شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

بۆرەك تازىلاش خىزمىتى سەۋەبىدىن نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن بۆرەك كېسىلى بولۇپ ھەپتىدە ئۈچ قېتىم بۆرەك تازلىتىمەن، تاھارەتسىز بۆرەك تازىلاش ئۈسكىنىسىدە ناماز ئادا قىلىش توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر توغرا بولماي قالسا مەن بۆرەك تازىلاش ئۈسكىنىسىدە بولغاندا پېشىن ۋە ئەسىرنىڭ ۋاقتى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بەك چارچاپ كېتىپ ئازراق ئارام ئېلىپ ئولتۇرۇپ بولغىچە شامنىڭ ۋاقتى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە نامازنى بىرگە ئادا قىلىمەن، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟. چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا كېسەل كىشى نامازنى تازىلاشتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن ئادا قىلىشى كېرەك، چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ياكى ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تازىلاش مۇددىتى ناماز ۋاقتىنىڭ قالغانلىرىدىمۇ داۋاملاشسا، تازىلاشتىن كېيىن ئادا قىلسا نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئىككىنچى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش مۇمكىن بولمىسا، ياكى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئادا قىلىش قېيىن بولسا، دەسلەپكى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش بىلەن ئىككىنچى نامازنى بىرگە ئادا قىلىدۇ، يەنى پېشىن بىلەن ئەسىرنى جەمى قىلىپ  پېشىننىڭ ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، شۇنىڭدەك شامنىمۇ خۇپتەن بىلەن بىرگە جەمى قىلىپ شامنىڭ ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ.

    ئەگەر تازىلاش نامازنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن باشلانغان بولسا ياكى ناماز ۋاقتى كېرىپتۇ لېكىن ئۇنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولمىسا، تازىلاش نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتكەندىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسا، نامازنى تازىلاشتىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈپ ئەگەر جۇغلاش مۇمكىن بولىدىغان ناماز بولسا كېيىنكى ناماز بىلەن بىرگە ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: تازىلاشنى ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن ياكى بامداتنىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى باشلىغان بولسا، ئۇ كىشىگە نامازنى كېچىكتۈرۈش توغرا بولىدۇ. زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتكەن بولسىمۇ بۆرەك تازىلاشتىن كىيىن قازاسىنى قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ تەرجىمىسى: «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ئاللاھدىن قورقۇڭلار» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    يەنە ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا ھېچ بىر كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

   چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئەھزاب ئورىشى بولغان كۈنىدە مۇشرىكلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خەندەك كولاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىلىپ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتكەندە شام ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئەسىرنى ئوقۇپ ئاندىن شامنى ئوقۇغان.

    ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".

    "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى". پەتىۋادا: شەيخ ئاندۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ ئال شەيخ... شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان.. شەيخ سالىھ ئەلپەۋزان.. شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد.

["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" ئىككىنچى بۆلۈم  9-توم 107-109-بەتلەر].

مەنبە: "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" ئىككىنچى بۆلۈم 9-توم 107-109-بەتلەر