سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلامنى باشقا ھەرقانداق كىشىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈش ۋاجىب بولىدۇ؟

سۇئال

نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى باشقا ھەرقانداق كىشىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قېلىش، ئەگىشىش ۋە ھۆرمەت قېلىشقا بۇيرۇلدۇق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

1-ئاللاھ تائالا بىزنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قېلىشىمىزنىڭ ۋاجىبلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:وَأَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَاحْذَرُوا ۚ فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّمَا عَلَىٰ رَسُولِنَا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ تەرجىمىسى: ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن)ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلىشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر. [سۈرە مائىدە 92-ئايەت].

2-ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قېلىشنى ئۆزىگە ئىتائەت قېلىشىنىڭ جۈملىسىدىن دەپ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّـهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًاتەرجىمىسى: كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. [سۈرە نىسا 80-ئايەت].

3-ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قېلىشتىن باش تارتقان مۇسۇلمانلارنى شىېرىكتىن ئىبارەت پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:لَّا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُم بَعْضًا ۚ قَدْ يَعْلَمُ اللَّـهُ الَّذِينَ يَتَسَلَّلُونَ مِنكُمْ لِوَاذًا ۚ فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌتەرجىمىسى: (ئى مۆمىنلەر!) پەيغەمبەرنى سىلەر بىر ـ بىرىڭلارنى چاقىرغاندەك چاقىرماڭلار، سىلەردىن (پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىدىن) ئاستا سۇغۇرۇلۇپ غىپپىدە چىقىپ كەتكەنلەرنى ئاللاھ ئەلۋەتتە بىلىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن. [سۈرە نۇر 63-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ئۇلۇغ نەبۇۋەت ماقامى بولسا،مۆمىنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ زاتنى ھۆرمەت-ئېھتىرام قېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا، لِّتُؤْمِنُوا بِاللَّـهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا تەرجىمىسى: بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق). [سۈرە پەتھى 8-9-ئايەتلەر].

4-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى ياخشى كۆرمىگىچە بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ نەپسى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن بەكراق ياخشى كۆرمىگىچە مۇسۇلماننىڭ ئىمانى كامىل بولمايدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قېلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بېرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن بەكراق ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆمىنبولالمايدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى 15-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 44-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى ھىشام مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىنى تۇتتى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ! سىلە ماڭا نەپسىمدىن باشقا ھەممە نەرسىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈنگۈچى دېۋىدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ياق، يا ئۆمەر، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مېنى ھەتتا نەپسىڭدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرمىسەڭ، ئىمان كامىل بولمايدۇ، دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ھازىر مەن سىلىنى نەپسىمدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەر! ھازىر ئىمان كامىل بولدى دېدى. [بۇخارىي رىۋايىتى 6257-ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى باشقا ھەرقانداق بىر شەخستىن بەكراق ياخشى كۆرىشىمىز ۋە ئۇلۇغلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنىڭ سەۋەبى: بىز دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ئەڭ كاتتا نېمەتكە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارقىلىق يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ئىشىنىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمىز، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشمۇ پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئىشىنىش، ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان، دائىمىي ياخشىلىققا يەتكۈزىدىغان ئەڭ كاتتا نېمىتى ساغلام ئىمان بولۇپ، مانا بۇ بۈيۈك نېمەت باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ جېنى ۋە مېلىدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرگەن، ئىنسانلارنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتتىن يورۇقلۇق نۇرىغا چىقارغان ۋە توغرا يولغا يېتەكلىنىشى ئۇنىڭ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قېلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئەگىشىش، ئۇنى ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. [پەتىۋالار توپلىمى 27- توم 246-بەت].

بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "بەندە ئۆزى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ھاسىل بولغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ سەۋەبى بىلەن كۇپرىنىڭ زۇلمىتىدىن ئىمان نۇرىغا چىقارغىنىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نېمەتنى ئويلىغاندا ئىدى، ئۆز نەپسىنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتتە ئەبەدىي قىلىشىغا ئۇ زاتنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى،شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئېرىشكەن مەنپەئەتنىڭ باشقا بارلىق مەنپەئەتلەردىن كاتتا ئىكەنلىكىنىبىلىپ يەتكەن بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت باشقىلارغا بولغان سۆيگۈدىن ئارتۇق ۋە مۇكەممەل بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن ئىنسانلار بۇ مەسىلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇ نېمەتلەرنى ھېس قىلالىشى ياكى ئۇنىڭدىن غاپىل قىلىشى نەتىجىسىدە پەرقلىق بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تولۇق ئىشەنگەن ۋە ئەگەشكەن كىشىنىڭ ۋىجدانىدىن ئاشۇ سۆيگۈلەر خالى بولمايدۇ، ئەمما رەسۇلۇللاھقا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتبىر شەخستىن يەنە بىر شەخسكە قارىتا پەرقلىق بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ئىچىدە بۇ سۆيگۈدىن تولۇق بەھرى ئالغانلار ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە نېسىۋىگە ئېرىشكەنلەر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىگە ئەگىشىپشەيتانى ھەۋەسلەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈرگەن كىشىلەر كۆپ ۋاقىتتا بۇ سۆيگۈدىن لەززەت ئىلىشتىن مەھرۇم قالىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىكىر قىلىنغاندا ئۇنى كۆرۈشكە ئىشتىياق قىلىدۇ، ئەمما ئۇ زاتقا بولغان سۆيگۈسى ئاتا-ئانا، بالا-چاقا، مال-دۇنيا ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا بولغان سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ غەپلەتتە قىلىشى سەۋەبىدىن بۇ سۆيگۈ تىزدىن يوقىلىدۇ.ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەمچى بولسۇن". [پەتھۇل بارىي1 - توم 59- بەت].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىمۇ يۇقىرىقى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ: النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ

تەرجىمىسى: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىدىنمۇ چارىدۇر. [سۈرە ئەھزاب 6-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرى-شەپقىتى، كۆيۈمچانلىقى، مۆمىنلەرنىرەسۇلۇللاھنى ئۆز نەپسىدىنمۇ چارە كۆرىدىغان، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن. (6380).

شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنى ۋە مەرتىۋىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇ زاتقا مەزكۇر مەرتىۋىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ: النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ تەرجىمىسى: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۆز نەپسىدىنمۇ چارىدۇر دەيدۇ. يۇقىرىقى ئايەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق؛ ئىنسانغا ھەممىدىن يېقىن بولغىنى ئۆز نەپسىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىنمۇ چارىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامپۈتۈن ھاياتىنى ئىنسانلارغا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۇش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ بەك كۆيۈمچان ۋە كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى بىر كىشى يوق ئىدى،ئۇلارغا يەتكەن زەررە مىقدارى ياخشىلىق ياكى ئۇلاردىن دەپئى قېلىنغان زەررە مىقدارى يامانلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆز نەپسى خاھىشى ياكى باشقا بىرەر كىشىنىڭ نەپسى خاھىشى پەيغەمەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەپسى خاھىشىغا زىت كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاھىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋاجىب بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە ھېچ كىشى قارشى سۆزقىلماسلىق لازىم.مۇسۇلمانلار ئۈچۈن نۆۋىتى كەلگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ماقامىنى قوغداش يولىدائۆز نەپسىنى،مال-مۈلكىنى، بالا-چاقا قاتارلىق ھەممە نەرسىسىنى پىدا قېلىشى ۋە رەسۇلۇللاھ سۆيگۈسىنى بارلىق سۆيگۈلەردىن ئۈستۈن بىلىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقاندا ياكى ئۇنىڭ سۆزلىرى بايان قىلىنىۋاتقاندا،باشقا سۆزلەرنى قىلماسلىق لازىم".

بۇ ھەقتە ئەھلى ئىلىملارنىڭ سۆزلىرىنىڭ خۇلاسىسى: "ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە دوزاخ بەندە ئەنسىرەيدىغان ئەڭ بۈيۈك نەرسە بولۇپ، بەندىنىڭ بۇ دەھشەتلىك ئىشلاردىن نىجات تېپىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە جەننەت بەندە تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ كاتتا نېمەت بولۇپ، بۇنىڭغا ئېرىشىشمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ".

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: بىر جايغا ئوت يېقىپ، پەرۋانە ۋە چېكەتكىگە ئوخشايدىغان ھاشاراتلەرنى ئوتقا چۈشۈپ كېتىشتىن توسۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ. مەنمۇ سىلەرنى ئوتقا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ كەمىرىڭلاردىن تۇتىۋالىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قۇلۇمدىن يۇلقۇنۇپ ئوتقا سەكرەشكە ئۇرىنىسىلەر. [مۇسلىم رىۋايىتى 2285-ھەدىس، بۇخارى رىۋايىتى 3427-ھەدىس]. بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسى: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاھىللار ۋە ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىپ ۋە شەيتانى ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىش نەتىجىسىدە ئاخىرەتتە دوزاخقا مەھكۇم بولىدىغانلىقى، گەرچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلەپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ بوي بەرمەي يۇلقۇنۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، پەرۋانىلەرنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىر نەرسىنى پەرق ئەتمەسلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئوتقا تاشلىشىغا ئوخشاتتى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنى قارىغۇلارچە ھالاك قىلىشقا ھېرىسمەن بولدى، ئۇلارنى بۇنداق قىلىشقا جاھىللىق تۈرتكە بولدى." [ئىمام نەۋەۋىينىڭ شەرھى مۇسلىم ناملىق ئەسىرى].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ ئەمما بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن باش تارتىدۇ دېگەندە، ساھابىلار: جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدىغانلار كىملەر؟ يا رەسۇلۇللاھ! دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ماڭا ئىتائەت قىلغانلار جەننەتكە كېرىدۇ، ئاسىيلىق قىلغانلار جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتقۇچىلاردۇر، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى 7280- ھەدىس].

ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى