جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتىش بىلەن شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟دېگەن مەسىلىدە ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشىپ ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراش: ھەمدە ئېيتىش بىلەن شۈكۈر ئېيتىش بىر مەنانى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، بۇ ئىبنى جەرىر تەبەرىي ۋە باشقا ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر.

    تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: رەھمەت-تەشەككۈر ھەممىدىن كاتتا، ئۇلۇغ، يالغۇز ئىبادەت قىلىنغۇچى بولغان ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلارغا مەنسۇپ ئەمەستۇر دېمەكتۇر.

    ئاندىن تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىر كىشى: "ھەمدە ۋە شۈكرى ئاللاھقا خاستۇر"دېسە، بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدە ئەرەپ تىلىنى بىلىدىغان ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا توغرا بولىدىكەن، بۇنىڭدىن شۇ ئوچۇق بولىدۇكى، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن دېگەن سۆز ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ئورنىدا سۆزلىنىدۇ، شۈكۈر ئېيتىش دېگەن سۆز ھەمدە ئېيتىش دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا سۆزلىنىدۇ، چۈنكى ئىككى سۆزنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئورنىدا كېلىشى توغرا بولمىسا، ھەمدە ۋە شۈكرى ئاللاھقا خاستۇر دېيىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ["تەپسىير تەبەرى"1-توم 138-بەت].

    ئىككىنچى قاراش: ھەمدە ۋە شۈكۈر دېگەن بۇ سۆز بىر مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، بۇ پەرقلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

   1-ھەمدە ئېيتىش تىل بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە شۈكۈر ئېيتىش بولسا تىل، دىل ۋە باشقا ئەزالار بىلەن بولىدۇ.

   2-ھەمدە ئېيتىش نېمەتكە ئېرىشكەندىمۇ ۋە ئېرىشمىگەندىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە شۈكۈر ئېيتىش بولسا پەقەت نېمەتكە ئېرىشكەندە بولىدۇ.

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ تەپسىرىنىڭ 1-توم 32-بەتتە ئىبنى جەرىر تەبەرىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلغان سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى جەرىرنىڭ بۇ قاراشلىرىغا قاراپ چىقىش كېرەك، چۈنكى كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى: ھەمدە دېگەن: ماختالغۇچىنى ئۆتۈمسىز ۋە ئۆتۈملۈك سۈپەتلىرى بىلەن ئاغزاكى مەدھىيلەشتۇر، شۈكۈر دېگەن پەقەت ئۆتۈملۈك سۈپەتكە ئاساسەن بولىدۇ، شۈكۈر ئېيتىش: دىل، تىل ۋە باشقا ئەزالار بىلەن بولىدۇ، بىر شائىر مۇنداق دېگەن: "نېمەت سىلەرنى مەندىن قولۇم، تىلىم ۋە دىلىم بىلەن شۈكۈر ئېيتىشتىن ئىبارەت بولغان ئۈچ تۈرلۈك ئىشقا ئېرىشتۈرىدۇ".

    لېكىن ئۇلار ھەمدە ئومۇمى مەنانى بىلدۈرەمدۇ ياكى شۈكۈرمۇ؟دېگەن مەسىلىدە ئىككى خىل قاراشتا بولدى: تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي تەرەپتىن بولغان ئالاقە بار، ھەمدە ئۆتۈملۈك ۋە ئۆتۈمسىز سۈپەتكە ئاساسەن بولغانلىقى تەرەپتىن شۈكۈردىن كەڭ دائىرىدە مەنانى ئىپادىلەيدۇ، سىزنىڭ: ئۇ كىشىنىڭ باتۇرلقىنى ماختىدىم، ئېسىللىكىنى ماختىدىم دېگەن سۆزىڭىزدەك، شۇنىڭدەك ھەمدە شۈكۈردەك كەڭ دائىرىدە بولمايدۇ، چۈنكى ھەمدە ئېيتىش دېگەن پەقەت ئاغزاكى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا شۈكۈر ئېيتىش ھەمدە ئېيتىشتىن كەڭ دائىرىدە مەنانى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى شۈكۈر ئېيتىش دېگەن تىل بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋە دىل بىلەن بولىدۇ، يەنە شۈكۈر ئېيتىش ئۆتۈملۈك سۈپەتكە ئاساسەن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمدىدەك كەڭ دائىرىدە مەنانى ئىپادىلىمەيدۇ. مەسىلەن: ئۇنى باتۇرلىقىغا ئاساسەن شۈكۈر ئېيتتىم دېيىلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئېسىللىكى ۋە ماڭا قىلغان ياخشىلىقىغا ئاساسەن رەھمەت ئېيتتىم دېيىلىدۇ، مانا بۇ كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان نەتىجىدۇر، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر".

    بۇنىڭغا ئاساسەن ئەبۇ ھىلال ئەسكىرى رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنى قۇراشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "ھەمدە بىلەن شۈكۈرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: ھەمدە دېگەن گۈزەللىككە ئاساسەن تىل بىلەن مەدھىيە ئېيىتشتۇر، بۇ مەيلى ئىلىمغا ئوخشاش مەنىۋى ئارتۇقچىلىققا ياكى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتەك ھېسسى ئارتۇقچىلىققا ئالاقىدار بولسۇن ئوخشاشتۇر.

    شۈكۈر دېگەن: نېمەت ئۈچۈن نېمەت بەرگۈچىنى ئۇلۇغلاشتىن خەۋەر بېرىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، ئۇ تىل بىلەن ياكى ئىتىقاد بىلەن ياكى دىلدىكى مۇھەببەت بىلەن ياكى ئەمەلى ھەرىكەت ۋە ئەزالارنىڭ خىزمىتى بىلەن بولسۇن ئوخشاشتۇر.

    مۇتلەق كەلگەندە ھەمدە ئومۇمى مەنانى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئۇ نېمەتكە ۋە نېمەتنىڭ غەيرىگە ئومۇم بولىدۇ، كېلىش ئورنى ئېتىبارى بىلەن ھەمدە شۈكۈردىن تار مەنىدە بولىدۇ، چۈنكى ھەمدە ئېيتىش پەقەت تىل بىلەن بولىدۇ، شۈكۈر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، چۈنكى شۈكۈر دېگەن پەقەت نېمەتكە ئالاقىدار بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىش ئورنى تىل بىلەن تىلنىڭ غەيرى بىلەن بولىدۇ.

    بىر تەرەپتىن بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدا ئومۇم ۋە خۇسۇس ئالاقىسى بار، بۇ ئىككى سۆز ياخشىلىققا ئاساسەن تىل بىلەن مەدھىيلەشتە ئورتاق بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى سۆز ئىلىمگە ئوخشاش نېمەتنى مەدھىيلەش ۋە ياخشىلىققا ئاساسەن قەلبىدە ياخشى كۆرۈپ شۈكۈر ئېيتىشتا بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ. ["لۈغەت پەرقلىرى"201-202-بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "مەدارىجۇسسالىكىين" 2-توم 246-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: شۈكۈر ئېيتىش ئۇنىڭ تۈرلىرى ۋە سەۋەبى جەھەتتىن كەڭ دائىرىدە بولسا، ئۇنىڭ ئالاقىدار بولغانلىقى جەھەتتىن تار دائىرىدە بولىدۇ، ھەمدە بولسا ئۆزىنىڭ ئالاقىدار بولغانلىقى جەھەتتىن كەڭ دائىرىدە بولۇپ، سەۋەبى جەھەتتىن تار دائىرىدە بولىدۇ.

   بۇنىڭ مەنىسى: ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش ۋە بويسۇنۇش دىل بىلەن بولىدۇ، مەدھىيلەش ۋە ئېتىراپ قىلىش تىل بىلەن بولىدۇ، ئىتائەت قىلىش ۋە باش ئېگىش ئەزالار بىلەن بولىدۇ.

   شۈكۈر دېگەن: زاتى سۈپەتكە ئەمەس بەلكى نېمەتكە ئالاقىدار بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھاياتى، ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ئىلىم سۈپەتلىرىگە ئاساسەن شۈكۈر ئېيتتۇق دېيىلمەيدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئادالىتى ۋە قىلغان ئېھسانىغا ئاساسەن ماختالغاندەك، بۇ سۈپەتلىرىگە ئاساسەنمۇ ماختالغۇچىدۇر.

    شۈكۈر ئېيتىش دېگەن: ياخشىلىق ۋە نېمەتكە ئاساسەن بولىدۇ، شۈكۈرگە ئالاقىدار بولغان ھەر قانداق نەرسە ھەمدىگە ئالاقىدار بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە ھەمدىگە ئالاقىدار بولغان ھەممە نەرسە شۈكۈرگە ئالاقىدار بولمايدۇ، ماختاشقا لايىق بولغان ھەممە نەرسىگە شۈكۈر ئېيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە شۈكۈر ئېيتىشقا لايىق بولغان ھەممە نەرسىنى ماختىغىلى بولمايدۇ، شۈكۈر ئېيتىش ئەزالار بىلەن بولىدۇ، ھەمدە ئېيتىش بولسا دىل بىلەن ۋە تىل بىلەن بولىدۇ".

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى