چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشنىڭ شەرئى بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىش سودىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ساقلايدىغان  ۋە ھەق-ھوقۇق، پرىنسىپ ۋە  جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان  بەلگىلىمە قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    مەلۇم مۇددەتكىچە بېرىدىغانغا بىر نەرسە سېتىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنْتُمْ بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَاكْتُبُوهُ ‏ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى (ھۆججەت قىلىپ) يېزىپ قويۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 282-ئايەت].

    ۋاقىتنىڭ بەدىلىگە قىممەتنى زىيادە قىلىش چەكلەنمەيدۇ. بۇ شەكىلدىكى سودىنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇشقا قوشۇن تەييارلاش جەريانىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كېيىن ئىككى تۆگە بېرىش بەدىلىگە بىر تۆگە سېتىۋېلىشقا بۇيرىغان». مۇشۇنداق مۇئامىلىلەردە ئىككى تەرەپ چەكلەنگەن سودا كىلىشىمىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن شەرىئەت تەقەززا قىلىدىغان قائىدىلەرنى بىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بەزى كىشىلەر ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەرسىنى ساتىدۇ، ئاندىن ئۇ نەرسىنى بازاردىن سېتىۋېلىپ كېلىپ ئەسلىدىكى سېتىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

    يەنە بەزى كىشىلەر بىر نەرسىنى سېتىۋالسا ئۇ نەرسىنى ساتقۇچىنىڭ   يېنىدىن شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە تاپشۇرۇپ ئالمايلا شۇ يەردە سېتىۋېتىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئەمەس، چۈنكى بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەكىم ئىبنى ھىزامغا مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭدە يوق نەرسىنى ساتمىغىن»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەرز بىلەن سودىنى بىرلەشۈرۈش ۋە يېنىڭدا بولمىغان نەرسىنى سېتىش توغرا بولمايدۇ».

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاشلىق سېتىۋالغان كىشى سېتىۋالغان نەرسىسىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ساتمىسۇن». 

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاشلىقنى كۆز چېغىدا مۆلچەرلەپ سېتىۋالاتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ئادەم ئەۋەتىپ بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ تەۋەلىكىمىزگە يۆتكەپ بولۇپ سېتىشقا بۇيرىدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].

    يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «تىجارەتچىلەرنى تاۋارنى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىگە يۆتكىمەي سېتىشتىن چەكلىگەن».

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەنالارنى ئىپادىلەيدىغان ھەقنى تەلەپ قىلغۇچىغا شۇ ئېنىق بولىدۇكى: مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى سېتىپ ئاندىن ئۇنى بازاردىن سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇ نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ مۈلكىگە ئۆتكەندىن كېيىن سېتىشى كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولىدۇكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىلىم-سېتىملىرىدا؛ ساتقۇچىنىڭ يېنىدا بولغان نەرسىنى سېتىۋالغۇچى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكىگە يۆتكىمەستىنلا سېتىۋېتىدىغان ئىشلىرى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت ئىشتۇر، بۇ سودا مۇئامىلاتلىرى بىلەن ئوينىغانلىق ۋە شەرئى پرىنسىپقا ئەمەل قىلمىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر، بۇنىڭدىن ئىنسان ساناپ بولالمايدىغان يامان ئاقىۋەت، يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىق كېلىپ چىقىدۇ".

    "ئىبنى باز پەتۋالىرى مەجمۇئەسى"  19 -توم 15 -17- بەت] .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى