سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن :ئاللاھ تائالا سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىزگە ياكى زىيىنىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن دېيىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ئەنسىرگەندە؛  ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دەپ دۇئا ئوقۇش يولغا قويۇلغانمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   سۈننەت بويىچە بىر كىشىدە ئەجەبلىنىدىغان ياكى ھەيران قالىدىغان بىر نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئۇ نەرسىنىڭ ئىگىسىگە كۆز تىگىپ كېتىشتىن ئەنسىرسە، ئۇ كىشىگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدە ياكى مال-مۈلكىدە ياكى قىرىندىشىدا ئۇنى ئەجەپلەندۈرىدىغان، ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، ئۇ كىشىگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن، چۈنكى كۆز تىگىش ھەقتۇر ». بۇ ھەدىسنى ئىبنى سۈننى"كېچە-كۈندۈزنىڭ ئەمىلى" ناملىق ئەسەرنىڭ 168-نەتتە كەلتۈرگەن. ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" 4 -توم 216-بەتتە كەلتۈرگەن، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "پاك سۆز" ناملىق ئەسەرنىڭ 243-بەتتە كەلتۈرگەن.

    ئەبۇ ئۇمامە ئىبنى سەھل ئىبنى ھەنىيپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەھەل ئىبنى ھەنىيپ يۇيىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ يەردىن ئامىر ئىبنى رەبىيئە ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: بۈگۈنگىچە بۇنداق تېرىسى گۈزەل بىرىنى كۆرمىگەنتىم دېدى، شۇنىڭدىن كىيىنلا سەھەل بىن ھەنىيپ ھوشسىزلىنىپ يىقىلدى، ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ سەھەل ھۈشسىزلاندى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:  «كىمدىن گۇمانلىنىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: ئامىر بىن رەبىيئەدىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئامىرنى چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشدىن ئەجەبلىنىدىغان بىر ھالەتنى كۆرسە، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن دېدى، ئاندىن سۇ ئەكەلدۈرۈپ ئامىرنى تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ يۈزىنى يۇدى، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكىگىچە يۇدى، تېزىنى ۋە بەدىنىنىڭ ئىچىنى يۇدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاھارەت ئالغان سۇنى سەھەلنىڭ ئۈستىگە تۆكۈشكە بۇيرىدى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى3509 –ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15550 –ھەدىس. ئىمام مالىك رىۋايىتى 1747.

2 - بەزى كىشىلەرنىڭ بىر نەرسىدىن ئەجەبلەنگەندە ياكى كۆز تىگىشتىن ئەنسىرگەندە ، "ماشا ئاللاھ لاقۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ" دەيمىز دېگەن سۆزىگە ئەبۇ يەئلا مۇسنەدىدە كەلتۈرگەن ۋە مەتالىبۇل ئالىيە 10-توم 348-بەتتە، ۋە تەپسىر ئىبنى كەسىر 5-توم 158-بەتتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ئائىلە، مال-دۇنيا ۋە پەرزەنت قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلسا"ماشا ئاللاھ لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ" دېسە، ئۇنىڭدا ئۆلۈمدىن باشقا ئاپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا مۇنۇ ئايەتنى دەلىللەيتتى: «سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە».

لىكىن  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس زەئىپ، ھەدىسنىڭ ئاساسلىق مەركىزى ئابدۇل مەلىك ئىبنى زۇرارە بولۇپ، ئۇ ، ھەدىس بايان قىلىشتا زەئىپ راۋى ھېسابلىنىدۇ.  بەيھەقىنىڭ ئابدۇللاھ ھاشىدى تەھقىق قىلغان، "ھاشىيەتىل مۇھەققىق"1-توم 417-بەت.

    بەزى ئۆلىمالار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زىكىرنى دىيىش يوللۇق دەپ قارايدۇ، ئىنسان ئەجەبلىنىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، ئۇنىڭغا ئاپەت يىتىش ياكى كۆز تىگىشتىن ئەنسىرىسە، ياكى ئەجەبلىنىش ۋە پەخىرلىنىش سەۋەبىدىن شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسىگە بىرەر ئىش بولۇشتىن ئەنسىرسە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئايەتنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلىغان.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسان ئەجەبلىنىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، ئۇنىڭغا كۆزى ياماننىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ئەنسىرسە، "ماشا ئاللاھ، تەبارەكەللاھ" دېسە، ئەجەپلەنگەن نەرسىگە كۆز تەگمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسان مال-مۈلكىدە ئۆزىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، "ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ"دېسۇن، ئۆزىنى ئەجەبلەندۈرگەن مۇشۇ مالدا كۆڭلى مەغرۇرلىنىپ قالمىسۇن"ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ" دېگەندە، ئىشنىڭ ھەممىنى ئۆز ئەھلى بولغان ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرغان بولىدۇ". "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى".

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسان باشقىلاردىن ئۆزىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆزى تىگىپ كىيىشتىن ئەنسىرسە" ئۇنىڭدا ئاللاھ سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن" دېسۇن، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز قېرىندىشى كۆزى تەككەن كىشىگە: «ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغان بولساڭچۇ!» دېگەن، ئەمما  "ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ"دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىدىن ئەجەبلەنگەندە دەيدۇ، بۇ خۇددى باغ ئىگىسى ئۆز ھەمراھىغا دېگەندەك: «سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە» دېسۇن. ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئىنسان ئۆزىنىڭ مېلىغا ھەيران قالىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، "ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ"دېسە، ئۇ كىشىنىڭ مېلىغا زەرەر يەتمەيدۇ».  ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى دەيدۇ. "ئايلىق ئۇچۇق سۆھبەت"19/235. ].

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 1-توم547-بەتتە: "كۆز تىگىش دېگەن: قىيىنچىلىققا ئۇچراش دېگەن بولۇپ، كۆز تىگىش ھەقتۇر، سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆز تىگىش ھەقتۇر، ئەگەر تەقدىرگە بىر نەرسە ئىلگىرى بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا كۆز تىگىش ئىلگىرى بولاتتى، يۇيۇنۇپ سۈيىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنسا، يۇيۇنۇپ بىرىڭلار». كۆز تىگىش ياكى ھەسەت بىلەن قاراش خۇددى سېھىرگەرلىككە ئوخشاش ھارامدۇر، كۆزى يامان ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭ چارىسى، ئۆزىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسە، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك «سېنى ئەجەپلەندۈرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرسەڭ ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلساڭچۇ!» دېگەندەك، ئاللاھنى زىكىر قىلسۇن ۋە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن، ۋە " ماشا ئاللاھ، لا قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ" دېسۇن، ئۇ كىشىگە بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن."  دائىمىي كومىتېتنىڭ پەتىۋاسى 1-توم 109-بەتكە قارالسۇن.

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى