پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

مېيىتكە يىغلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە ۋارقىراپ يىغلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا

154215

تارقاتقان ۋاقىت : 17-05-2023

كۆرگۈچىلەر : 433

سۇئال

    مەيىتكە يىغلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزى ئاياللار ياقىلىرىنى يىرتىپ، يۈزىگە كاچاتلاپ، ۋارقىراپ يىغلىسا قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆزىنى كاچاتلاپ ۋارقىراپ-جاقىرمىغان ھالەتتە مېيىتكە يىغلىسا توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ۋاپات بولغاندا يىغلىغان.  ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، تۇيۇقسىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرىنىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ نەۋرىسىنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەئەد ئىبنى ئۇبادە، مۇئاز ئىبنى جەبەل قاتارلىق ساھابىلەرمۇ بىرگە باردى، بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈنۈپ بېرىلدى، ئۇ بالىنىڭ نەپسى سىقىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى. سەئەد پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى!  بۇ نېمە؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ رەھمەت، بۇنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ دىلىدا قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگىلا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1284 -ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى، يىغلىدى، ئەتراپتىكىلەرمۇ يىغلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىشنى رۇخسەت سورىدىم، رەببىم ماڭا رۇخسەت بەرمىدى، مەن ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسام ماڭا رۇخسەت بەردى» . [مۇسلىم رىۋايىتى976-ھەدىس]. 

    ھەقىقەتەن ھارام بولغىنى ۋارقىراپ، جارقىراپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرۈپ  يېغلاشتۇر، بۇنداق يىغلاش ھارامدۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت ئادىتى بىلەن يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس»  . [بۇخارى رىۋايىتى 1294-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەمما ۋارقىراپ-جارقىراپ، يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، چاچلىرىنى چۇۋۇپ، دات-پەريات كۆتۈرۈپ يىغلاشنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئەسھابىلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر، كۆپچىلىك ئالىملارمۇ بۇنىڭ ھاراملىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان.  بىر جامائەت بۇنىڭ ئىجما ئىكەنلىكىنى نەقىل قىلغان".  ["شەرھى مۇھەززەب" 5 -توم 281 -بەت.]

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ۋاپات بولۇشى ئېنىق بولسا ئۇنىڭغا يىغلىماڭ»، بۇنىڭ مەنىسى:  (توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر ) ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋارقىراپ، جارقىراپ يىغلاش توغرا بولمايدۇ، ئەمما كۆزىدىن ياش تۆكۈش، كۆڭلى بىئارام بولۇش سۈننەتتە كەلگەن بويۇنچە دۇرۇستۇر، ئالىملار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن".  ["ئەل ئەزكار"  3 -توم 67 -بەت].

    شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشتا مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولغىنى سەۋر قىلىش، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىش، ۋارقىراپ يىغلىماسلىق، يۈزىنى كاچاتلىماسلىق، كىيىمىنى يېرتماسلىق قاتارلىقلاردۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يۈزىنى كاچاتلاپ، ياقىسىنى يىرتىپ، جاھىلىيەت ئادىتى بىلەن يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس».

    يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇممىتىم ئارىسىدا ئۇلار تەرك قىلمىغان جاھىلىيەت ئىشلىرىدىن تۆت تۈرلۈك ئىش بار:  جەمەتىدىن پەخىرلىنىش، باشقىلارنىڭ نەسىبىگە تەنە قىلىش، يۇلتۇزلارغا قاراپ يامغۇر تەلەپ قىلىش ۋە مېيىتكە ۋارقىراپ يىغلاش قاتارلىقلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى.]

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇسىبەت يەتكەندە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغان، چاچلىرىنى يۇلغان ياكى چۈشۈرگەن، كېيىملىرىنى يىرتىپ يىغلىغانلاردىن مەن ئادا جۇدادۇرمەن».

    "بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولمايدىغان ئىشلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال بولسۇن ياكى ئەر بولسۇن بۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 13 -توم 414 -بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى