جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئالىم دېگەن كىم؟

145071

تارقاتقان ۋاقىت : 14-01-2014

كۆرگۈچىلەر : 5032

سۇئال

قانداق سۈپەتلىك كىشىنى ئالىم دېسەك توغرا بولىدۇ؟، دىنى دەرس بېرىدىغان ئۇستازلارنى ئالىم دەپ ئاتىساق بولامدۇ؟ ياكى پەقەت پېشقەدەم ئۇستازلارنى شۇنداق ئاتايمىزمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئالىم، پەقىھ ۋە مۇجتەھىد دېگەن شەرئى لەقەم بولۇپ، ھەممىسى بىر مەنانى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۇ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى تولۇق بىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغان ۋە ئايەت-ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كىشىلەردۇر.

بۇ ئۇنۋانغا ئېرىشىش ئۈچۈن بەزى ھازىرلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئالىم، مۇجتەھىد ۋە پەقىھ دېگەندەك شەرئى ئۇنۋانلار بىلەن پەقەت ئىجتىھادنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان كىشىلەرلا سۈپەتلىنىدۇ.

دىنى بىلىملەردىن تولۇق خەۋىرى بار ياكى يۈزەكى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىنى ھۆكۈملەرگە ئېغىز ئىچىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، دىنى ئالىم دېيىلگۈچىدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ تىپىلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

بىز بۇنىڭدىن مۇھىم بولغان ئىككى نۇقتىنى نەقىل قىلىپ بايان قىلىمىز، بۇ ئارقىلىق يۇقىرىقى شەرتلەر ھاسىل بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك شەرتنىڭ ھازىرلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1-قۇرئان-ھەدىسگە ئالاقىدار بولغان بىلىملەرنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ياد بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. بەلكى ھەدىسلەرنى ئۆز مەنبەسىدىن كەلتۈرسە ۋە ئۇ ھەدىسنىڭ مەشھۇر ھەدىس توپلاملىرىدىن(سەھىھ بۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن تىرمىزىي، سۇنەن نەسائىي ۋە سۇنەن ئىبنى ماجە قاتارلىق كىتابلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەدىس توپلاملىرىنىڭ) قايسىسىدا بايان قىلىنغانلىقىنى كەسكىن بىلىشى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنداقلا زەئىپ ھەدىسلەردىن سەھىھ ھەدىسلەرنى ئايرىپ بىلىشى كېرەك.

2- ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرنى بىلىشى كېرەك.

3-ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن ئەرەب سۆزلۈكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياد بىلىشى شەرت ئەمەس، پەقەت سۆزلۈكلەرنىڭ مەنىسىنى ۋە قۇراشتۇرۇشتىكى خۇسۇسىيەتلىرى شۇنداقلا جۈملە تەركىبلىرىنى تولۇق بىلىشى لازىم.

4-ئۇسۇل پىقھى ئىلمىنى ياخشى بىلىشى كېرەك. شۇنداقلا مەسىلىلەرنى قىياس قىلىشتا پىقھى ئۇسۇللارنى بىلىشى لازىم. چۈنكى ئۇسۇل پىقھى ئىلمى بولسا قۇرئان ھەدىسلەردىن شەرئى ھۆكۈملەرنى بايقاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

5- ناسىخ ۋە مەنسۇخنى يەنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالغۇچى ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلىشى كېرەك. ["ئىرشاد ئەلپەھۇل"ناملىق ئەسەرنىڭ 2-تومى 297-303 -بەتلىرىگە قارالسۇن].

ئىككىنچى: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان شەرتلەر:

يۇقىرىدا ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ بايان قىلغان شەرتلەر بىلەن باشقا ئالىملار ئارىسىدا كۆپ ئىختىلاپ يوق. ئەمما ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر شەرتلەرنى ئاسانراق ئىبارەتلەر بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

1- ئايەت ۋە ھەدىس ئەھكاملىرىغا ئوخشىغان، ئىجتىھاد جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولغان شەرىئەت دەلىللىرىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.

2- ھەدىسنىڭ سەھىھ ۋە زەئىپ ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار بولغانشەرتلەرنى يەنى ھەدىسنىڭ ئىسنادىي، راۋىيلىرى ۋە باشقا ئۇسۇل ھەدىس قائىدىسىگە ئالاقىدار بولغان بىلىملەرنى بىلىشى لازىم.

3- بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمگە قارشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دەلىللەر بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ناسىخ ۋە مەنسۇخنى يەنى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالغۇچى، ئىجما يەنى ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى بىلىشى كېرەك.

4- ھۆكۈملەرنى بىرەر نەرسىگە خاسلاشتۇرۇش ياكى ئالاقىدار قىلىشنىڭ سەۋەبى بىلەن ھۆكۈملەر ئۆزگىرىدىغان دەلىللەرنى بىلىش كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا ئوخشاش مەسىلىگە قارمۇ-قارشى ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

5- ئەرەب تىلى ۋە ئۇسۇل پىقھى ئىلمىدىن سۆزلۈكلەر ئىپادىلەيدىغان نەرسىگە ئالاقىدار بولغان، ئومۇم، خۇسۇس، مۇتلەق، مۇقەييەد، مۇجمەل ۋە مۇبەييەن (ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، مەلۇم نەرسىلەرگە خاس بولغان، مۇتلەق بايان قىلىنغان، بىر نەرسىگە ئالاقىدار قىلىپ بايان قىلىنغان، يىغىنچاقلاپ بايان قىلىنغان ۋە ئوچۇق بايان قىلىنغان) قاتارلىقنىڭ دالالىتىنى بىلىش ۋە شۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھۆكۈم قىلىش كېرەك.

6- ئۇ كىشىدە شەرىئەت دەلىللىرىدىن ھۆكۈم چىقىرالىغىدەك ئىلمى سەۋىيە بولىشى لازىم.["ئەلئۇسۇل مىن ئىلمىل ئۇسۇل" نامىلق ئەسەرنىڭ 85-86-بەتلىرىگە قارالسۇن. مەزكۇر ئەسەرنىڭ شەرھىسى 584-590-بەتلەرگە قارالسۇن].

شەرھىسىدە: ھازىر ھەدىس ئىلمىغا ئالاقىدار ئەسەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ يېزىلغان ۋە نەشىر قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، ھازىرقى دەۋرىدەھەدىس توپلاملىرىغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ تولىمۇ ئاسانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر تولۇقلانغان يەنى قۇرئان-ھەدىستىن شەرىئەت ھۆكمىنى بايقاش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى، (يەنى ئايەت-ھەدىستىن ھۆكۈم چىقىرالايدىغان كىشى) ئالىم دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇ سەۋىيىگە يەتمىگەن كىشىلەرنى ئالىم، پەقىھ ياكى مۇجتەھىد دەپ سۈپەتلەش توغرا بولمايدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، ئالىم، مۇجتەھىد ۋە پەقىھ دېگەن سۈپەتلەر شەرئى ئاتالغۇ بولۇپ، دىنى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭ ئايرىم مەنىسى ۋە مەلۇم شەرتلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇلارغا سەل قاراپ، بۇ ئاتالغۇلار مۇتلەق بىر شەكىلدە، شەرىئەت ھۆكۈملىرىدىن سۆزلىگەن ياكى ئوتتۇرا ياكى ئالى مەكتەپلەردە دىنى دەرس ئۆگەتكەن ياكى دەۋەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرگە قوللانساق توغرا بولمايدۇ. چۈنكى دىنى دەۋەتچى دەۋەت يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ ئەمما دىنى سەۋىيەدە ئالىم دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى زىيادە قىلسۇن. دۇنيا-ئاخىرەتتە دىنغا خىزمەت قىلىدىغان ئالىملارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى