پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئېغىز تازىلايدىغان، پۇراقلىق ماددىلارنى ئىشلىتىشى توغرىسىدا

سۇئال

ھۆرمەتلىك ئۇستازلاردىن مۇشۇ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشنى ئۈمىت قىلىمەن: روزىدار كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە، بارماق مىقدارىدىكى دېزىنفېكسىيىلەنگەن تۈرلۈك مېۋە پۇرىقى بولغان پاختىنى تىلىنى ۋە چىشىنى سۈرتۈش، تۈرلۈك پۇراق ۋە مىكرۇپلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   يۇقىرىدا سۆزلەنگەن نەرسىلەرنى كانىيىغا كېلىپ قالماسلىق شەرتى بىلەن ئىشلەتسە بولىدۇ،  بەلكى ئىنسان ئۇنىڭدىن ئېغىزىدا قالغانلىرىنى تۈكۈرىۋېتىدۇ ياكى ئېغىزىنى چايقاش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدۇ.

    شەيخ پەۋزاندىن: بەزى دورىخانىلاردا مەخسۇس ئېغىزغا ئىشلىتىلىدىغان پۇراقلىق نەرسىلەر بار، يەنى پۈركۈگۈچ بار، رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئېغىزنىڭ پۇراقلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پۈركۈگۈچ ئىشلەتسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "روزىدار ھالەتتە ئېغىزغا پۈركۈگۈچ ئىشلەتكەننىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى رىغبەتلەندۈرگەن مىسۋاك ئىشلىتىش كۇپايە قىلىدۇ، ئەمما پۈركۈگۈچ ئىشلەتكەندە، پۈركۈگەن نەرسە ئۇ كىشىنىڭ كانىيىغا كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك، روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى بولسا روزا تۇتقانلىق سەۋەبىدىن بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى ئۆچ كۆرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ پۇراق تائەت-ئىبادەتنىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، ئاللاھقا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ تاتلىرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا مىسكى-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇشپۇراقتۇر».

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

"شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن" 3-توم 121-بەت.

مەنبە: "شەيخ سالىھ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن" 3-توم 121-بەت.