جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بانكا بىلەن ئىسلام بانكىسى ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

ئىسلام بانكىسى جازانە شەكىلدە مۇئامىلە قىلمىسا، قانداق پايدا ئالىدۇ؟ بانكىنىڭ نېمە مەنپەئەتى بولىدۇ؟، قىلغان خىزمەتنىڭ بەدىلىگە ئالغان پۇل جازانە قاتارىغا كىرەمدۇ؟، ئىسلام جازانە مۇئامىلىسى دەپ قارايدىغان مۇئامىلە نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرنچى: تىجارەت بانكىلىرى تايىنىدىغان ئاساسلىق پايدا سىستېمىسى چەكلەنگەن-ھارام بولغان جازانە پرىنسىپىدىن ئىبارەت بولۇپ، جازانە شەكىلدە قەرز بېرىش ۋە قەرز يېغىش ئاساسىغا تۇرغۇزىلىدۇ. مەزكۇربانكا خېرىدارىغا مەلۇم پايدىنىڭ بەدىلىگە پۇل قەرز بېرىدۇ، بانكىدا پۇل ئامانەت قويغان كىشىمۇ مەلۇم پايدىنىڭ بەدىلىگە پۇلىنى بانكىغا قەرز بەرگەن بولىدۇ، پايدا ئاساسىغا قەرز مۇئامىلە قىلىش بولسا، ئۇنىڭ ھاراملىقىغا ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن جازانىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 110112-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىسلامى بانكا ۋە پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان ئىلىم-سېتىم، پايدىنى تەڭ ئېلىش، شېرىكچىلىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك شەكىلدىكى مەبلەغ سىلىش مۇئامىلىلىرىگە تايىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، پېرېۋوت چېكىدىن كېلىدىغان پايدىلار ۋە پۇل ئالماشتۇرۇشتىن كەلگەن پايدىلارغا تايىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى مىسال دۇرۇس بولغان مۇئامىلە بىلەن جازانە مۇئامىلىسىنىڭ ئارىسىدىكى ۋە ئىككى مۇئامىلىنىڭ بىرىنى ئىجرا قىلغاندا بانكىنىڭ قانداق پايدا ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاددى پەرق. مۇئامىلە قىلغۇچى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى كۆپەيتىش ۋە پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلسا ئىقتىسادىنى تولۇق ھېساب بىلەن جازانە بانكىسىغا ئامانەت قويىدۇ، بانكا ئۇ كىشىگە ئەسلى سەرمايىسىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن مەلۇم مۇددەتتە مەلۇم مىقداردا پايدا بېكىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتتە جازانە شەكلىدىكى قەرز مۇئامىلىسىدۇر، مۇئامىلە قىلغۇچى بانكىغا قەرز بېرىدۇ، بانكىنىڭ بېرىدىغان پايدىسى ئامانەت قويۇلغان مالدىن كېلىدۇ، بانكا ئۇ مالنى باشقا بىر مۇئامىلە قىلغۇچىغا قەرز بېرىپ، قەرزدىن ئۆسۈم شەكلىدە پايدا ئالىدۇ. نەتىجىدە: بانكا قەرز بېرىدۇ، قەرز ئالىدۇ ۋە ئوتتۇرىدىن پايدا ئالىدۇ.

ئىسلام بانكىسىدىكى مەبلەغ سىلىش يوللىرىنىڭ بىرى، مۇئامىلە قىلغۇچىدىن مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد ئالىدۇ. بانكا بۇ مەبلەغنى شەرىئەت يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە تىجارەت قىلىدۇ. تىجارەت يوللىرى ئىككى تەرەپ پايدىنى تەڭ نىسبەتتە ئېلىش ياكى يوللۇق بولغان ئۆي مۈلۈكچىلىك دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ، پۇل بەرگۈچى مەلۇم نىسبەتتە پايدىغا ئېرىشىدۇ، بانكىمۇ تىجارەتكە قاتناشقان تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم نىسبەتتە پايدا ئالىدۇ، شۇ ئارقىلىق بانكا مەلۇم نىسبەتتە يوللۇق بولغان پايدىغا ئېرىشىدۇ، بۇلارنىڭ ئېرىشكەن پايدىسى جازانە بانكىسىنىڭ ھارام يول بىلەن ئېرىشكەن پايدىسىدىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ، لېكىن پايدىنى مەلۇم نىسبەتتە تەڭ ئېلىش شەكىلدە تىجارەتكە قەدەم بېسىش بولسا خەتەرلىك ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا يوللۇق بولغان پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق قىلىش، ھەتتا بۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلگىچە توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك بولىدۇ.

يۇقىرىقى مىسالدا بايان قىلىنغاندەك ئىسلام بانكىسى بىلەن جازانە بانكىسى ئارىسىدىكى پەرق، ئۇ ھارام بولغان جازانە شەكىلدىكى قەرز بىلەن بەزى ۋاقىتتا مۇزارىبەت قىلغۇچى(پۇل چىقارغۇچى)ئۆزىنىڭ مېلىنى زىيان تارتىدىغان يوللۇق بولغان شېرىكچىلىك بولۇپ بۇنىڭدا ئەسلى مالغا كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ، ئەمما پايدا ئالغاندا ھالال مالنى پايدا ئالىدۇ.

ئاساسى مەقسەت: ئىسلام بانكىسىنىڭ پايدا ئېلىشى ئۈچۈن يوللۇق بولغان نۇرغۇن يوللار بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بانكىلار تەرەققى قىلىپ كېڭەيدى. ھەتتا مۇسۇلمان بولمىغان بەزى دۆلەتلەر ئىسلام پۇل-مۇئامىلە پرىنسىپىنى قوللىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ھەقىقى پايدا روياپقا چېقىدۇ، ۋەيران بولۇش ۋە زىيان تارتىشقا سەۋەپ بولىدىغان جازانە تۈزىمى بۇزۇلۇپ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 113852 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى: جازانە شەكىلدىكى مۇئامىلىلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: مەلۇم نىسبەتتە پايدا ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىش ۋە قەرز ئېلىش، ئوخشاش تۈردىكى پۇللارنى نېسى ياكى ئىككىنىڭ بىرى نېسى (دوللارنى دوللارغا، لىرانى لىراغا، يۈەننى يۈەنگە)بىر-بىرىگە ئالماشتۇرۇش، ئالتۇننى ئالتۇنغا كەم-زىيادە ياكى نېسى شەكىلدە ئالماشتۇرۇش، ماھىيىتى جازانە قەرىزگە قايتىدىغان ئىشلار، تىجارەت ھۆججىتى، بانكا چېكى، پاي سىلىش گۇۋاھنامىسى، مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش سودىسىدا كېچىكتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن ئېلىنىدىغان جازا، ئىناۋەتلىك كارتىنى تارتىۋېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تور سەھىپىمىزدىن مۇشۇ مەسىلىگە ئالاقىدار تېمىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى