جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بىر نەرسە يەپ، ئېغىزىنى چايقىماي، ئاندىن نامازغا تۇرسا نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟

سۇئال

مەن تاھارەت ئىلىپ بولۇپ بىر ئاز تاتلىق تۈرۈم نەرسىلەرنى يېدىم، ئاندىن ئېغىزىمنى چايقىماستىن نامازغا تۇرۇپ كېتىپتىمەن، نامىزىم دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نامازغا تۇرغان كىشى ئېغىزىدىكى يېمەكنىڭ قالدۇقلىرى ياكى پۇراقلىرىنى يوق قىلىپ تۇرۇشى مۇستەھەب بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازغا تۇرغاندا مىسۋاك ئىشلىتىش يولغا قويۇلغان. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ، نامىزى توغرا بولىدۇ.

     ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوينىڭ تارغاق گۆشىنى يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىزىنى چايقىماستىن ۋە سۇ ئىشلەتمەستىن ناماز ئوقۇدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى2541-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 3028-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈت ئىچتى، ئاندىن ئېغىزىنى چايقىماي ۋە تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇدى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 197-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرتوپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

   "ئەۋنۇن مەبۇدتا" مۇنداق دېگەن: "بۇ ھەدىس سۈتكە ئوخشاش مايلىق نەرسىلەرنى ئىچكەندە، ئېغىزىنى چايقىۋېتىشنىڭ كەسكىن بۇيرۇلغان ئىش بولماستىن بەلكى ئىختىيارلىقتىكى بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".

   شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھدىن:"پەرز نامازنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا مېنىڭ تاھارىتىم بار ئىدى، لېكىن مەن بىر نەرسە يېدىم، ئېغىزىمدا ياكى چىشىمنىڭ ئارىسىدا يېگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقى قالدى، ئۇ نەرسىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېغىزىمنى چايقىۋېتىشىم  ۋاجىپمۇ ياكى ۋاجىپ ئەمەسمۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يېمەكنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئېغىزىنى چايقىۋېتىش ياخشى بولىدۇ، ئۇ نەرسىنىڭ قالدۇقىنىڭ چېشىڭىزنىڭ ئارىسىدا قالغانلىرى نامازنىڭ ھۆكمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن يېگەن نەرسىڭىز تۆگە گۆشى بولۇپ قالسا، نامازدىن بۇرۇن چوقۇم تاھارەت ئىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى تۆگە گۆشى يېيىش تاھارەتنى بۇزىدۇ". ["بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 52-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى