چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

سەھۋەنلىك سەجدىسىدىن بىرنى قىلىپ تامام قىلغان نامازنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

    بىز شام نامىزىنى ئوقۇدۇق، ئىمامدىن دەسلەپكى تەشەھھۇتتا سەۋەنلىك سادىر بولدى، يەنى ئىمام تەشەھھۇتتا ئولتۇرماي، ئۈچىنچى رەگەتكە تۇرماقچى بولۇپ تۇرۇپلا دەرھال  بىرىنچى تەشەھھۇتنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئولتۇردى، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلدى، لىكىن ئۇ بىرلا سەجدە قىلدى، بىز نامازدىن كىيىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ بىر سەجدە ئەمەس بەلكى ئىككى سەجدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرلەشتۇق، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمىدۇق، ئاندىن سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئىككىنچىسىنى قىلماستىن تارقالدۇق، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    دەسلەپكى تەشەھھۇتتا سەھۋەنلىك سادىر قىلغۇچى مۇنۇ ئىككى ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

   بىرىنچى ھالەت: تەشەھھۇتتا ئولتۇرغانلىقىنى يوتىسى پۇتىدىن ئايرىلىپ ئۆرە تۇرۇشتىن ئىلگىرى ئەسلىگەن بولسا، بۇ ھالەتتە ئولتۇرىدۇ، تەشەھھۇت ئوقۇيدۇ، نامىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: ئۆرە تۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تەشەھھۇتتا ئولتۇرغانلىقىنى ئەسلىگەن بولسا، قىرائەتنى باشلىغان بولسۇن ياكى باشلىمىغان بولسۇن، بۇ ۋاقىتتا قايتىدىن ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا تەشەھھۇتتىن تولۇق ئۈزۈلگەن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئورۇنغا يەتكەن بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "شەرھىل مۇمتىئ"3-توم 131-بەت].

    ئىككىنچى:  ئىمام سەھۋەنلىك ئۈچۈن بىر ئەمەس بەلكى ئىككى سەجدە قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامىزىدا شەكلىنىپ قالسا، ئىشەنچ قىلغان توغرىنى تاللىسۇن. شۇ بويىچە تامام قىلسۇن ئاندىن سەھۋەنلىك ئۈچۈن ئىككى سەجدە قىلسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى401 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 572-ھەدىس. سەھۋەنلىك سەجدىسى بىر سەجدە بولمايدۇ، بەلكى ئىككى سەجدە بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى بىلمەسلىكتىن سەھۋەنلىك سەجدىسىدىن بىرنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئادا قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ نامىزى توغرا بولىدۇ، بۇ سەھۋەنلىك سەجدىسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. دەسلەپكى تەشەھۇتنى ئۇنتۇلۇپ قىلىپ سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمىغان كىشى توغرىسىدا 257- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   "دەقائىق ئۇلىننۇھا " 1 -توم 217-بەتتە مۇنداق كەلگەن: " نامازنىڭ ۋاجىپلىرىنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن ۋە بىرەر ئالىمنىڭ ئۇنى ۋاجىپ دېگەنلىكى كۆڭلىگىمۇ كەلمىگەن كىشى، بىلمەستىن بىرەر ۋاجىپنى تەرك قىلغان كىشى ئۇ خاتالىق سادىر قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنى نامازنىڭ ئېچىدە بىلگەن بولسا سەھۋەنلىك ئۈچۈن سەجدە قىلىدۇ، ئەگەر نامازنىڭ ئېچىدە ۋە نامازدىن كىيىنمۇ بىلمەي سەھۋەنلىك سەجدىسى قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئادا قىلغان نامىزى توغرا بولىدۇ.

     سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى 6 -توم 10 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئەگەر سەھۋەنلىك سەجدىسىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تەرك قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئادا قىلغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر سەھۋەنلىك سەجدىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى بىلمەي تەرىك قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئادا قىلغان نامىزى توغرا بولىدۇ، نامازنى قايتىدىن ئادا قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    ئىمام ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىققا دىققەت قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن كىيىن قايتا سادىر قىلماسلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    تۆتىنچى: سەھۋەنلىك سەجدىسىنىڭ ئىككىنچىسىنى گەرچە ئىمام قىلمىغان بولسىمۇ ئىمامغا ئەگەشكەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامىزىغا كەمچىللىك كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرى قىلىشى كېرەك.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئە مەجمۇئ" 4- توم 65-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر ئىمام سەھۋەنلىك سەجدىسى ئۈچۈن بىرلا سەجدە قىلغان بولسا، ئىمامغا ئەگەشكەنلەر ئىمام ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئىمامغا ئەسلىتىش كېرەك، ئەگەر ئىمام قەستەن ياكى سەھۋەن قىلمىغان بولسا، ئىمامغا ئەگەشكەنلەر بىر سەجدىنى قىلىۋېتىشى كېرەك، چۈنكى ئىمامنىڭ سەھۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ نامىزىغا كەمچىللىك كىردى، ئىمام نامىزىنى سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن تولۇقلىمىسا، ئىمامغا ئەگەشكۈچىلەر تولۇقلايدۇ".

    يەنە "ئەلمەجمۇئ" 4 -توم 66-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، بىزنىڭ مەزھىبىمىزدىكى توغرا قاراشتا: ئىمام سەھۋەنلىك قىلىپ، سەھۋەنلىك سەجدىسىنى قىلمىغان بولسا، ئۇنى ئىمامغا ئەگەشكۈچىلەر قىلىدۇ، ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، لەيس، ئەبۇ سۈر قاتارلىقلارمۇ شۇنداق دېگەن، ئىمام ئەخمەدتىنمۇ شۇنداق بىر قاراش بار، بۇنى ئىبنى مۇنزىر ئىبنى سىيرىندىن ھىكايە قىلغان، ئەمما ئەتا، ھەسەب بەسەرى، نەخەئى، قاسىم، ھەمماد ئىبنى ئەبۇ سۇلايمان، سۇپيان سەۋرى، ئەبۇ ھەنىپە، مۇزەنى ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان يەنە بىر قاراشتا ئىمامغا ئەگەشكۈچىلەر سەجدە قىلمايدۇ دېيىلگەن".

    ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى