جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاش

سۇئال

    قىزچاق ئىستىمنا قىلىدىغان بولۇپ كېيىن ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە گۇناھ قالامدۇ؟ ئۇ ئۆز دوستى بىلەن زىنا قىلسا يۈز دەررە ئۇرۇلىدىغان قىزغا ئوخشامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىستىمنا قىلىش ھارامدۇر، بىز بۇنى 329 - نۇمورلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئوچۇق بايان قىلدۇق، ئىستىمنا قىلىش ھەد-جازا- بېكىتىلىدىغان زىناغا ئوخشاش ئەمەس، جازا بېكىتىلىدىغان زىنا بولسا پەقەت جىما قىلىشتۇر، ئىستىمنا قىلغان كىشى تىزدىن بۇ ئىشنى تەرك قىلىش، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سوراش، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىشى، ئۇنىڭ دىنغا، ئەقىلگە ۋە بەدەنگە كۆپ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇ توغرىدا شەرىئەتتە بېكىتىلگەن مەلۇم بىر جازا يوق، ئۇنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بېكىتىدۇ، بۇ جازا بېكىتىلىدىغان ھارام ئىشلاردىن ئەمەس.

    ئىنسان ئىستىمنا بولسۇن ياكى باشقا ھەرقانداق گۇناھتىن سەمىمى تەۋبە قىلسا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھىنى كەچۈرىدۇ، ئۇ كىشى گۇناھ قىلمىغاندەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿‏وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنْ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ» [سۈرە شۇرا 25-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿‏قُلْ يَاعِبَادِي الَّذِينَ أَسْرَفُوا عَلَى أَنْفُسِهِمْ لَا تَقْنَطُوا مِنْ رَحْمَةِ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾‏ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە زۇمەر 53-ئايەت].

    بۇ تەۋبە قىلغۇچى توغىرسىدىكى ئايەت بولۇپ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا گۇناھتىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى4250-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى