جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

توغرا يولغا يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا سەمىمى نەسىھەت

سۇئال

ھىدايەت يولىغا مېڭىۋاتقان ياكى يېتەكلىنىۋاتقان ياشلارغا نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن توغرا يولغا يۈزلەنگەن ياشلارغا قىلىدىغان سەمىمى نەسىھىتىمىز:

1-ئاللاھ تائالادىن ھەرۋاقىت ئەقىدىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، توغرا يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورىشى لازىم.

2-قۇرئان كەرىمنى كۆپ تىلاۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئويلىنىشى كېرەك. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىپ، مەنىلىرىنى ئويلىنىپ ئوقۇغاندا قەلبىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3-تائەت-ئىبادەتلەرنى بوشاشماستىن داۋاملاشتۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا دائىم ھورۇنلۇق ۋە بوشاڭلىقتىن پاناھ تىلەيتتى.

4-ياخشىلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇشى ۋە ناچار كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

5-ھەرۋاقىت ئۆزىگە تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ، نەپسى-خاھىشى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىققا يۈزلەنسە: ئى نەپسىم! مۇساپە يىراق، يول ئۇزۇن، بوشاڭلىق قىلما! ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى لازىم. چۈنكى جەننەت ئىشلەش قېيىن تۇيۇلىدىغان ئەمەللەر بىلەن، دوزاخ بولسا ھاۋايى-ھەۋەس (يەنى شەيتانى  ئەمەللەر) بىلەن قورشالغاندۇر.

6 - ناچار ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشى لازىم. گەرچە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يېقىن دوستلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار بىلەن ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ يامان تەسىرىدىن خالى بولالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مىسال بايان قېلىپ مۇنداق دېگەن: ناچار ھەمراھنىڭ مىسالى، تۆمۈرچىنىڭ كۆررىكىنى باسقۇچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسەڭ كىيىمىڭنى كۆيدۈرۈۋالىسەن ياكى ئۇنىڭدىن يىرگىنىشلىك پۇراقلارنى يۇقتۇرىۋالىسەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى