شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ چەكلىنىشى

13733

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 11636

سۇئال

بۇ كۈنلەردە باي كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنى ئىستىمال قىلىش كەڭ تارقالدى . بەلكى ئىش شۇ دەرىجىگە بىرىپ يەتتىكى ، بەزىلەر مۇنچا جۈمىكى ۋە ئۇنىڭ مۇقىم قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش تازلىق ئەسلىھەلىرىنى ھەممىسى ساپ ئالتۇندىن بولغان بىر يۈرۈشلىرىنى سىتىۋىلىۋاتىدۇ ، ھەمدە ئۇلار بۇ ئالتۇننىڭ زاكىتىنى بەرمەيدۇ ياكى ئۇنىڭ باھاسىغا قاراپ قويمايدۇ . مەلۇمكى ، بۇ بولسا چەكلەنگەن . ئەمدى سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق ؟ بۇ ھۆكۈمنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ سودىسىدىن چەكلەش مۇمكىنمۇ ؟ ئاللاھ سىلەرنى قۇتلۇق قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار تېكىست ۋە ئىجمائ بىلەن ھارام قىلىنغان نىمە بولۇپ ، ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكى ئىسپاتلانغان : سىلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا ئىچمەڭلار ، ۋە ئۇلاردىن ياسالغان تاۋاقلاردا يىمەڭلار . چۈنكى ئۇلار دۇنيادا ئۇلار ئۈچۈن ، ئاخىرەتتە بىز ئۈچۈن . [ بۇ ھۇزەيفىنىڭ ھەدىيسى بولۇپ ، سەھىيلىكىگە بىرلىككە كىلىنگەن .] شۇنداقلا يەنە ، ئۇنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەنلىكى نەقىل قىلىنغان : ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىدا يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان كىشى ، پەقەت دوزاخ ئوتىنى قورسىقىغا سالىدۇ . [ ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىيسى بولۇپ ، ئۇنىڭ سەھىيھلىكىگە بىرلىككە كىلىنگەن . ھەمدە سۆزى مۇسلىمنىڭ . ]
شۇڭا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قاچا-قۇچا ياساشقا بولمايدۇ ، ۋە ئۇنىڭدا يىيىشكە ياكى ئىچىشكە بولمايدۇ ، ۋە شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەردىن ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نەقىل قىلىنغان ھەدىيسنىڭ تېكىستى بىلەن ھارام قىلىنىغان . ھەمدە مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنى ئىستىمال قىلماسلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ سودىسىنى چەكلەش ۋاجىپ . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۇلارنى ئىستىمال قىلىشنى ھارام قىلدى ، شۇڭا ئۇ ئىچىشتە ، ياكى يېيىشتە ۋە ياكى باشقىلىرىدا ئۇلارنى ئىشلەتمەيدۇ ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇلاردىن قوشۇقلار ، ياكى قەھۋە ئىستاكانلىرى ۋە چاي پىيالىلىرىنى ياساشقا بولمايدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ؛ چۈنكى ئۇلار قاچا-قۇچىلارنىڭ بىر تۈرى .
مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ چەكلىگەن نىمىدىن ھەزەر ئەيلىشى ۋە ئىسراپ قىلىش ، بۇزۇپ چېچىش ۋە مال-مۈلۈكلەرنى ئويناشتىن يىراقلىشىشى ۋاجىپ . ئەگەر ئۇنىڭ پۇل-مىلى كۆپ بولسا ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە كەمبەغەللەر بار ،ئۇلارغا سەدىقە قىلسۇن ، ئۇنىڭ قېشىدا ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلغۇچىلار بار ، ئاللاھ يولىدا ئۇلارغا بەرسۇن ، لىكىن پۇل-مالنى ئوينىمىسۇن . چۈنكى ئۇنىڭ بايلىقىغا مۇھتاجلار بار .
مۇئىمىن پۇل-مىلىنى خەيرىلىك يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ۋاجىپ ، مەسىلەن ، كەمبەغەل ۋە مۇھتاجلارغا بىرىش ، مەسچىتلەر ۋە مەكتەپلەرنى سىلىش ۋە رىمونت قىلىش ، يوللار ۋە كۆۋرۈكلەرنى ياساش ، مۇجاھىدلار ۋە نامرات كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىش ۋە باشقا يوللار ، مەسىلەن ، قېيىن ئەھۋالدا قالغانلارنىڭ قەرىزىنى تۆلىۋىتىش ، توي قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقانلارنىڭ توي قىلىۋىلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىقلار . بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا خىراجەت قىلىش بەلگىلەنگەن خەيرىلىك يوللىرى .
پۇل-مالنى ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچا-قۇچىلار ياكى قوشۇقلار ، ياكى ئىستاكانلار ،ياكى مۇنچا قۇرۇلمىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نىمىلەرنى سېتىۋىلىش بىلەن ئويناش بولسا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈش ۋە ھەزەر ئەيلەش ۋاجىپ بولغان يامان ئىش . ھەمدە بۇ ئىش مەۋجۇت دۆلەتلەردە ئالىملار ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىبارەت ئورنى بار كىشىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىشى ھەمدە بۇ ئىسراپچىلىق بىلەن ئىسراپخورلار ئارىسىدا توسالغۇ بولىشى كىرەك . ھەمدە ئاللاھ بولسا بىز ياردەم سورايدىغان زات .

مجموع فتاوى ومقالات متنوعة للشيخ ابن باز 6/378

مەنبە: www.islamqa.com