يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيت يۇيۇلۇشتىن بۇرۇن تاھارەت ئالدۇرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

153720

تارقاتقان ۋاقىت : 28-08-2023

كۆرگۈچىلەر : 462

سۇئال

مېيت يۇيۇلۇشتىن بۇرۇن خۇددى ھايات كىشى تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدۇرىلىشى كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سۈننەت بويۇنچە مېيت يۇيۇلۇشتىن بۇرۇن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالدۇرىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قىزىنىڭ جەسىتىنى يۇيىدىغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن: «ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ يۇيۇڭلار، تاھارەت ئالىدىغان ئەزالىرىنى يۇيۇڭلار.» [ بۇخارى رىۋايىتى 1255 – ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى939 -ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېيىتنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى تاھارەت ئالدۇرۇش بىزنىڭ مەزھىبىمىزدە، مالىكى مەزھىبىدە ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مۇستەھەبتۇر، ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھ:  مۇستەھەب ئەمەس دېگەن.

    بىزنىڭ قارىشىمىزدا:  تاھارەت جۇنابەتنىڭ تاھارىتىگە ئوخشاش يۇيۇشنىڭ دەسلىپىدە بولىدۇ.  "شەرھى مۇسلىم"دىن.

    لېكىن تاھارەت ئالدۇرغاندا ئېغىزى ۋە بۇرنىنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا بىر پارچە لاتىنى ھۆل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مېيىتنىڭ ئېغىز ۋە بۇرنى سۈرتۈلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سۆزىگە كۆرە، ئېغىز، بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، سەئەد ئىبنى جۇبەير، ئىبراھىم نەخەئىي، سۇپيان سەۋرىي، ئەبۇ ھەنىپە قاتارلىق ئالىملارمۇ شۇنداق دېگەن.  چۈنكى ئېغىز، بۇرنىغا سۇ كىرگۈزگەندە كانىيىغا ئۆتۈپ كېتىش ئاندىن ئۈچەي يوللىرى ئارقىلىق ئارقىدىن چىقىپ كېپەننى ھۆل قىلىۋېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ".  ["ئەلمۇغنى"  2 -توم 165 -بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " چۈنكى ھايات كىشىنىڭ ئېغىزىغا سۇ كىرگۈزگەندە ئېغىزىنى چايقاپ چىقىرىۋېتىدۇ، ئەمما مېيىتنىڭ ئېغىزىغا سۇ كىرگۈزگەندە، سۇنى چېقىرۋېتەلمەيدۇ.  شۇنىڭ بىلەن سۇ قورسىقىغا كېرىپ كېتىدۇ، بۇرنىغا سۇ ئېلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، مېيت سۇنى چىقىرىشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەيمىزكى: مېيىتنىڭ ئېغىز، بۇرنىغا سۇ كىرگۈزمەڭلار".  ["شەرھىل مۇمتى"  5 -توم 131 -بەت.]

    شەيخ مۇھەممەد مۇختار شەنقىتىي -ئاللاھ ئۇ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلسۇن- مۇنداق دەيدۇ: "شۇنىڭغا ئاساسەن:  مېيىتنىڭ ئېغىز بۇرنىغا سۇ كېرگۈزگەننىڭ ئورنىغا ، مېيىتنىڭ ئىككى كالپۇكىنى سۇ بىلەن نەم قىلىپ، ئىككى بارماقنى ھۆل قىلىپ ئىككى كالپۇكىغا قويۇپ ئاندىن بۇرنىغا كىرگۈزۈش كېرەك.  ئىككى بارمىقىنى ۋە ئىككى كالپۇكىنى ھۆل قىلىپ ئىككى بارمىقى بىلەن چىشلىرىنى سىلايدۇ، بۇرنىغا كىرگۈزۈپ بۇرنىنى تازىلايدۇ، ئېغىز، بۇرنىغا سۇ كىرگۈزمەيدۇ دېگەن سۆزىنىڭ يەشمىسىدۇر." "شەرھى زادە"دىن ئىلىندى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى