنى پاكىزلىشىمۇ توغرا بولىدۇ، بۇ شافىئى ۋە مالىكى ئالىملىرىمۇ تەشەببۇس قىلىدىغان سۆزدۇر".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " مېيت يۇغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئەقىللىق بولىشى ۋە ئاق-قارىنى پەرق قىلىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ".  ["شەرھى كاپىي"  2 -توم 24 -بەت.  ]

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى