سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئۇن ئالغۇدىن رۇقىيە دۇئاسىنى ئاڭلاشمۇ، ئاغزاكى رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغانلىقنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

ئالغۇ لىنتىلىرىدىن رۇقىيە دۇئالىرىنى ئاڭلاشمۇ رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ ياكى پەقەت رۇقىيە ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوقۇتۇپ ئاڭلىسا ئاندىن رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلغۇچى ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز يەنى ھېساب ئېلىنماستىن جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، جاراھەتلىرىنى داغلاپ داۋالىمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلاردۇر دېگەن ھەدىسىنىڭ جۈملىسىگە كېرەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىمران ئىبنى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىمدىن يەتمىش مىڭ كىشى ھېسابسىز يەنى ھېساب ئېلىنماستىن جەننەتكە كېرىدۇ، ئۇلار باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن شۇم پال ئالمايدۇ، جاراھەتلىرىنى داغلاپ داۋالىمايدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۇل قىلغۇچىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى218-ھەدىس].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: باشقىلارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بەرمەيدۇ دەپ كەلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى220-ھەدىس].

    ئەمما ھەدىس ئۆلىمالىرى: "باشقىلارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بەرمەيدۇ" دېگەن سۆز ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى راۋىيدىن بىرىنىڭ خاتالىقى بولۇپ، توغرىسى: "باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ" دېگەن بولىدۇ دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى220-ھەدىس].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇلار رۇقىيە دۇئاسىنى ئوقۇمايدۇ دېمىدى، مۇسلىم ھەدىس بايان قىلغان بەزى راۋىيلار شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بۇ شۇ راۋىينىڭ خاتالىقىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويغان، لېكىن باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلماستىن ئۆزى ئۈچۈن ئوقۇسا بۇنىڭ زېيىنى يوق". [توغرا يولغا ئەگىشىش ناملىق ئەسەر 448-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە رۇقىيە دۇئاسىنى ئۆزى ئوقۇش بىلەن باشقىلاردىن ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، چۈنكى باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ دىلى ئاللاھنىڭ غەيرىگە بۇرۇلغان بولىدۇ، رۇقىيە دۇئاسىنى ئۆزى ئوقۇغۇچى بولسا، ياخشى ئىش قىلغۇچى ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگۈچىدۇر". [ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى يېڭى نۇسخىسى 1-توم 18-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: جەننەتكە ھېسابسىز كېرىدىغان يەتمىشمىڭ كىشىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى: ئۇلار ھېچ بىر كىشىدىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەمما ئۆزى ئۈچۈن ياكى باشقىلارغا رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ قويسا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

    ئىككىنچى: ئۈنئالغۇ لىنتىسىدىن ياكى تىلىپۇنغا ئېلىنغان ئۇچۇرلاردىن ياكى باشقا ئۈسكىنىلەردىن رۇقىيە دۇئاسىنى ئاڭلاش بولسا باشقىلاردىن رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلانمايدۇ.

    رۇقىيە دۇئاسىنى بۇ شەكىلدە ئاڭلاش ئاللاھ خالىسا پايدىلىق بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق پايدىلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئىنسان بولسا ئۆزى ئوقۇسا ياكى باشقىلار ئۇ كىشىگە ئوقۇپ قۇيسا ياخشى بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: "رادىيۇدىن ۋە ياكى باشقا ئۈسكىنىلەردىن بەقەرە سۈرىسىنى قويۇش بىلەنمۇ ئۆيدىن شەيتاننى قوغلاش ھاسىل بولىدۇ". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى 24-توم 413-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى