جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزىدارنىڭ چىش داۋالىتىشى توغرىسىدا

سۇئال

روزا تۇتقۇچى چىش دوختۇرىنىڭ يېنىغا بارسا بولامدۇ؟ مېنىڭ چىشىمنى جىددى داۋالىتىش كېرەك بولۇپ قالدى، مەن روزىدار ھالەتتە رامزاننىڭ كۈندۈزى چىش دوختۇرىغا كۆرۈنسەم قانداق بولىدۇ؟، ئېغىزىمغا تېمىتقان نەرسە مەقسەتسىز گېلىمدىن ئۆتۈپ كەتسە بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ، چىش دوختۇرغا بېرىپ، چىشىنى تازىلىتىپ ياكى زاماسكىلىتىپ ياكى بىرەر چىشىنى ئالدۇرۇۋەتكەن بولسا، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟ ئەگەر دوختۇر ئۇ كىشىگە چىشىنى مەس قىلىدىغان ئوكۇل ئۇرغان بولسا، بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سوئالدا سورالغان نەرسىلەرنىڭ روزىغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ، بۇ ئەپۇ قىلىنىدىغان ئىشلاردىن، ئۇ كىشى ئېغىزىغا تېمىتىلغان دورا ياكى چىشىدىن چىققان قان قاتارلىق نەرسىلەرنى يۈتىۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، شۇنىڭدەك چىشنى مەس قىلىدىغان ئوكۇلنىڭمۇ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا ئەمەس، ئەسلى قائىدە روزىنىڭ سەھىھ ۋە ساغلام بولىشىدۇر". ["ئىسلامنىڭ ئاساسىغا ئالاقىدار مۇھىم جاۋابلار"].

    ئەگەر مۇمكىن بولسا چىش دوختۇرىنىڭ يېنىغا ئىپتاردىن كېيىن بارسا ياخشى بولىدۇ.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد