پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

سودىدا ئارىچى ئارىدىن قانچىلىق مىقداردا ھەق ئالسا توغرا بولىدۇ؟

سۇئال

   ئارىچىنىڭ ئارىدىن ھەق ئىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش كۆپ بولۇپ كەتتى، بىر سائەتلىكى ئۈچۈن 2.5% ئالامدۇ ياكى 5% ئالامدۇ، شەرئى كۆرسەتمىدە بۇنىڭ بەلگىلىمىسى بارمۇ ياكى ساتقۇچى بىلەن ئارىچىنىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىم بويۇنچە بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىدا سودا كېلىشىمى ھاسىل بولغاندا، دەللال ھەققىنى ياكى سېتىۋالغۇچىدىن ياكى ساتقۇچىدىن ياكى ھەر ئىككى تەرەپتىن مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە ئالسا توغرا بولىدۇ، مۇئەييەن نىسبەتتە ھەرىكەت قىلىشى بېكىتىلمەيدۇ، بەلكى ھەققىنى بېرىدىغان تەرەپ بىلەن كېلىشكەن ۋە رازى بولغان مىقدارنى ئالسا بولىدۇ، لېكىن شۇ ئورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتى بويۇنچە ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئارىسىدىكى سودىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىغا كۆرە بېرىدىغان نەرسىنى بەرسە بولىدۇ، ئادەتتىن ئارتۇق ئېلىش بىلەن ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى لازىم.

مەنبە: "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى" 13 -توم130-بەت.