شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۈستىدە قېزىل قان تامچىسى بولغان تۇخۇمنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئۈستىدە قان تامچىسى بولغان تۇخۇمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى يېيىشكە بولامدۇ؟، ئۈستىدىكى قان تامچىسىنى سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن يېسەك توغرا بولامدۇ؟. چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   قوڭۇر رەڭلىك توخۇلار نەسلىدىن قويۇلغان تۇخۇملاردا گۆش ۋە قان داغلىرىنىڭ تېپىلىشى كۆپ بولىدۇ، بۇ تۇخومنى سۇندۇرغاندا  قان داغلىرى ئوچۇق تېپىلىدۇ ياكى  گۆش پارچىسىدەك كۆرۈنىدىغان قارامتۇل ئورۇن ئاشكار بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ: بۇ سەتەجما دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇندىن توخۇمنىڭ سېرىقىنى ئوراپ تۇرغان كۆنەك پارتلىغاندا، مۇشۇ ئورۇنغا يېقىن بولغان جايدىكى كېچىك قان تومۇرلانىڭ بەزىسى تېتىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇخۇم تۇخۇم قانىلىدا ئورۇنلىشىپ تامام بولغاندىن كېيىن تۇخۇمدا ۋە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئوراپ تۇرغان كۆنۈكمە قان تامچىلىرىنى قويۇپ قويىدۇ، بۇ ئوراپ تۇرغان غىلاپتىن ئايرىلغان توقۇلمىلاردا تېپىلىدۇ ياكى يېتىلمىگەن تۇخۇمنىڭ پارچىسى تۇخۇم قانىلىدىن ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا چاپلىشىپ قالىدۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

     ئىش قاندىن بىر تامچا ياكى بىر چىكىتتىن ئۆتۈپ كەتمىگەندە، بۇ ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلغان نەرسىلەردىن بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئېتىلىپ چىققان قاننى ھارام قىلىپ مۇنداق دېدى: قُلْ لَا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَى طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلَّا أَنْ يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَمًا مَسْفُوحًا أَوْ لَحْمَ خِنزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقًا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ  تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن» [سۈرە ئەنئام 145-ئايەت].

    ئايەتتە ئېقىپ چىققان، ئېتىلىپ قان دېدى، بۇ توكچىلار ئۇنداق ئەمەس. خەرشى "شەرھى مۇختەسەر خەلىيل" 1-توم 85-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ھاياتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇزۇلغان ياكى قانغا ئايلانغان ياكى بىر چېشلەم گۆشكە ئايلانغان ياكى ئۆلۈك چۆجىگە ئايلانغان تۇخۇم نىجىستۇر، ئېقى بىلەن سېرىقى ئارىلىشىپ كەتكەن تۇخۇمغىمۇ نىجىس دېگەن سۆز ئىشلىتىلسىمۇ لېكىن بۇ تۇخۇم سېسىپ قالمىغان بولسا پاك بولىدۇ، ئەمما تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېپىلغان قان توكچىسى پاكدۇر، چۈنكى قاننىڭ نىجىسلىقىدا ئېقىش دېگەن سۆزگە رىئايە قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ، "قۇراپىينىڭ زەخىرە" ناملىق ئەسىرىدىمۇ شۇنداق بايان قىلىنغان".

    ھەتتاب"مەۋەھىبۇل جەلىيل"3-توم 234-بەتتە مۇنداق دېگەن: "بەزى ۋاقىتتا تۇخۇم سېرىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قان توكچىسى تېپىلىدۇ، بۇ نىجىس بولمايدۇ، چۈنكى قاننىڭ نىجىسلىقىدا ئېقىش دېگەن سۆزگە رىئايە قىلىش تەقەززا قىلىنىدۇ، كوپچىلىك ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بۇنىڭدىن باشقا نەرسە ئاشكارا بولمىدى".

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى