جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى قائىدە توغرىسىدا

سۇئال

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلەرگە لەنەت قىلغانلىقىنى بىلىمىز، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش قانداق بولىدۇ؟، مەن تىڭىرقاپ قالدىم، مەن چىراي گۈزەللەشتۈرۈش بويۇملىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش دەپ قارايمەن، قاش يۇلۇش قانداق ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولىدۇ، يۇلغان تۈك يەنە قايتىدىن چىقىدىغان تۇرسا؟، بەزىلەر بۇ ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىش دەيدۇ، مەن قايسى ئىشنىڭ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟. ئادەتتە بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئاياللارنىڭ تېرىلىرى يايراپ كېتىدىغان تۈرلۈك گىرىم بۇيۇملىرى بار، بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىش توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  شەرئى دەلىللەر ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشتىكى بۇيرۇقلىرى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎ وَإِنْ يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَرِيدًا . لَعَنَهُ اللَّهُ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنْ عِبَادِكَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا . وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا  تەرجىمىسى: «(ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت ( ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن، شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن. كىمكى ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، (ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ.» [نىسا سۈرىسى 117 -ئايەتتىن 119 -ئايەتكىچە.]

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مەڭ چەككۈچى ۋە مەڭ چەكتۈرگۈچى، قاش تەرگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ ئېكەك سالغۇچىلارغا لەنەت قىلدى، بۇ سۆز بەنى ئەسەد قەبىلىسىدىن بولغان ئۇممۇ يەقۇپ دېگەن ئايالغا يەتكەندە، ئۇ ئايال ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، سېنىڭ مۇنداق- مۇنداق قىلغان ئاياللارغا لەنەت قىلغانلىق توغرىسىدىكى سۆزۇڭ ماڭا يەتتى دېگەن ئىدى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھنىڭ رەسۇلى لەنەت قىلغان ئاياللارغا مەن نېمە ئۈچۈن لەنەت قىلمايمەن؟ دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى  4886-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2125-ھەدىس].  

   بۇ ھەدىسنى ئىمام نەسائى: «رەسۇللۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ مەڭ چەككۈچى، چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى ۋە قاشلىرىنى تەرگۈچى ئاياللارغا لەنەت قىلغان» دېگەن لەپزى بىلەن رىۋايەت قىلغان. 5253 –ھەدىس.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى دېگەندىن مەقسەت: ياشانغان ياكى ياشانغانلىق دەۋرىگە يېقىنلاشقان ئاياللار چېشلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ۋە يېشىنى كېچىك كۆرسۈتۈش ئۈچۈن تامغاق چېش ۋە ئاستىن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئېكەك بىلەن ئايرىيتتى، چۈنكى بۇ شەكىلدە ئىنچىكىلىك بىلەن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېچىك قىزلار ئۈچۈن بولاتتى، 

   ئاياللار ياشىنىپ قالغاندا، كۆرۈنىشىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئېكەك بىلەن ئايرىيتتى، ئۆزىنى كىچىكلەپ قالغاندەك خىيال قىلىپ قالاتتى، ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويۇنچە بۇنى قىلىشمۇ ۋە قىلدۈرۈشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش، يالغانچىلىق ۋە باشقىلارنى ئالداش بولىدۇ".  

   «ھەدىستىكى چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغۇچى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: چىرايلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ شۇنداق قىلىدىغانلار، بۇنىڭدىن چىرايلىق بولۇشنى تەلەپ قىلىپ بۇنداق قىلدۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما چېشىدا ئەيىب بولسا ياكى داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق بولسا قىلدۇرسا گۇناھ بولمايدۇ".    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر مەڭ چەكتۈرۈش، قاش تېرىش ۋە چېشنىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ  پەتھۇل بارىيدا: "ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش" دېگەن ، مەڭ چېكىش، قاش تېرىش ۋە چېشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلغان كىشىگە لازىم بولىدىغان سۈپەت بولۇپ يەنە بىر رىۋايتتە چاچ ئۇلىغان دېگەن سۆزمۇ بار".

    ھەدىس قاش تېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ئۇنداق قىلغۇچىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ ھارام قىلىنغانىلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇيرۇققا بويسۇنۇش زۆرۈر بولىدۇ

     مۇشۇ ئىللەت، سەۋەب توغرىسىدا ئالىملار بىر قانچە تۈرلۈك قاراشتا بولدى.  ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر مۇشۇ ئىشلارنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى بۇنداق قىلغۇچىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ. بۇنىڭدىكى چەكلىمە توغرىسىدا مۇنداق قاراشلار بار، بەزىلەر بۇ باشقىلارنى ئالداشنىڭ جۈملىسىدىن دېسە، بەزىلەر:  ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش دەپ قارىدى. بۇ توغرا قاراشتۇر. بۇ قاراش بىرىنچى مەنانىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئاندىن بەزىلەر ئۆزگەرتىش جىسمىدا قالىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ قاتارىدىن  دەيدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ سۈرمە ۋە ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى بولسا ئالىملار رۇخسەت قىلغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ".  ["تەپسىر قۇرتۇبىي"5-توم 393-بەت].

     قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدە ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولىدىغان قائىدىگە ئىشارەت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ جىسىمدە قالىدىغان ۋە داۋام قىلىدىغان شەكىلدۇر، بۇ ناھايتى گۈزەل بېكىتىش بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە كەلگەن چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن ھېچ بىر كىشى ھارام دېمىگەن سۈرمە ۋە خىنە قاتارلىق دۇرۇس ئىشلارنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ھاسىل بولىدۇ، لېكىن بۇ يەرگە سىز سوئالدا بايان قىلغان قاشنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئۈنىدۇ دېگەن سۆزىڭىز كېلىدۇ. 

    بۇنىڭ جاۋابى: قاشنى تېرىپ يۇلىۋەتكەن تۈكنىڭ ئورنىغا ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن تۈك چىقىدۇ، بۇ دائىم تۇرىدىغان نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، چۈنكى قاشنى تەرگۈچى دېگەن ھەر ۋاقىت تۈك ئۈنۈپ چىقسا ئۇنى يۇلىۋېتىدۇ، قاش تېرىش ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتى بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دائىم بولىدىغان نەرسىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ. 

    ئىككىنچى: تۆۋەندىكى تۈرلەر دۇرۇس دائىرىسىگە كېرىدۇ: 

    1-داۋالىنىپ كېسەلنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا بولىدۇ،  بۇ توغرىدا ئابدۇراھمان ئىبنى تۇرپەدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، «ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئەرپەجە ئىبنى ئەسئەدنىڭ كىلاپ ئۇرىشى بولغان كۈنىدە بۇرنى كېسىلىپ كەتكەن بولۇپ، كۈمۈشتىن بۇرۇن سالدۇرغاندا بۇرنى سېسىپ پۇراپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۈرۈشقا بۇيرىغان.»   [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4232 –ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1770-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 5161 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچى، قاش تەرگۈچى، ساق تۇرۇپ مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە لەنەت قىلغان ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى4170 – ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. ]

     ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساق تۇرۇپ قاش تېرىش، چېشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، چاچ ئۇلاش ۋە مەڭ چەكتۈرۈشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم». [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3945 –ھەدىس. شەيخ ئەھمەد شاكىر بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ دېگەن.

    شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ساق تۇرۇپ دېگەن سۆزدىن، ھېچ قانداق كېسەل يوق، سەۋەپسىز چىرايلىق بولۇشنى مەقسەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، كېسەللىك سەۋەبىدىن بولسا ھارام ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ".  ["نەيلىل ئەۋتار"  6 -توم 229 بەت].

    2-تۇيۇقسىز دۇچ كەلگەن ئەيىپنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا دۇرۇس بولىدۇ، قارا چېكىت ۋە مەڭ دانچىلىرى قاتارلىقلارنى يوق قىلىش بولسا، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس بەلكى ئاللاھ ياراتقان شەكىلگە قايتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر . ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:  ئېرى ئۈچۈن چېرايىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان ۋە قارا چېكىتلەرنى يوق قىلىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ". 

     مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىن تېرىنى ياشارتىدىغان مايلارنى ئىشلىتىش، بۇ تېرىنى ئەسلىگە قايتۇرغانلىق بولىدۇ.

    3- سۈرمە، خىنە، لەۋ گىرىمى، ئەڭلىك قاتارلىق ئۈزۈن داۋام قىلمايدىغان ۋە ئەسلى شەكىلنى ئۆزگەرتمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، خىنە بىلەن سۈرمە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تاكى بۈگۈنگىچە ئاياللار ئارىسىدا تونۇشلۇق ۋە كەڭ تارقالغان گرىم بۇيىمىدۇر، خۇشبۇي نەرسىلەرگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان زەپىران قاتارلىق رەڭلىك نەرسىلەرمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تېرە ۋە بەدەنگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان گۈزەللەشتۈرۈش گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

   ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، «ئۇكىشى توي قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئۈستى-باشلىرىدا خۇشبۇي سېرىق نەرسىلەرنىڭ ئېزى بار ئىدى». [بۇخارى رىۋايىتى 5153 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1427 –ھەدىس]. 

    ئەرلەرنىڭ زەپىران رەڭلىك نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەنلىكتىن ئالىملار ئۇنىڭ ئۈستى بېشىدىكى سېرىق رەڭلىك نەرسىلەرنى ئايالىدىن يۇققان دېگەنگە قاراتقان. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى