جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدارلىقتىن چەكلىنىش دورىسى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى قالايمىقانلاشقانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن سالامەتلىكىم ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن توغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلەتتىم، بەزى كۈنلىرى دورا ئىستىمال قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدىم، ھازىر مەندىن قان كېلىشكە باشلىدى، قان كېلىۋاتقان كۈنلىرىمۇ ئىككى كۈن ناماز ئوقۇيمەن، لېكىن بۇنىڭدىن گۇناھ ھېس قىلىمەن، بۇ ئىشتىكى توغرا قاراش قايسى؟ مەن سالامەتلىك سەۋەبىدىن تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلىتىمەن، بۇنىڭدىن ئېرىمنىڭمۇ خەۋىرى بار، مەن يا تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلىتىشىم ياكى سالامەتلىككە قارشى يۈزلىنىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئايال كىشى پەقەت مۇنۇ ئىككى شەرت بىلەن تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ:

    بىرىنچى: كېسەل ياكى ئاجىز بولۇپ ھامىلدار بولسا كېسىلى ياكى ئاجىزلىقى ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئېرى رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك، ئەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ھەققى بار. ئاندىن مۇشۇ دورىنى ئىشلىتىش، بۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقى، كېيىنچە ئۆزىگە زىيانلىقمۇ ئەمەسمۇ قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلىش ئۈچۈن ئىشەنچىلىك، تەجىرىبىلىك دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش زۆرۈر بولىدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن مۇشۇ مەزمۇندىكى سوئال سورالغان بولۇپ، 92116- نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىدا بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىككىنچى: قان كېلىشنىڭ ھۆكمى ۋە بۇ ئەھۋالدا ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىستىمال قىلىش ئاياللارنىڭ ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى-كېيىن قىلىۋېتىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار: بۇ ھەيزدىن ھېسابلىنامدۇ ياكى ھېسابلانمامدۇ؟ دېيىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى.

      شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ تۇغۇت چەكلەش دورىسى سەۋەبىدىن ھەيزنىڭ ۋاقتى ئۇزۇراپ كەتسە بۇمۇ ھەيزدىن ھېسابلىنىدۇ، دېگەن قاراشنى تاللاپ مۇنداق دېدى: بۇ دورىنىڭ زىيانلىق تەرىپى؛ بۇ دورا ئاياللارنىڭ ئايلىق ئادىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئاياللارمۇ بۇنى بىلەلمەي شەكلىنىپ، ھەيرانلىقتا قالىدۇ، شۇنىڭدەك پەتىۋا بەرگۈچىلەرمۇ ئىككىلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ئايالدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بۇ قان ھەيزنىڭ قېنىمۇ ياكى ئەمەسمۇ بىلمەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ئادەتتە بەش كۈن ئادەت كۆرىدىغان ئايال تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئادىتى ئېشىپ كەتكەن بولسا، بۇ زىيادىلىك ئەسلىگە ئەگىشىدۇ، يەنى ئومۇمى ئادەت كېلىدىغان كۈنى ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە بۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئەگەر ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە، بۇ ئىستىھازە(خۇن كېسىلى ياكى ئاياللار كېسىلى) گە ئايلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئايال ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بەش كۈندىن ئىبارەت بولغان ئادىتىگە قايتىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"1-توم 123-بەت].

    پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى: ئايال مۇشۇ دورا سەۋەبىدىن كەلگەن قانغا قارايدۇ، بۇ قاننىڭ ھەيزنىڭ قېنىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىسا ھەيز ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئادەتتىكى قاننىڭ سۈپىتىگە ئوخشىسا بۇ نورمال قان بولۇپ ھەيز ھېسابلانمايدۇ دېگەن قاراشنى تاللىدى.

   ئۇلاردىن: ھازىر ئاياللار ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغان تابلىت دورىلارنى يېيىش ۋە دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۈزۈك سالدۇرۇش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ، ئايالنىڭ ھامىلدار بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىككى دانە تابلىت بېرىلىدۇ، بۇ ھالەتتە ھامىلدار بولمىسا قان كېلىدۇ. بۇ قان ساناقلىق كۈنلەر ئارىسىدا كېلىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى ناماز، روزا ۋە جىمانى تەرك قىلىدىغان ھەيزنىڭ قېنىنىڭ ھۆكمىگە چۈشەمدۇ؟. بىلىشىمىزچە، بۇ قان كەلگەن ۋاقىت ئايالنىڭ ئادەت كۆرىدىغان ۋاقتى ئەمەس؟.

    شۇنىڭدەك، بەزى ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرغان ياكى تابلىت دورا ئىشلەتكەندە ئۇلارنىڭ ئايلىق ئادەت كۆرۈش ۋاقتى ئۆزگىرىدۇ، تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئايلىق ئادىتى زىيادە بولۇپ تاس قالىدۇ بىر ئايدا ئىككى ھەپتىمۇ پاك بولمىغىلى، بۇ قان ئۈچ ھەپتە ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدۇ، بۇ قان ئادەت كۆرۈپ قالغاندا كېلىدىغان قاننىڭ ئۆزى، شۇنىڭدەك بۇ قان ئىلگىركى سوئالدا بايان قىلىنغان، ئايالنى ھامىلەمۇ ياكى ھامىلە ئەمەسمۇ بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىككى دانا تابلىت بەرگەندە كەلگەن قاننىڭ ئۆزى.

    سوئال: مۇشۇنداق ئۈچ ھەپتە جەريانىدا ئايالدىن كەلگەن قان ھەيزنىڭ قېنىنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ بۇ دورىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى بىر ھەپتە ياكى ئون كۈن دېگەندەك ئەسلى ئادىتىگە ئەمەل قىلامدۇ؟ دېگەندە، دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئايال ئىككى دانە تابلىتنى يېگەندىن كېيىن كەلگەن قان ئادەتتە ئاياللارغا تونۇشلۇق بولغان ھەيزنىڭ قېنى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ناماز، روزىنى ۋە جىنسى مۇناسىۋەتنى تەرك قىلىدۇ، ئەمما كەلگەن قان ھەيزنىڭ قېنى بولمىسا، بۇ ناماز، روزا ۋە جىنسى مۇناسىۋەتنى چەكلەيدىغان ھەيزنىڭ قېنى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، ئۇ پەقەت دورىنىڭ سەۋەبىدىن كەلگەن قان ھېسابلىنىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 5-توم 402-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: دورا ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن كەلگەن ھەيزنىڭ قېنى؟ توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئالدى بىلەن ئايال بۇنى دوختۇردىن سورايدۇ، دوختۇر ھەيز دېسە ھەيز بولىدۇ، ئەمما بۇ ھەيز ئەمەس پەقەت دورىنىڭ تەسىرىدىن بولغان دېسە، ھەيز بولمايدۇ" دېگەن. [ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ"ھەرەم مەسچىتىدىكى پەتىۋالار ۋە دەرىسلەر" نامىلىق ئەسىرى 2-توم 284-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى