پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

جان كىرىپ بولغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ ھۆكمى

13319

تارقاتقان ۋاقىت : 18-02-2014

كۆرگۈچىلەر : 3868

سۇئال

بەش ئايلىق بولغان تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە قارىشىدىكى مەزھەپ ئالىملىرى، تۆرەلمىگە جان كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن (يەنى بىر يۈز يىگىرمە كۈندىن كېيىن)، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا چۈشۈرۈۋېتىشنىڭ (يەنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ) ھارام ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن. ئەگەر ھامىلدارلىق داۋاملىشىش جەريانىدا ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋال بولسا، مانا بۇ ۋاقىتتا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ.

تۆرەلمىگە جان كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرىسىدا مەزھەپ ئالىملىرى ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. ئەمما تۆرەلمىگە جان كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىززەت ۋە ھۆرمىتىنى قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىنساننىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىغا پىقھىشۇناس ئالىملار بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ تەرجىمىسى: شەك- شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. [سۈرە ئىسرا 70-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:مَن قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا تەرجىمىسى: كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ. [سۈرە مائىدە 32-ئايەت].

مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى جەزىي رەھىمەھۇللاھ پىقھى قانۇنلار ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بالىياتقۇ ئىسپىرمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، شەكىلگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا چېقىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ، تۆرەلمىگە جان كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چېقىلىش ئەسلا توغرا ئەمەس. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆزقارىشى بىلەن بىر جاننى ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ. [پىقھى قانۇنلار ناملىق ئەسەر 141-بەت].

شاپىئى مەزھەب ئالىملىرىدىن شەمسىددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلرەملىينىھايەتۇل مۇھتاج ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: تۆرەلمىگە جان كېرىشكە ئاز قالغاندا ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش قەتئى جايىز ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق قىلىش جىنايەتتۇر، ئاندىن تۆرەلمە ئادەم شەكلىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنى چۈشۈرۈۋەتسە، شەرىئەتتە چۈشۈرىۋەتكۈچىگە؛ ئايال كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىلغا كېلىدىغان دىيەتنىڭ يۈزدە 10%پىرسەنتىنى ئادا قىلىشى بىكىتىلىنىدۇ. [نىھايەتۇل مۇھتاج 8- توم 442-بەت].

بەھرۇر رائىق دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى مۇنداق يازىدۇ: "تۆرەلمىدە بەزى جىسىم شەكىللەنگەندىن كىيىن، ئۇ بالا ھېسابلىنىدۇ".

بىنايە ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ: "تۆرەلمىنىڭ بەزى شەكىللىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ. تۆرەلمە گۆشلۈك ۋە قانلىق ھالىتىدىن پەرقلەنسە جانلىق دېيىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە بارلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆزقارىشى بىلەن، تۆرەلمە ھاياتىنىڭ ساقلىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان بىر جان ھېسابلىنىدۇ".

يۇقىرىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ كۆزقاراشلىرى شۇنى ئىپادىلەيدۇكى، تۆرەلمىگە جان كىرگەندىن كېيىن ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئىشەنچىلىك دوختۇرلارنىڭ ئىسپاتى بىلەن زۆرۈر بولغاندا، يەنى تۆرەلمىنى چۈشۈرۋەتمىسە ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا، ئۇنداق شارائىتتا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس بولىدۇ.

ھازىرقى ئەسىردە ماددى ۋە ئىلمى شارائىتلارنىڭ ياخشىلىنىشى، تىببى تەرەققىياتلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشى سەۋەبلىك، ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئىشلىرى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.

مەنبە: شەيخ ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئامىرنىڭ: "ئىسلام پىقھىسىدە تۆرەلمىنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى]