پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

پاتىھە سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى

سۇئال

    پاتىھە سۈرىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزىلەتلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    پاتىھە سۈرىسى بولسا زور ئەھمىيەتلىك ۋە كۆپ پەزىلەتلىك سۈرە بولۇپ ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىدىن:

    -پاتىھە سۈرىسى نامازنىڭ ئاساسلىق بىر رۇكنىدۇر، پاتىھە سۈرىسى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. ئۇبادە ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پاتىھە سۈرىسى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ». [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 756- ھەدىس ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 394-ھەدىسلەر].

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس نامازدا پاتىھە سۈرىسى ئوقۇشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى بۇ سۈرىنى ئوقۇش تەيىن بولدى، پاتىھە سۈرىسىنى بىلمىگەن كىشىلەردىن باشقىلار، بۇ سۈرىنىڭ ئورنىغا باشقا سۈرىنى ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ. بۇ ئىمام مالىك، ئىمام شافىئىي ۋە ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

   -پاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىدۇر. ئىمام تىرمىزىي ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «مېنىڭ ساڭا تەۋراتتىمۇ، ئىنجىلدىمۇ، زەبۇردىمۇ ۋە پۇرقاندىمۇ  ئۇنىڭ ئوخشىشى نازىل بولمىغان بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويىشىمنى ياقتۇرامسەن؟» دېدى، ئۇ ھەئە، ياقتۇرىمەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازدا قايسى سۈرىىنى ئوقۇيسەن؟ دېدى، ئۇ: پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! تەۋراتتىمۇ، ئىنجىلدىمۇ، زەبۇردىمۇ ۋە پۇرقاندىمۇ بۇ سۈرىنىڭ ئوخشىشى نازىل بولمىدى» دېدى. [شەيخ ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

   -ھەقىقەتەن بۇ نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق.» [سۈرە ھىجىر 7-ئايەت].

   ئىمام بۇخارى ئەبى سەئىد  ئبنى مۇئەللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «مەن مەسچىتتىن چىقىشتىن ئىلگىرى ساڭا قۇرئاندىكى ئەڭ كاتتا بىر سۈرىنى ئۆگىتىپ قويىمەن» دېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ مەسچىتتىن چىقىشقا تەمشەلگەندە، مەن: ماڭا قۇرئان كەرىمدىكى كاتتا سۈرىدىن بىرنى ئۆگىتىپ قويىمەن دېگەنتىلە؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين، ئۇ نامازدا تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتتۇر، ۋە ماڭا بېرىلگەن كاتتا قۇرئاندۇر» دېدى. 

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "بۇ سۈرىنىڭ "تەكرار ئوقۇلىدىغان" دېگەن ئاتىلىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار، بەزىلەر: بۇ سۈرە نامازنىڭ ھەر رەكىتىدە ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر دەيدۇ. بەزىلەر: بۇ سۈرە بىلەن ئاللاھ تائالاغا مەدھىيە ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر دەيدۇ، بەزىلەر: بۇ سۈرىنىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە ئايرىپ نازىل قىلىنغانلىق،  بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نازىل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈندۇر دەيدۇ".

   -ھەقىقەتەن بۇ سۈرە: ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەش بىلەن ھەمدە-سانا ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئاللاھنى يەككە-يېگانە بىلىش بىلەن بىرگە ۋەسىلە قىلىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن. ئاندىن مۇھىم تەلەپ، ئۇتۇق ۋە رىغبەت توغرىسىدا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىككى ۋەسىلەدىن كېيىن ھىدايەتنى سوراشتۇر، بۇنىڭ بىلەن دۇئا قىلىنسا ئىجابەتكە ئەڭ يىقىندۇر. ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 24-بەت].

   -ھەقىقەتەن ئۇ سۈرى ئۆزىنىڭ قىسقا بولماقلىقى بىلەن تۇرۇقلۇق تەۋھىدنىڭ ئۈچ تۈرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھنى پەرۋەردىگارلىقتا بىر بىلىش، ئىلاھلىقتا بىر بىلىش ۋە ئىسىم-سۈپەتلەردە بىر بىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 24-27-بەت].

   -ھەقىقەتەن بۇ سۈرە ماددى ۋە مەنىۋىي شىپالىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن بۇ سۈرە قەلب شىپالىقىنى مۇكەممەل شەكىلدە ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، قەلبنىڭ ئىللەتلىك ۋە كېسەل بولىشى ئىككى ئەسلىنىڭ ئۈستىگە  بولىدۇ: "ئىلىمنىڭ بۇزىلىشى ۋە نىيەت -مەقسەتنىڭ بۇزىلىشى، بۇ ئىككى بۇزۇلۇشنىڭ ئۈستىگە ئازغۇنلۇق ۋە غەزەپتىن ئىبارەت ئىككى جان ئالغۇچى قاتىل شەكىللىنىدۇ، ئازغۇنلۇق بولسا، ئىلىمنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، غەزەبلىنىش بولسا، نىيەت -مەقسەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر، بۇ ئىككى كېسەللىك بارلىق قەلب كېسەللىكلىرىنىڭ تۇتقىچىدۇر، توغرا يول تېپىش بولسا، ئازغۇنلۇق كېسىلىدىن شىپا تېپىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىدايەتنى سوراش توغرىسىدىكى سوئال، ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز بولغان دۇئادۇر. بۇ دۇئانى قىلىش بەك زۆرۈر ۋە ئۇ كىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغان ھىدايەتكە بەك ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇئانى كېچە-كۈندۈز ۋە ھەممە نامازلاردا ئوقۇشى مۇھىمدۇر، مۇشۇ سوئالىدىن باشقىسى بۇنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ.

   «(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېگەن تەلەپنى بىلىش، تونۇش، ۋە ئەمەل قىلىش ئومۇمەن قەلبنىڭ ۋە نىيەت-مەقسەتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت كېسەللىكتىن شىپا تېپىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

     بۇ سۈرىنىڭ بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن شىپالىق تېپىشىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشىنى ھەدىستە بايان قىلىغان، تىببى قائىدە ئىسپاتلىغان ۋە ئەمەلنى تەجرىبە بىلدۈرگەن دەلىللەر بىلەن بايان قىلىمىز.

    ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەر: ئەبۇ مەتەۋەككىل ناجىينڭ ئەبۇ سەئىيدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان سەھىھ ھەدىسىدە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ئەرەبلەرنىڭ بىر مەھەللىسىدىن ئۆتكەن....  دەپ بۇنىڭدا پاتىھە سۈرىسى بىلەن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسنى بايان قىلىپ، ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس يىلان چېقىۋالغان كىشىگە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بىلەن ئۇ كىشىنىڭ شىپا تاپقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن باشقا ئىلاجلاردىن بىھاجەت بولغانلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

     "ئۇ مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشقا لايىق بولمىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ بېخىل بولغانلىقى سەۋەبلىك بولغان تۇرسا، ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلىشقا لايىق بولغان بولسا قانداق بولار ئىدى؟!". [مەدارىجۇس سالىكىين1-توم 52-55-بەتلەر].

    ئاندىن مۇنداق دېدى: "مەن بىر ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىر ئاغرىققا دۇچ كەلدىم، ھېچ ھەرىكەت قىلالمىغىلى تاس قالدىم، بۇ ئەھۋال تاۋاپ قېلىۋاتقان ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقاندا يۈز بەردى، مەن دەرھال پاتىھە سۈرىسى ئوقۇپ ئاغرىغان ئورۇننى سىلىدىم، شۇنىڭ بىلەن مەندىن خۇددى ئېغىر تاش چۈشۈپ كەتكەندەك بولدى، بۇنى بىر قانچە قېتىم تەجرىبە قىلدىم، مەن بىر ئىستاكان زەمزەم سۈيىنى ئىلىپ، ئۇنىڭغا پاتىھە سۈرىسىنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ، ئىچسەم، ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى باشقا ھەر قانداق بىر ئىلاج ئىچكەندە تاپمىغان بىر كۈچ، مەنپەئەت قىلغانلىقىنى ھېس قىلىمەن". ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 58-بەت].

   -ئۇ سۈرە ئىلگىرىكى دىن، شەرىئەت ئەھلىدىن بولغان  باتىللارنىڭ ۋە مۇشۇ ئۈممەتتىن بولغان بىدئەت ئەھلى ۋە ئازغۇنلارنىڭ ھەممىسىگە رەددىيە بېرىشىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. بۇ  ئومۇمى ۋە تەپسىلى بولغان ئىككى يول بىلەن بىلىنىدۇ، بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى:

    توغرا يول دېگەن، ھەقىقەتنى تونۇش، تاللاش، ئۇنى ئۈستۈن قىلىش، ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش،  ۋە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئىمكانىيىتى يەتكەنچە جىھاد قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

    ھەق دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز، ئەمەللىرى ۋە ساھابىلەرنىڭ شۇ بويۇنچە قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم، سۈپەتلىرى، بىرلىكى، بۇيرۇق، چەكلىمىلىرى، رەھمەت ۋە ئازابلىرى بابىدا ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە ئىلگىرلىگۈچىلەرنىڭ ئورنى -مەرتىۋېسى بولغان ئىماننىڭ ھەقىقىتىنى بىلىش ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بويسۇنۇش بىلەن بولىدۇ". ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 58-بەت].

    -ھەقىقەتەن پاتىھە سۈرىسى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارنىڭ مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ["مەدارىجۇس سالىكىين" 1-توم 74-بەت].

   -پاتىھە سۈرىسى ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغان دۇئانى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئويلىنىپ باقتىم، ئەڭ مەنپەئەتلىك دۇئا بولسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياردەم سوراش بولۇپ، ئۇنى پاتىھە سۈرىسىدىكى «(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» دېگەن ئايەتتە كۆردۈم". ["مەدارەجۇس سالىكىين" 1-توم 78-بەت].

    ئومۇمەن: پاتىھە سۈرىسى ئىككى دۇنيادىكى بەخت-سائادەت ۋە بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پاتىھە سۈرىسى، قۇرئاننىڭ مەنبىيى، نامازدا تەكرار ئوقۇلىدىغان يەتتە ئايەت، مۇكەممەل شىپا ۋە ئىلاج، تولۇق رۇقىيە، بايلىق ۋە ئۇتۇقنىڭ ئاچقۇچى، كۈچ-قۇۋۋەتنى ساقلىغۇچى، غەم، قايغۇ، قورقۇنچ ۋە ئارامسىزلىقنى يوق قىلغۇچى بولۇپ، بۇ ئۇ سۈرىنىڭ مىقدارىنى بىلگۈچى، ھەققىنى ئادا قىلغۇچى، گۈزەل شەكىلدە كېسەللىك ئورنىغا قويغۇچى، ئۇنىڭ شىپالىق يولىنى بىلگۈچى، ئۇنىڭ بىلەن ئىلاج قىلغۇچى ۋە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بولغان سىرىنى بىلگەن كىشى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.

    بەزى ساھابىلار شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغاندا، بۇ سۈرە بىلەن يىلان چېقىۋالغان كىشىگە رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇدى، شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن شىپا تاپتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ساھابىغا: «پاتىھە سۈرىسىنىڭ رۇقىيە دۇئاسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟» دېدى.

    ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشىغا ئېرىشكەن، ئىلىم-مەرىپەت بىلەن كۆزى-دىلى نۇرلانغان كىشى بۇ سۈرىنىڭ سىر-ئەسرارلىرى، بۇ سۈرە ئۆز ئېچىگە ئالغان تەۋھىد، ئاللاھنىڭ زاتىنى، ئىسىم-سۈپەتلىرىنى  ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىش، شەرىئەتنى، تەقدىرنى، قىيامەتنى بىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقى، پەرۋەردىگارلىقىنى بىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، ئىشلىرىنى بۇيرۇق قولىدا بولغان، بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئۇنىڭغا خاس بولغان، ھەممە ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدا بولغان، ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايتىدىغان زاتقا تاپشۇرۇشى كېرەك بولىدۇ، ئىككى دۇنيادىكى بەخت-سائادەتنىڭ ئەسلى بولغان ھىدايەتنى تەلەپ قىلىشتا ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ سۈرىنىڭ مەنالىرىنىڭ ئىككى دۇنيالىق مەنپەتنى جەلىپ قىلىش ۋە بۇزۇقچىلىرىدىن ساقلىنىشقا باغلانغانلىقىنى بىلىدۇ، تولۇق مۇتلەق ئاقىۋەت ۋە مۇكەممەل نېمەت ئۇ سۈرىگە باغلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ سۈرە ئۇ كىشىنى كۆپلىگەن ئىلاج ۋە رۇقىيەلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ياخشىلىق ئىشىكلىرىنىڭ ئىچىلىشى، يامانلىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ توسىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ". ["زادىل مىئاد" 4-توم 318-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى